« شىنجاڭ بۇلبۇلى » – ئاتاقلىق ناخشىچى پاشا ئىشان
« شىنجاڭ بۇلبۇلى » ــ ئاتاقلىق ناخشىچى پاشا ئىشان
پاشا ئىشان 1940- يىلى 11- ئايدا ناخشا- مۇزىكىنىڭ بۇلىقى ھېساپلىنىدىغان غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان . ئۇ دادىسىدىن كىچىك يىتىم قالغاچقا ئاپىسىنىڭ قۇلىدا ئۆسىپ چوڭ بولدى. ئاپىسى ناخشا- مۇزىكىغا ھېرىسمەن ئايال بۇلۇپ، دۇتتارنى ناھايىتى ياخشى چالاتتى. ناخشىنىمۇ ئوبدان ئېيتاتتى. ئۇ قىزىنى بۇۋاق ۋاختىدىن تارتىپ پەپىلەپ « ئەللەي » گە دۇتتارنى تەڭكەش قىلىپ ، ئۇنىڭ قەلبىگە ئۈزۈلمەس بىر مىلودىيەنى سىڭدۈردى. شۇڭا پاشا ئىشان 5 ياشقا كىرگەندە ئاپىسىنىڭ ياردىمىدە، دۇتتار بىلەن«سىرىلما » پەدىسىنى چېلىشنى ئۈگىنىۋالدى.ئۇ ناخشا ئېيتىشقا ئىنتايىن ھېرىسمەن بولغاچقا« ئايخان » مەكتىپىنىڭ 1- يىللىقىدا ئۇقۇۋاتقان چېغىدىلا ئۆزىنىڭ يېقىملىق، جاراڭلىق ،ئاۋازى بىلەن باشقىلارنىڭ دىقققىتىنى قوزغىدى. ناخشا ئېيتىش ماھارىتىنى بولسا شۇ يىللاردا ئامرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشەنگە ياردەم بېرىش پائالىيىتىگە ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەنگەن « چاۋشەن قىزى » ناملىق ناخشا بىلەن تېخىمۇرۇشەن نامايەن قىلدى.
1952- يىلى ئۇ مەكتەپ قوينىدىن چىقىپ سەنئەت ساھەسىگە قەدەم تاشلىدى . تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان بۇ قىزنىڭ لەرزان ئاۋازى ئىلى ۋادىسىدا ياڭراشقا باشلىدى. 1953- يىلى پاشا ئىشان يۇرتداشلىرىنى ھەيران قالدۇرۇپ چاۋشەنگە بېرىپ ھال سۇراش ئۇيۇنى قۇيۇشتەك قۇتلۇق شان – شەرەپكە ئېرىشتى. بۇ شۇچاغدىكى ئۇيغۇر سەنئىتىگە نىسبەتەن تارىخى خاراكتىرلىك مۆجىزە ئېدى.ئۇ ئۆزىنىڭ ناخشا ئۇرۇنداشتىكى شۇنداق تەبئىي تالانتى بىلەن شۇ يىلى ئۆلكىلىك ناخشا ئۇسۇل ئۆمىكىگە قۇبۇل قىلىندى . پاشا ئىشان شۇندىن ئېتىبارەن قەلبىگە ئۇلۇغۋار ئارزۇ – ئارمانلارنى پۈكۈپ تەۋرەنمەس ئىرادە، كۈچلىك مەسئۇلىيەت ۋە سەنئەتكە بولغان چۇڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ناخشا مەشىق قىلىشنى كۈچەيىتپ ، ئۆزىگە خاس بولغان سەنئەت تالانتىنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا تىنىمسىز ئىزدىنىشكە باشلىدى.
1955- يىلى ئەمدىلا 15 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان گۈزەل سۇمباتلىق ئۇيغۇر قىزى پاشا ئىشان پولشانىڭ پايتەختى ۋارشاۋادا ئۆتكۈزىلگەن 117 دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىرى ئىشتىراك قىلغان 5- نۆۋەتلىك دۇنيا ياشلار فېستىۋالىغا قاتنىشىپ ، ئىلى خەلىق نەخشىلىرى ئۇسلۇبىدا ئىجاد قىلىنغان «ئازات زامان» ، « ئانا ئارزۇسى» « ۋەتىنىم» قاتارلىق ناخشىلارنى ئۇرۇنلاپ، كۈمۈش مېدالغا ئېرشىپ ، مىللەتكە ۋە ۋەتەنگە زور شان – شەرەپ كەلتۈردى. پاشا ئىشان فېستىۋالدىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ، ئۇنىڭ تېخىمۇ نامى چىقىشقا باشلىدى. ھەر قېتىملىق ئۇيۇندا ئۇ سەھنىىگە چىقسىلا تاماشىبىنلارنىڭ گۈلدىراس ئالقىش سادالىرى توختىمايتى . خەلىق مۇشۇنداق تالانتلىق ناخشىچىنىڭ يىتىشىپ چىققانلىقىدىن ئالەمچە ھاياجانغا چۈمۈلەتتى. 1957- يىلى ئۇ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ئۇيۇن قۇيۇش ئۆمىكى تەركىۋىدە سابىق سوۋىت ئىتپىقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازىقىستان، ئۆبېكىستان، تۈرىكمەنىستان قاتارلىق 6 رېسپوبلىكىسىنى ئايلىنىپ ئۇيۇن قۇيۇش جەريانىدا ئىلى خەلىق ناخشىلىرىدىن « ۋەتىنىم»، « سېغنىپ كەلدىم»، «يار سېنىڭ دەردىڭ»، قاتارلىقلارنى ئۇرۇنداپ ، چەتئەللىك دوسلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى ھەمدە شۇ يىلى بېيجىڭغا بېرىپ تۇنجى قېتىم ماۋجۇشىنىڭ قۇبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى. 1961- يىلى ئۇ جۇئېنلەي زۇڭلىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەر مىللەت سەنئەتكارلىرى بىلەن ھېندىنوزىيە، نېپال ، بىرما، ئىراق قاتارلىق 4 دۆلەتكە زىيارەتكە بېرىپ « ئازات زامان »، مودەنخان »، « سېغىنىپ كەلدىم» قاتارلىق يېقىملىق ناخشىللىرى بىلەن شۇ يەردىكى تاماشىبىنلار ئارسىدا چۇڭقۇر تەسىر قوزغىدى.
ئۇ ئۆزىنىڭ 50 يىلدىن ئارتۇق سەھنە ھاياتىدا ئىلگىرى- ئاخىرى بۇلۇپ،« ئازات زامان» ، « ئەجەم مۇقامى»، «ۋەتەنگە مەدھىيە»، « جانەي»، « يارسېنىڭ دەردىڭ يامان»، « دوستۇمغا» ، « گۇلزارەي»، « ئامان بولسۇن»، « قىز قۇشۇغى»،« خان لەيلۇن»، « غېرىپ سەنەم ناخشىلىرى»، « لېۋەن يالا» قاتارلىق ئاز بولمىغان ناخشىلارنى ئۇرۇنلاپ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇپ ۋە شىمالىدىكى سانسىزلىغان خەلىققە زور مەنىۋى زوق بېغىشلىدى.
ئەجىر يەردە قالمايدۇ تۆھپە ئۇنتۇلمايدۇ. ئۇزاق يىل شىنجاڭ ناخشا – ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك بىرىنچى دەرجىلىك ئارتىسى بۇلۇپ ئىشلىگەن، ئەل سۆيگەن ئاتاقلىق ناخشىچى پاشا ئىشان ھەقىقەتەن خەلقىمىزنىڭ پەخىرلىنىشىگە ئەرزىيدىغان تۆھپىكار سەنئەتكاردۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ 50 يىلدىن ئارتۇق سەنئەت ھاياتىدە باشتىن – ئاخىر بىر ھەقىقەي سەنئەتكارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى تۇلۇق ئادا قىلىپ ، ناخشا ئۇرۇنداش جەھەتتە ئىنتايىن يۇقۇرى بەدىئىي ماھارەتنى يىتىلدۈرۈپ ئۇيغۇر ناخشا – مۇزىكىسىنىڭ بۈگۈنكىدەك گۈللەپ ياشنىشىغا ئاز بولمىغان تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. بۇلۇپمۇ ئۇ چاۋشەن ، پولشا، سابىق سوۋىت ئىتپاقى ، نىپال ، پاكىستان، ئىراق ، فىرانسىيە، شىۋىتسارىيە، گىرمانىيە، تۈركىيە قاتارلىق 40 قا يېقىن دۆلەتكە ئۇيۇن قويغىلى بېرىپ ئۇيغۇر ناخشاــ مۇزىكىسىنى خەلقئاراغا نامايەن قىلىشتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى – ئاخىرى بۇلۇپ « مودەنخان»، «بۇلبۇل»،« سېغنىپ كەلدىم»،« غېرىپ – سەنەم ناخشىللىرىدىن تاللانما» قاتارلىق نادىر ناخشىلىرى مۇجەسسەملەنگەن ناخشا لېنتىللىرى نەشىر قىلىندى. « ئانا مېھرى» گە ئوخشاش كۆپلىگەن ناخشىلىرى ھەرخىل سەنئەت كۆرەكلىرىدە، كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. سەئەت ساھەسىدە يۇقۇرى نۇپۇزغا، خەلىق ئىچىدە ئالاھىدە ھۆرمەت ۋە تەسىرگە ئىگە بۇ ئاتاقلىق سەنئەتكار قولغا كەلتۈرگەن شۇنچە كۆپ مۇۋاپىقىيەتلىرىگە يارشا تېگىشلىك شان – شەرەپلەرگە نائىل بولدى. ئۇ ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ جوڭگۇ مۇزىكانىتلار جەميىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مۇزىكانىتلار جەنيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلىق سىياسىي مەسلەھەت كېڭىشى 4-5-6- نۆۋەتلىك كومتېتلىرىنىڭ ئەزاسى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 7-8- نۆۋەتلىك كومتېتلىرىنىڭ مۇئاۋىن رەھىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن، 2004- يىلى 2- ئايدا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكوم بىلەن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق ھۆكىمىتى بىرلىشىپ تارقاتقان « تەڭرىتاغ ئەدەبىيات – سەنئەت مۇكاپاتى» نىڭ « تۆھپىكار سەنئەتكار» مۇكاپاتىغا نائىل بولدى.
مانا، مېنىڭ قۇلاق تۈۋىمدە ئاتاقلىق ناخشىچى پاشا ئىشان ئۇرۇنلىغان تۇنۇش ناخشىلار ياڭرىماقتا. شۇ تاپتا قەلبىمدى چەكسىز ھاياجان دولقۇنلىماقتا. مەن شۇنى چۇڭقۇر چۈشەندىمكى، پاشا ئىشاننىڭ ناخشىللىرى ئەبەدىي جاراڭلايدۇ.ئۇنىڭ ناخشىسى خەلقىمىزنىڭ يۈرىكىدە ئەبەدىي ساقلىىدۇ . چۈنكى ئانا زېمىنغا ئۇنىڭ ئۈزۈلمەس مېلودىيەلىرى ۋە بۇ مېلودىيلەردە جىلۋە قىلىپ تۇرغان يالقۇنلۇق روھى سىڭىپ كەتتى. ئانا دەريالار ئۇنىڭ ئۈزۈلمەس مېلودىيلىرىنى ئۆز دولقۇنلىرىغا قۇشۇپ يىراقلارغا ئېلىپ كەتتى. قامەتلىك تەڭرى تاغلىرى ئۇنىڭ يەڭراق ناخشىللىرىدىن لەرزىگە كەلدى.
مەنبە: « سەنئەت بېغىدىكى بىر جۈپلەر» ناملىق كىتاب.
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: « شىنجاڭ بۇلبۇلى » – ئاتاقلىق ناخشىچى پاشا ئىشان