— ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشقان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كومپارتىيە ئەزالىرى ھەققىدە
بىر ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى بىر جەڭگىۋار قورغان، ئاپەت رايونىدىكى خەلقنىڭ تايانچى
ۋېنچۈەن ناھىيەسىنىڭ يىڭشيۇ بازىرى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى. بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ئېغىر يارىلاندى، پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توققۇز كادىرى دېرەكسىز غايىب بولدى، نۇرغۇن ھۆكۈمەت كادىرى تۇغقانلىرىدىن ئايرىلدى...
ئاپەت ئالدىدا بازارلىق پارتكوم يىمىرىلمەس قورغان بولدى، ھالقىلىق پەيتتە كومپارتىيە ئەزالىرى ئاممىنىڭ تايانچى بولدى.
يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، بازارلىق پارتكوم دەرھال بازاردىكى بارلىق پارتىيە ئەزاسىنى تەشكىللەپ، ئىزدەپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالاش گۇرۇپپىلىرىنى قۇرۇپ، قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قامىلىپ قالغان 500 نەچچە كىشىنى ئوڭۇشلۇق قۇتقۇزدى، 1000دىن ئارتۇق يارىدارنى داۋالىدى.
يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش جەريانىدا، بازاردىكى پارتىيەلىك كادىرلار باشتىن – ئاخىر بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئاممىنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئابىدە تىكلىدى.
بىر كومپارتىيە ئەزاسى بىر مەشئەل، مىڭلىغان – تۈمەنلىگەن كومپارتىيە ئەزاسى چوڭ يانغىن بولۇپ، ئاپەت پەيدا قىلغان مۇدھىش تۇماننى تارقىتىۋەتتى
دېياڭ شەھەرلىك ج خ ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتىنىڭ ياردەمچى ئىنژېنېرى تيەن فېي دادىسى ۋە سەككىز قېرىندىشى بېيچۈەن كونا ناھىيە بازىرىدىكى خارابىنىڭ ئاستىدا قالغان ئۈچ يىلدىن بۇيان قايغۇ – ھەسرىتىنى ئىچىگە يۇتۇپ كەلدى. ئۇ چياڭزۇ ئەركەكلىرىگە خاس قەيسىرانە ئىرادىسى بىلەن بارلىق يۈرەك قېنىنى ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە سەرپ قىلدى.
تيەن فېي ئۈچ يىلدىن بۇيان ئومۇمىي كۆلىمى 33 مىليون كىۋادرات مېتىرغا يېتىدىغان 610 قۇرۇلۇشنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش لايىھەسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتتى؛ قۇرۇلۇش توغرىسىدا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا 57 قېتىم قاتناشتى؛ قۇرۇلۇش ئورنىغا 200 قېتىمدىن ئارتۇق بېرىپ تەكشۈردى. 29 ياشقا كىرگەن تيەن فېي ئۇزاققىچە ھەددىدىن زىيادە خىزمەت قىلغاچقا، بويۇن ئومۇرتقىسىغا سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش ۋە بەل ئومۇرتقىسى ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش كېسىلىگە گىرىپتار بولدى.
بۇ يىل 42 ياشقا كىرگەن ليەن فۇچياڭنىڭ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقىنىغا سەككىز يىل بولدى.
يەر تەۋرەشتە كەنتنىڭ سۇ ۋە توك يوللىرى ۋەيران بولدى، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىش ئۈچۈن، ليەن فۇچياڭ خۇاڭجيا كەنتىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ئاممىنى باشلاپ يول ئېچىپ، كەنتنىڭ ھاياتلىق لىنىيەسىنى راۋانلاشتۇردى.
چېھرىدە گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچى جىلۋە قىلىپ تۇرغان كەنت ئاھالىلىرى مۇنداق دېدى: كەنت كادىرلىرى بولغاچقا، كەنتىمىزنى شۇنداق تېز، شۇنداق ياخشى قۇرۇپ چىقتۇق، مۇشۇ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە كەنتىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتقا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل!
قىپقىزىل پارتىيە بايرىقىغا كوممۇنىستلارنىڭ چەكسىز ساداقىتى ۋە خەلققە بولغان مېھىر – مۇھەببىتى سىڭگەن
‹‹سۈي شۆشەن›› دېگەن ئىسىم بېيچۈەن خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالدى.
شەندۇڭ ئۆلكىسى ۋېيفاڭ شەھەرلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۈي شۆشەن ئاپەت بولغان رايونغا بېرىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلىپ، 2008 – يىلى 5 – ئاينىڭ 28 – كۈنى بېيچۈەن ناھىيەسىنىڭ گۇيشى يېزىسىغا كەلدى. ئۇ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ بېيچۈەن ناھىيەسىنى قايتا قۇرۇشقا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى يېڭى ناھىيە بازىرى گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى. زىيادە چارچاپ كەتكەن سۈي شۆشەننىڭ تېنىنى ئاستا – ئاستا كېسەل چىرمىۋالدى، لېكىن ئۇ يەنىلا خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇردى! سۈي شۆشەن كومپارتىيە ئەزاسى، ئاپەت بولغان رايون جىددىي ئېھتىياجلىق قۇرۇلۇش مۇتەخەسسىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن قايتا قۇرۇشنىڭ ئاپەت بولغان رايوندىكى ئەھمىيىتىنى ئوبدان بىلەتتى، قايتا قۇرۇشقا ياردەم بەرگۈچى ھەر بىر خادىمنىڭ زىممىسىگە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھاۋالىسى، ئاپەت بولغان رايوندىكى خەلقنىڭ ئارزۇ – ئۈمىدى، مەملىكەت خەلقىنىڭ مېھىر – مۇھەببىتى يۈكلەنگەنلىكى ئۇنىڭغا تېخىمۇ چۈشىنىشلىك ئىدى.
سۈي شۆشەن 2008 – يىلى 9 – ئاينىڭ 6 – كۈنى يەنە بىر قېتىم قورسىقى قاتتىق ئاغرىپ يىقىلدى، ئۇ ئامالسىز جىرغىدا ياتقان ھالەتتە شەندۇڭ ئۆلكىسىگە قايتتى. راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان سۈي شۆشەن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، ۋېيفاڭ شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا جان ئۈزدى.
كومپارتىيە ئەزاسى، شىفاڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىنىڭ كادىرى ليۇ چىڭلۈ ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كەتكەنلىكتىن، 2009 – يىلى 1 – ئاينىڭ 15 – كۈنى تۇيۇقسىز مېڭىسىگە قان قۇيۇلۇپ، بارلىقىنى ئاتىغان ‹‹ئاپەت رايونىدىكىلەرنىڭ ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلىش لىنىيەسى››دە يىقىلدى.
ليۇ چىڭلۈ كەتتى، بىراق ئۇنىڭ پارتىيەگە سادىقلىقى، خەلققە چەكسىز مۇھەببەت باغلىغانلىقى كىشىلەر قەلبىدە مەڭگۈلۈك يادنامە بولۇپ قالدى...
بەھەيۋەت جياجىنشەن تېغى، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان مىنجياڭ دەرياسى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش جەريانىدا ئاچقان يېڭى سەھىپىسىگە شاھىت بولدى. ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ۋەزىپىسىنىڭ قەرەلىدە ئورۇندالغانلىقىدەك ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدى ۋە مەڭگۈ ئىسپاتلايدۇكى، ھەر قانداق قىيىنچىلىق جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى قەھرىمان جۇڭگو خەلقىنى قورقۇتالمايدۇ!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 11 – ماي تېلېگراممىسى)