قىزلار ئوغۇللارغا قارىغاندا ئاسانلا چارچايدۇ . بۇنىڭغا نىسبەتەن مۇتەخەسسىسلەر بۇنى كۆپىنچە يېنىك دەرىجىدىكى تۆمۈر كەم بولۇش خاراكتېرلىك قان ئازلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان ، دەپ قارايدۇ . شۇڭا قىزلار چارچاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، تۆۋەندىكىدەك تۆمۈر تولۇقلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى كېرەك :
بارلىق يېمەكلىكلەر ئىچىدە ، گۆش ۋە ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر ئەڭ مول بولۇپلا قالماي ، بەدەنگە ناھايىتى ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ . بىراق نۇرغۇن قىزلار زىلۋالىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ، گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ناھايىتى ئاز ئىستېمال قىلىدۇ . قۇشلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ئىچىدە توخۇ يۈرىكى ، توخۇ تاشلىقى قاتارلىقلار تۆمۈر تولۇقلاپ ، چارچاشنى يوقىتىدىغان ياخشى يېمەكلىك بولۇپلا قالماي ، بەلكى تۆۋەن ئىندېكىس ، تۆۋەن ئىسسقلىق چىقارغۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . قورۇما قورۇغان ۋە تەمىنى تەڭشىگەن ۋاقىتتا ، ھوردا پىشۇرۇش ، سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇش ، دۈملەپ پىشۇرۇش قاتارلىق ساغلام قورۇش ۋە تەمىنى تەڭشەش ئۇسۇلىنى تاللىسا ، ياغنى ئاز قۇيسا ياكى قۇيمىسا ، سەمىرىپ كېتىشتىن ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق .