باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

يېڭى باشلىنىش ، يېڭى قىياپەت ، يېڭى ئۈمىد

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2011-05-24 10:54

    — جۇڭگو–ئاسىيا–ياۋروپا يەرمەنكىسىنىڭ 100 كۈنلۈك تەتۈر ساناق باسقۇچىدىكى تەييارلىق خىزمەتلىرىگە نەزەر

    جۇڭ شيۇلىڭ

    ‹‹تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگوئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسىنىڭ شىنجاڭنى ھەقىقىي چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىگە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭغا داغدام يول ھازىرلاپ بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل››، ‹‹ جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ نوپۇزىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز››.

    ھەر كۈنى مىكرو بىلوگدىن جۇڭگوئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسىگە دائىر يېڭى سۆز تېمىلىرىدىن خەۋەردار بولىمىز. 21 مىليوندىن كۆپرەك تەڭرىتاغ ئوغۇل – قىزلىرى تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگوئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسىنىڭ 100 كۈنلۈك تەتۈر ساناق مەزگىلىگە ئۈمىد ئىلكىدە قەدەم قويدى. ھازىر تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاتاكىغا ئۆتۈش باسقۇچىغا قەدەم قويغان بولۇپ، مەيدان – ساراي قۇرۇلۇشى، سودىگەر چاقىرىش، يەرمەنكە ئۇيۇشتۇرۇش، ئامانلىق ساقلاش، تەشۋىقات، شەھەر مۇھىتى ۋە شەھەر قىياپىتىنى تۈزەش قاتارلىق خىزمەتلەر جىددىي ئىشلىنىۋاتىدۇ.

    جۇڭگوئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسىنىڭ يېڭى پەللىسىدە شىنجاڭلىقلار يېپيېڭى روھىي ھالەت بىلەن تەييارلىق خىزمەتلىرىگە ئاتلىنىپ، ئارزۇ – ئىستەكلەر بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

    مەيدان – ساراي قۇرۇلۇشى ئاتاكىغا ئۆتۈش باسقۇچىغا قەدەم قويدى

    شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن – يەرمەنكە مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش مەيدانىدا ھەيۋەتلىك ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى ‹‹تەڭرىتاغدا تولۇن ئاي›› كارتىنىسىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، جەسۇرانە قىياپەت ۋە مەردانىلىك نامايان قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، كەڭ قورساقلىقى ۋە ئىشەنچىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

    تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگوئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسى يېڭىدىن سېلىنغان شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن – يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۆلچەش نەتىجىسىگە قارىغاندا، يەرمەنكە مەركىزىدىكى يەرمەنكە ئورنىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 82 مىڭ كىۋادرات مېتىر ئىكەن. يەرمەنكە مەركىزىدە سەككىز زال تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۆلچەملىك يايما ئورنىدىن 2234ى، يىغىن زالىدىن 11 ى بار ئىكەن. يەرمەنكە تەشكىلىي ھەيئىتى‹‹2+4›› يەرمەنكە رايونى ئەندىزىسىنى بېكىتكەن، يەنى: ‹‹4›› خەلقئارا بۆلەكنى، مەملىكەت ئىچى بۆلىكىنى، شىنجاڭ بۆلىكىنى، كەسپىي بۆلەكنى كۆرسىتىدىكەن، ‹‹2›› يۇقىرى تېخنىكىلىق سانائەت رايونى ۋە تەرەققىيات رايونى بۆلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.

    ئۈرۈمچى شەھەرى شەھەر قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جۇ گاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قۇرۇلۇش ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويدى. بۇ قۇرۇلۇش قۇرۇلۇش قۇرۇلمىسىنى لايىھەلەشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە سىغىمچانلىقى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە مۇشۇ خىلدىكى قۇرۇلۇشلار ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، قۇرۇلۇشنىڭ 5 – ئاينىڭ ئاخىرىدا تاماملىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە؛ 7 – ئايدا ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەش، سىناق قىلىش، قۇرۇلۇش سۈپىتى، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، بىخەتەرلىك قاتارلىق مەخسۇس تۈر بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىپ، رەسمىي ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ.

    سودىگەر چاقىرىش، يەرمەنكە ئويۇشتۇرۇشتا خەلقئارالىق نەزەر نامايان قىلىندى

    ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد – سودا مەدەنىيەت ۋەكىللەر ئۆمىكى 8 – ماي پاكىستاندا زىيارەتتە بولغاندا، ‹‹جۇڭگوئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسى›› ئاساسىي تېما قىلىنغان تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى ھەم پاكىستان ئىقتىساد – سودا ساھەسىدىكىلەرنى يەرمەنكىگە تەكلىپ قىلىپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.

    ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى 4 – ئاينىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن ئۆلكە، شەھەرلەردە زىيارەتتە بولدى. ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ يەرمەنكىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولدى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى 500 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى، تيەنجىن شەھىرى زور قوشۇندىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن يەرمەنكىگە قاتنىشىدىغان بولدى... ھازىرقى ئەھۋالغا قارىغاندا، يەرمەنكىنىڭ يايما ئورنى ئېھتىياجى ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ كۆلىمىدىن خىلىلا ئېشىپ كەتكەن. شىنجاڭ خەلقئارا يەرمەنكە ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى لى جىڭيۈەن: كارخانىلارمۇ بەس – بەستە تىزىمغا ئالدۇرۋاتىدۇ، ھازىر خەلقئارا يىغىن – يەرمەنكە مەركىزىدە يايما ئورنى ناھايىتى قىس بولۇۋاتىدۇ، دېدى.

    خەلقئارالىق ۋە ئېچىۋېتىلگەن ئالاھىدىلىكىنى تولۇق نامايان قىلىش ئۈچۈن، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسىدە چەت ئەللەردىن سودىگەر چاقىرىش، يەرمەنكىگە ئۇيۇشتۇرۇش سالمىقى زورايتىلىپ، ھۆكۈمەت، بولۇپمۇ چەت ئەللەردىكى باش ئەلچىخانىلىرىمىز،كونسۇلخانىلىرىمىز، ئىقتىساد – سودا ئىشلىرى بويىچە مەسلىھەت بېرىش ئورۇنلىرىمىزنىڭ دىپلوماتىيە بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاسىيا – ياۋروپا دۆلەتلىرى يەرمەنكىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى. پاكىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى يەرمەنكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە مۇنبەرگە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

    ئۈرۈمچىنى بېزەشكە 1 مىليارد يۈەن ئاجرىتىلدى

    ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 17 كىلومېتىر كېلىدىغان BRT (شەھەر تېز سۈرئەتلىك ئاممىۋى ئاپتوبۇس لىنىيەسى سىستېمىسى)نىڭ 1 – نومۇرلۇق لىنىيەسى قۇرۇلۇشىدا 1 – ماي ئىش باشلاندى. مۆلچەرلىنىشىچە، ئۈچ ئايدىن كېيىن، BRT 1– نومۇرلۇق لىنىيەسى، پىلانلاش – قۇرۇلۇش قىلىش باسقۇچىدىكى BRT 3– نومۇرلۇق لىنىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ قاتناش باشلىنىدىكەن.

    يول تورى ئەسلىھەسى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، شەھەر قىياپىتى ۋە شەھەر مۇھىتى ياخشىلاندى، يول ۋە قوشۇمچە ئەسلىھەلەر ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلدى... ئۈرۈمچى شەھىرى تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، شەھەرنى بېزەشكە 1 مىليارد يۈەن ئاجراتتى. 15 – مارتتىن 20 – ئاۋغۇستقىچە، يورۇتۇش، كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش، ساپلاشتۇرۇشنى ئاساسىي تېما قىلغان مۇھىتنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتى جىددىي ئىشلىنىدۇ.

    BRT قۇرۇلۇشىئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يولنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھىرى يەنە T شەكىللىك يول، خالتا كوچىدىن 68ىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە 12 قاتناش تۈگىنىنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تاماملايدۇ ھەم شەھەر رايونى ئىچىدىكى بارلىق يول، پىيادىلەر يولى ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىپ، قاتناش بەلگىسى، بەلگە سىزىقىنى قېلىپلاشتۇرۇپ يېڭىلايدۇ؛ يول قاتناش باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى جازالاش سالمىقىنى زورايتىپ، شەھەر رايونىدا قاتناشنىڭ راۋان ، تەرتىپلىك، ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

    شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگوئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسىنىڭ ئامانلىق ساقلاش ۋە تەشۋىقات خىزمىتى تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتىدۇ. جۇڭگوئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسىنىڭ يىغىن بەلگىسى ۋە قۇد بەلگىسىنى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 1 – ئاپرېل باشلاندى، پىدائىيلارنىڭ شوئارى ۋە كىيىمى توغرىسىدىكى لايىھەلەر 13 – مايدىن ئېتىبارەن جەمئىيەتتىن ئاشكارا قوبۇل قىلىندى.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يېڭى باشلىنىش ، يېڭى قىياپەت ، يېڭى ئۈمىد

ئۆزگىرىش ، ئىسلاھ قىلىش ، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىنى كۈچەيتەيلى

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلىنىپ كەتتى

دېھقانلارنى ئىسلاھات ،ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن قىلايلى

شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەش كېرەك

ۋېنجۇ شەھەرلىك ساقچى دائىرلىرى ئالدىنىپ ئېلىپ كېتىلىپ باشقىلارنىڭ كونتروللىقىدا جىنايەت ئۆتكۈزگەن توققۇز نەپەر شىنجاڭلىق قورامىغا يەتمىگەن بالىنى قۇتقۇزۋالدى

يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك

جۇڭگو زادى كىمگە ‹‹ تەھدىت ›› سالدى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号