باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> مەملىكەت

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا‹‹مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ<12–بەش يىل>لىق تەرەققىيات پىروگراممىسى››مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2011-05-13 17:53

        شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – ماي تېلېگراممىسى. ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 11 – ماي گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، ‹‹جۇڭگو مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ <12 – بەش يىل>;لىق تەرەققىيات پىروگراممىسى›› مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەملىكىتىمىز مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ ئاساسى ھازىر يەنىلا بىر قەدەر ئاجىز، 2015 – يىلغىچە، ئېلىمىزدىكى مېيىپلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىغا قاتنىشىش ۋە تەرەققىيات ئەھۋالىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىرىنچى، مېيىپلەر ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مېيىپلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز. ئىككىنچى، مېيىپلەرنى ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، مېيىپلەرنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. مېيىپلەرنى ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، ئەقلىي توسالغۇغا ئۇچرىغان، روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ۋە ئېغىر دەرىجىلىك مېيىپلەرنى ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى بويىچە 2 مىليون ئادەم (قېتىم) ياردەم بېرىمىز. شەھەر – بازارلاردىكى 1 مىليون مېيىپنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزىلاردىكى 10 مىليون نامرات مېيىپنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا يۆلەك بولىمىز. ئۈچىنچى، مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مېيىپ بولۇپ قېلىش ۋە ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىمىز. تۆتىنچى، ئىجتىمائىي مۇھىتنى ياخشىلاپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرىمىز.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: ئەكبەر ئابلىكىم

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شياڭگاڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى : شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش سالمىقى مىسلىسىز بولۇپ ، خەلقنىڭ قەلبىنى مۇجەسسەملەشتۈردى

100كۈن جاپالىق ئىشلەپ ، كاتتا مەرىكىنى ئورتاق كۈتۈۋالايلى

يېڭى باشلىنىش ، يېڭى قىياپەت ، يېڭى ئۈمىد

ئۆزگىرىش ، ئىسلاھ قىلىش ، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىنى كۈچەيتەيلى

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلىنىپ كەتتى

دېھقانلارنى ئىسلاھات ،ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن قىلايلى

شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەش كېرەك

ۋېنجۇ شەھەرلىك ساقچى دائىرلىرى ئالدىنىپ ئېلىپ كېتىلىپ باشقىلارنىڭ كونتروللىقىدا جىنايەت ئۆتكۈزگەن توققۇز نەپەر شىنجاڭلىق قورامىغا يەتمىگەن بالىنى قۇتقۇزۋالدى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号