چېڭ لىشىن خەۋىرى : كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قاتنىشىش سۆھبەت يىغىنى 10 – ماي ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ يۇڭكاڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كارخانىلار مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، شىنجاڭنى ئېچىش، قۇرۇشقا پائال ئاتلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىدىكى كۈچلۈك يېڭى قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

جۇ يۇڭكاڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا، جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى، ‹‹شېنخۇا›› گۇرۇھى شىركىتى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى، ‹‹باۋشەن›› پولات – تۆمۈر گۇرۇھى شىركىتى، قەشقەر ‹‹گۇاڭشىن›› توقۇمىچىلىق شىركىتى، ‹‹شىنخۇاليەن›› گۇرۇھى، شىنجاڭ ‹‹ئارمان›› مۇسۇلمانچە يېمەكلىك سانائىتى گۇرۇھى قاتارلىق مەركەز كارخانىلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەر كارخانىلىرى، شىنجاڭدىكى يەرلىك كارخانىلار شىنجاڭدىكى تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە كېيىنكى پىلانىنى تونۇشتۇردى. ئاپتونوم رايون، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ھەم دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلۈكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ گۈللىنىشىگە ئىلھام بېرىدىغان، ياردەم بېرىدىغان ۋە يېتەكلەيدىغان سىياسەت، تەدبىرلەرنى تونۇشتۇردى.
جۇ يۇڭكاڭ مۇنداق دېدى: ئۇزاقتىن بۇيان، كارخانىلار، بولۇپمۇ مەركەز كارخانىلىرى شىنجاڭغا كېلىپ پائال مەبلەغ سېلىپ، ئېنېرگىيە مەنبەسىنى ئېچىش ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇردى، نامراتلارنى يۆلەش، ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى.
مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان بىر يىلدىن بۇيان، مەركەزدىكى تارماقلار، شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن ئۆلكە، شەھەرلەر، شۇنىڭدەك شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى مەركەزنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، كارخانىلارنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا پائال سەپەرۋەر قىلدى ۋە تەشكىللىدى، مەركەز كارخانىلىرى، يەرلىك كارخانىلار، شۇنىڭدەك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىن باشقا كارخانىلار قاتارلىق تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ شىنجاڭدا مەبلەغ سېلىش، قۇرۇلۇش قىلىش قىزغىنلىقى مىسلىسىز يۇقىرى بولدى. ئۇلار بەس – بەستە شىنجاڭنى تەكشۈرۈپ، تەرەققىيات پىلانلىرىنى تۈزدى، ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، زور بىر تۈركۈم كارخانىلار ئارقا – ئارقىدىن شىنجاڭغا ماكانلاشتى. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك زور بىر تۈركۈم تۈرلەردە ئارقا – ئارقىدىن قۇرۇلۇش باشلاندى، بەزىلىرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈم يارىتىلىپ، شىنجاڭنى كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش دولقۇنىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. بۇ قېتىم شىنجاڭدا بىر تۈركۈم كارخانىلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كەسىپ ئىشچىلىرى، تېخنىكلارنىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كېچە – كۈندۈز جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان ئوتتەك قىزغىن مەنزىرىنى كۆرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە بولغان قىزغىنلىقىنى ھېس قىلىپ روھلاندۇق ۋە چوڭقۇر ئىلھاملاندۇق.
جۇ يۇڭكاڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ئەۋزەللىككە ئىگە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. كارخانىلار مەركەزنىڭ شىنجاڭنى دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ۋە زاپاس ساقلاش بازىسى، چوڭ تىپتىكى كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر،كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسى، چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر بازىسى ۋە دۆلەت ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى چوڭ ئۆتۈشمە يولى، شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە نەپىس پىششىقلاپ ئېكسپورت قىلىش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش تەدبىرى بويىچە، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىلمىي پىلانلاپ ۋە تەشكىللەپ، قۇرۇلۇشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇشى كېرەك. كارخانىلارنىڭ شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇش، تەرەققىياتىغا قاتنىشىشىنى قوللايدىغان تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى، جۈملىدىن پەرقلىق كەسىپ سىياسىتى، مالىيە – باج سىياسىتى، يەر سىياسىتى، پۇل مۇئامىلە سىياسىتى، كەسىپ رايونى قۇرۇش سىياسىتى قاتارلىقلارنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەركەزنىڭ تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار جايلار ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى، بېكىتىلگەنلىرىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تېز ئوتتۇرىغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق ياخشى سىياسەت مۇھىتىنى ھەقىقىي يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ كارخانىلارنى جەلپ قىلىش كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشى كېرەك.
جۇ يۇڭكاڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: مەركەزدىكى تارماقلار ۋە ئالاقىدار ئورۇنلار كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قاتنىشىشنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، بىرىنچىدىن، ئىلمىي بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئالدىنقى قارارلىق خىزمەتنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى پەللىدىن باشلاشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئىككىنچىدىن، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە، جىددىي ئىشنى جىددىي بېجىرىپ، يۇقىرى – تۆۋەندىكىلەرنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ راۋان بولۇشى، ماسلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئۈچىنچىدىن، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزئارا پايدا ئېلىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم بىلەن ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش كېرەك. بىرىنچى، يەرلەرنى خالىغانچە دائىرىلەشكە يول قويماسلىق، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلىمەسلىكنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ئىككىنچى، خالىغانچە قېزىشقا يول قويماسلىق، بايلىق ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش؛ ئۈچىنچى، بۇلغانغاندىن كېيىن، تۈزەشتەك كونا يولدا ماڭماسلىق، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداش كېرەك. كارخانىلارنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۆھپە قوشىدىغان، ئىش قىلىشنى خالايدىغان ئىختىساسلىقلارنى شىنجاڭغا ئەۋەتىپ، كۈچلۈك كارخانا رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە تېخنىكا تايانچ كوللېكتىپىنى قۇرۇپ چىقىش بىلەن بىللە، كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىدار ساپاسىنى شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇش تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۈزلۈكسىز ماسلاشتۇرۇش كېرەك.
ۋاڭ لېچۈەن يىغىندا مۇنداق دېدى: چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېلىپ، ئېچىش ۋە تەرەققىيات قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشى ئىستراتېگىيەلىك نەزەر دائىرىگە ئىگە ئاقىلانە تەدبىر؛ كارخانىلارنىڭ كۈچىنى شىنجاڭنى ئېچىش قۇرۇلۇشىغا قاتناشتۇرۇش شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى رېئال تەدبىر. دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى مەركەز بېكىتكەن پەرقلىق كەسىپ سىياسىتى بويىچە، شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە ياردەم بېرىش، بولۇپمۇ ‹‹شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش››، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى قوللاپ، ئېلېكتىر مەنبەسى، چوڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى، كۆمۈردىن گاز،كۆمۈر مېيى ئايرىش قاتارلىق تۈرلەرنى تېزرەك دۆلەتنىڭ پىلانىغا كىرگۈزۈپ، قۇرۇلۇش كۈنتەرتىپىگە سۇنۇش كېرەك؛ شىنجاڭغا ماكانلاشقان چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلار تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى تۇتۇپ، نىشاننى چىڭ تۇتۇپ، ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، مەبلەغ، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭغا سالغان سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، يولغا قويىدىغان تۈرلىرىنى بالدۇرراق باشلاپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى تېزدىن ئەمەلىي كەسىپ ئەۋزەللىكى، ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىشى كېرەك.
جاڭ چۈنشيەن يىغىندا مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، كارخانىلار، بولۇپمۇ مەركەز كارخانىلىرى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا پائال قاتنىشىپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. كارخانىلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى يەنىمۇ كۆزدە تۇتۇپ، شىنجاڭنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى رايون ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بازارنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭدىكى سېلىنمىسىنى يەنىمۇ زورايتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاپتونوم رايون شىنجاڭدىكى كارخانىلارنى پاك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مەمۇرىي مۇھىت، ئادىل، ھەققانىي قانۇن – تۈزۈم مۇھىتى، قېلىپلاشقان، ئىشەنچلىك بازار مۇھىتى، ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت بىلەن تەمىنلەپ، ‹‹شىنجاڭچە ئۈنۈم››نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت بەرپا قىلىپ، كارخانىلارنى رازى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدۇ.
سۆھبەت يىغىنىدا، نۇر بەكرى ئاپتونوم رايوننىڭ كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىغانلىقىغا ئالاقىدار ئەھۋاللاردىن دوكلات بەردى.
مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن جۇ ۋېيچۈن، جۇ بېنشۈن، جاڭ پىڭ، ۋاڭ يوڭ، ياڭ خۈەننىڭ، گاۋ خۇچېڭ، ۋاڭ چىنفېڭ، شېن ۋېيچېن، باۋ شاۋكۈن، ۋاڭ يۇڭچىڭ، دۇ يىڭ، لۇ شىن، جاڭ شاۋچۈن، ۋاڭشىيۈەن، چى جى، فېڭ جېڭلىن، لۇ دوڭفۇ، ۋېي چاۋئەن، دۇ جىنفۇ، جيې شۆجى، ليۇ شىنخۇا، جۇ پىڭ، شيا شىڭخۇالار يىغىنغا قاتناشتى.
ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ۋە ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىرىدىن ئەركىن ئىمىرباقى، ئەسقەت كەرىمباي، چې جۈن، جۇ جىنلىن، فۇ چياڭ، خۇاڭ ۋېي، شەۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۈن، بەي جىجيې، ئەركىنجان تۇراخۇن، خۇ ۋېي، خۇا شىفېي، جاپپار ھەبىبۇللا، جىن نو، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ ۋېي، ليۇ يەنلياڭ، ليۇ شىنچى، ليۇ جيەنشىن، شۆھرەت زاكىر، چېڭ جياجۇ، شۈ ۋېيخۇالار يىغىنغا قاتناشتى.