باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

ئاياللار نېمىشقا ئاسان ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2011-05-19 11:29

ھازىرقى جەمئىيەتتە ئاياللار دائىم ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ . ئامېرىكىلىق تېببىي مۇتەخەسسىسلەر : ئاياللارنىڭ چارچىشى ، ئاساسەن مۇنداق يەتتە نۇقتىدىن بولىدۇ ، ئۇلار ئۇدا بىر ھەپتىگىچە ھارغىنلىق ھېس قىلسا ، دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك ، دەپ كۆرسەتتى.

1 . قان ئازلىقتىن ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ . قان ئاز بولسا ، قان قىزىل ئاقسىلى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ . قان قىزىل ئاقسىلى ئۆپكىگە يەتكۈزۈلگەن ئوكسىگېننى بەدەندىكى باشقا ئەزالارغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ . بەدەندىكى توقۇلمىلاردا ئوكسېگىن يېتەرلىك بولمىسا ئادەم ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ.

2 . يۈرەك فۇنكىسىيىسى ياخشى بولماسلىقتىن ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ . ئاياللار ئۆي تازىلىغان ، گۈللەرنى رەتلىگەن ياكى ئۇدا ئىشلىگەندىن كېيىن چارچىغانلىقىنى ھېس قىلسا ، يۈرەك كېسىلىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك .

3 . قەھۋەنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ . بەزى ئاياللار ئۆزىنى روھلاندۇرۇش ئۈچۈن قەھۋە ، كولا ئىچىدۇ . لېكىن ئاياللار قەھۋەنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلسا ئەكىسچە تەسىر كۆرۈلۈپ ، چارچاش ۋە مۈگدەش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ .

4 . يېمەكلىك سەۋەبىدىن ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ . ئادەم يېمەكلىكتىن سېزىمچانلىقى ئېشىپ كەتسە ، ئۇيقۇ باسىدۇ ، ھارغىنلىق ھېس قىلىش – يېمەكلىكتىن سېزىمچانلىقى ئېشىپ كېتىشنىڭ دەسلەپكى ئالامىتىدۇر . شۇڭا سېزىمچانلىقنى ئاشۇرۇۋېتىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش ياكى يېمەسلىك كېرەك.

5 . خورەك تارتىشتىن ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ . بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن ئاياللار ئۇخلىغاندا خورەك تارتىدۇ ، خورەك تارتقاندا ئۇيقۇنىڭ دەۋرىيلىكى بۇزۇلۇپ ، كىشى ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ.

6 . سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسى ياللۇغلىنىشتىن ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ . ئاياللارنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سېستېمىسى ياللۇغلانغاندا كۆيۈش سېزىمى ياكى سۈيدۈك قىستاش كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن ، لېكىن ئۇلار ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ .

7 . قالقانسىمان بەزنىڭ فۇنكىسىيىسى ئاجىزلاشتىن ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ . ئادەمدە ئېزىلىپ قىلىش ، روھىي كەيپىياتى چۈشكۈنلىشىش كۆرۈلسە ، بۇ قالقانسىمان بەزنىڭ فۇنكىسىيىسىنىڭ ئاجىزلىغانلىقىنىڭ بېشارىتىدۇر . ئامېرىكا قالقانسىمان بەز فوندى جەمئىيىتىنىڭ ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا ، 60 ياشتىن ئاشقان ئاياللارنىڭ %20 ى قالقانسىمان بەز فۇنكىسىيىسى قالايمىقانلىشىش سەۋەبلىك ھارغىنلىق ھېس قىلىدىكەن .

 

  مەنبە: ساغلاملىق تورى تەھرىر: ئامانگۈل

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلىنىپ كەتتى

دېھقانلارنى ئىسلاھات ،ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن قىلايلى

شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەش كېرەك

ۋېنجۇ شەھەرلىك ساقچى دائىرلىرى ئالدىنىپ ئېلىپ كېتىلىپ باشقىلارنىڭ كونتروللىقىدا جىنايەت ئۆتكۈزگەن توققۇز نەپەر شىنجاڭلىق قورامىغا يەتمىگەن بالىنى قۇتقۇزۋالدى

يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك

جۇڭگو زادى كىمگە ‹‹ تەھدىت ›› سالدى

ئۈرۈمچى شەھىرى دۆلە تيېرىگە سېلىنغان ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تولۇقلىما بېرىش نىزامىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئايرىم ھالدا ئەترەتلەرنى باشلاپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە – شەھەرلەرنى زىيارەت قىلىدۇ


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号