پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 311|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بۇ 4 ھىكايە تەقدىرىڭىز ئۆزگەرتىشى مۇمكىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
بۇ 4 ھىكايە تەقدىرىڭىز ئۆزگەرتىشى مۇمكىن

1-ھىكايە


ئىت بىلەن مۈشۈك ياخشى دوسىتلاردىن ئىكەن. بىر كۈنى ئىت ئورەككە چۈشۈپ كېتىپتۇ، مۈشۈك ئىتنى قۇتقۇزماقچى بولۇپ ئارغامچا ئەكىلىپتۇ. ئىت مۈشۈكنى ئارغامچىنى تاشلاپ ئۆزىنى تارتىشنى ئېيتىپتۇ. نەتىجىدە مۈشۈك ئارغامچىنىڭ ھەممىسىنى ئورەككە تاشلاپتۇ، ئىت نىم دىيىشنى ئۇقماي تۇرۇپ قاپتۇ. بىر ئازدىن كىيىن مۈشۈككە سەن ئارغامچىنىڭ ھەممىنى تاشلىۋەتسەڭ، مىنى قانداق تارتىپ چىقىسەن؟ دەپتۇ. مۈشۈك : ئەمىسە قانداق قىلسام بولىدۇ؟ دەپتۇ. ئىتنىڭ ئۇنىڭ سادلارچە سۇئالىغا : ئارغامچىنىڭ بىر ئۇچىنى تۇتۇپ، يەنە بىر ئۇچىنى ماڭا بەرسەڭ بولاتتى، دەپتۇ. مۈشۈك ئىتنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ، ئورەككە سەكرەپتۇ ۋە ئارغامچىنىڭ بىر ئۇچىنى تۇتۇپ، يەنە بىر ئۇچىنى ئىتقا تەڭلەپتۇ... ئىت مۈشۈككە قاراپ، كۆزىنى ياشلاپ تۇرۇپ، ئەمدى بولدى، دەپتۇ.
مەنىسى : بەزىدە ئەتراپىڭىزدىكى ساددا، تۈز كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە زەررىچە يامانلىق بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنى قەدىرلەڭ، دىلىغا ئازار بەرمەڭ.

2-ھىكايە

بىر كۈنى يولۇچى بىر ئەما كىشىنىڭ چىراق ياندۇرۋالغانلىقى كۆرۈپ، ھەيرانلىقتىن سەۋەبىنى سوراپتۇ. ئەما كىشى : ئاڭلىسام كىشىلەر قاراڭغۇ چۈشكەندە كىشىلەر ماڭا ئوخشاش ھېچنىمىنى كۆرەلمەيدىكەن، شۇڭا مەن ئۇلار ئۈچۈن چىراق ياندۇرۇپ يولنى يورۇتۇپ بەردىم، دەپتۇ. يولۇچى : سىز باشقىلار ئۈچۈن يونى يورىتىۋېتىپسىز، سىز ئاقكۆڭۈل كىشىكەنسىز، دەپتۇ. ئەما يولۇچىغا، ئەمەلىيەتتە مەن ئۆزۈم ئۈچۈن چىراق ياقتىم، چۈنكى مەن چىراقنى ياندۇرغاندا قاراڭغۇدا ئۇلارنى مىنى كۆرەلەيدۇ، شۇندىلا مىنى سوقىۋەتمەي ماڭىدۇ، دەپتۇ.
مەنىسى : سىز باشقىلار ئۈچۈن قىلغىنىڭىزھەممىسى، ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىز ئۈچۈندۇر.

3-ھىكايە



بىر كۈنى ئىشچى دوستىغا قاقشاپ : ئىشنىڭ جاپاسىنى بىز قىلىمىز، ماختاشقا بىزنىڭ گۇرۇپپا باشلىقىمىز ئېرىشىدۇ، ئاخىرىدا تۆھپە باشلىقنىڭ بوپ كېتىدۇ. بۇ نىمىدىگەن ئادالەتسىزلىك... دەپتۇ. دوسىتى كۆلۈپ تۇرۇپ، قولۇڭدىكى سائەتكە قارا، سەن ئاۋۋال سائەتنىڭ ئىستىرىلكىسىغا قارايسەن، ئاندىن مىنۇت ئىستىرىلكىسىغا قارايسەن شۇنداقمۇ؟ ئەمما، ئەڭ كۆپ ئايلىنىدىغان سىكنۇت ئىستىرىلكىسىغا قاراپمۇ قويمايسەن، توغرىدۇ؟! دەپتۇ.
مەنىسى : كشىلىك تۇرمۇشتا، جاپانى ئەڭ كۆپ تارتىغانلار ئادالەتكە ئېرىشەلمەيدىغان ئىشلار جىق. بۇنىڭغا زارلاپ قاقشىغاننىڭ پايدىسى يوق.

4-ھىكايە



چوڭ راھىب كىچىك راھىبتىن سوراپتۇ : ئالدىڭغا بىر قەدەم ماڭساق ئۆلۈم، كەينىڭگە بىر قەدەم يانساڭ كۆرۈم بولسا، بۇ چاغدا سەن قانداق قىلىسەن ؟ كىچىك راھىب ئىككىلەنمەيلا : يانغا قاراپ ماڭىمەن، دەپتۇ.
مەنىسى : تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا يولۇقۇپ پەقەت ئىككى تاللاش قالغاندا، نىمىشقا باشقا نۇقتىدىن تۇرۇپ ئويلاپ باقمايسىز.

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
دىۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-4 17:51:42 | ئايرىم كۆرۈش
ئىلگىرى تاراتقۇ باش سەھپىلىرىنى «جۇڭگو پۇل ئۇرۇشىغا تۇنجى پاي ئوقنى ئاتتى»دېگەن خەۋەر ئىگەللىگەن ئىدى، ئەمما بۈگۈنكى كۈن كىمنىڭ پۇل ئۇرۇشىدىكى چوڭزىيانلانغۇچى ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىدى. ئەلۋەتتە خەنزۇچىدا « 没完没» دەيدىغان بىر سۆز بار، شۇنداق پۇل ئۇرۇشى تېخىئەۋجىگە چىقمىدى، ھېچنىمە ئاياقلاشمىدى، فېد بۇ يىل يەنە ئۈچ قېتىم ئۆسۈمئۆستۈرىدۇ، ئەتە يازدا توڭلىتىلغان پايلارنىڭ چەكلەش ۋاقتى توشۇپ بازارغا كىرىدۇ،بۈگۈننى ئاسماننى ئۇرۇش تۇمانلىرى قاپلىغان كۈن دەپ تەسۋىرلىسەك، ئەتىنى ئوقئاۋازلىرى ياڭرايدىغان كۈن دەپ تەسۋىرلەشكە بولىدۇ.

ئىس-تۈتەكسىز ئۇرۇش يېنىڭىزدىلا يۈز بېرىۋاتىدۇ، تاماشا كۆرۈش خۇمارىڭىزبولسا تۈركىيە-روسىيە، ئىران-سەئۇدى ئەمەس، جۇڭگو بازىرىغا دىققەت قىلىڭ، ئۇزاقۋاقىتنى تىلغا ئالمىغاندىمۇ، قىسقىغىنە تۆت كۈنلۈك زىيان ئوتتۇرا شەرق،قازاقىستان، گرىتسىيە، ئارگېنتىنا، ئەزەربەيجان دىگەندەك ئىلگىرى ۋەيران بولغان بۇدۆلەتلەرنىڭ زىيان جۇغلانمىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.تاماشا كۆرۈشكە قىزىقىدىغانلار تېما داۋامىغامەرھەممەت.

( شۇنچە چوڭ ئىشلاربولسىمۇ، ئۇيغۇرچە تور تاراتقۇدا پاراڭ بولۇنماپتۇ، يېڭىدىن تىزىملاتسام ۋاقىتساقلايكەنمەن، شۇڭا بۇرادىرىمنىڭ ئىسمىدا يوللاپ تۇردۇم...داۋامى كېيىن ئۆز نامدايوللىنىدۇ.)

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش