ــــ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ‹‹ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ›› توغرىسىدا سۆز
‹‹ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ›› دېگەن سۆز نۇرغۇن كىشىلەرگە يات ئەمەس . ئەمەلىيەتتە 1996–يىلىدىن باشلاپ ، مەركەز ‹‹ كادىرلار شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ›› نى يولغا قويۇشنى ، يەنى ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە ، رايونلار قەرەللىك ھالدا كادىرلارنى شىنجاڭغا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىشنى قارار قىلدى ، بۇ ئىش كادىرلارنى ئالماشتۇرۇش ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇردى .
لېكىن يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۆتكەنكى 13 يىلدا قانات يايدۇرۇلغان شىنجاڭغا كادىرلار جەھەتتىن ياردەم بېرىش ، شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە ئوخشىمايدۇ . بۇ نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە رايونلار كەڭ ، مەنپەئەتكە ئېرىشىدىغان كىشىلەر كۆپ بولۇپلا قالماي بەلكى مەبلەغ سېلىنمىسى زور بولۇپ ، ياردەم بېرىش ئامىللىرى ئەڭ تولۇق ، ياردەم بېرىشكە قاتناشقان ئۆلكە ، رايونلار ئەڭ كۆپ بىر قېتىملىق نىشانلىق ياردەم بېرىش ، مەبلەغ ، ئىخساسلىقلار ، تېخنىكا ، باشقۇرۇش جەھەتلەردە ئۇنىۋېرسال ياردەم بېرىش ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش ، كادىرلار جەھەتتىن ياردەم بېرىش ، ئىختىساسلىقلار جەھەتتىن ياردەم بېرىش ، مائارىپ جەھەتتىن ياردەم بېرىشتەك ھەممە جەھەتتىن تولۇق نىشانلىق ياردەم بېرىش ، ‹‹ قان بېرىش ›› بىلەن ‹‹ قان ھاسىل قىلىش ›› ، قاتتىق ماتېرىياللار بىلەن يۇمشاق ماتېرىياللار قۇرۇلۇشى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭى ۋەزىيەتتىكى ياردەم بېرىش ھېسابلىنىدۇ .
دەل مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ، 2010- يىلى مارتنىڭ ئاخىرى مەركەزنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن ، ‹‹ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ›› دېگەن سۆز خۇددى باھار شامىلىغا ئوخشاش تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا تارقىلىپ ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبىنى ئىللىتماقتا . 2010- يىلى ئاپرېلنىڭ بېشىدىن باشلاپ بېيجىڭ ، تىيەنجىن ، شاڭخەي ، گۇاڭدۇڭ ، جياڭسۇ ، شېنجىن ، فۇجيەن ، لىياۋنىڭ ، جىلىن ، خېيلۇڭجياڭ ، شەنشى ، خېنەن ، خېبېي ، ئەنخۇي ، جياڭشى ، شەندۇڭ ، جېجياڭ ، خۇبىي ، خۇنەن قاتارلىق 19 ئۆلكە ، شەھەرنىڭ پارتكوم شۇجىلىرى ، ئۆلكە باشلىقلىرى ، شەھەر باشلىقلىرى ئۆزى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ، شىنجاڭغا كېلىپ ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچتىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ ، نىشانلىق ياردەم بېرىش مۇددىئاسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ، ماسلاشتۇرۇپ ، ئومۇميۈزلۈك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى .
شۇنىڭدىن كېيىن ، قىسقىغىنە يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ، پامىر ئىگىزلىكىدىن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىگىچە ، جۇڭغار ئويمانلىقىدىن ئېلى دەرياسى ۋادىسىغىچە ، ئاپەت رايونلىرىنى قايتىدىن قۇرۇش ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى ، دوختۇرخانا ۋە مەكتەپلەرنى سېلىش ، خەلقنى بېيىتىپ ئەمىن تاپقۇزۇش ، پاراۋانلىق ئورۇنلىرىنى قۇرۇش قاتارلىق تۈركۈم – تۈركۈم خەلق تۇرمۇشىغا چېتىلىدىغان ياردەم بېرىش تۈرلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بىر بىرىگە ئۇلىنىپ ، جىددىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى ، بۇ جەھەتتىكى ھەرىكەتنىڭ تېزلىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مۆلچەرلىگىنىدىن ئېشىپ كەتتى . ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىنىڭ كۆرسىتىشىگە ئاساسلانغاندا ، 2010- يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە ، شەھەر يولغا قويغان 172 ياردەم بېرىش تۈرىگە جەمئىي 5 مىليارد 880 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان ، بۇنىڭ ئىچىدە ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە ، شەھەرلەر ياردەم قىلغان مەبلەغ 2 مىليارد 638 مىليون يۈەن ئىكەن ؛ پۈتكەن سىناق تۈرلىرى 79 بولۇپ ، جەمئىي 2 مىليارد 326 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان ، بۇنىڭ ئىچىدە ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە ، شەھەرلەر ياردەم قىلغان مەبلەغ 1 مىليارد 247 مىليون يۈەن ئىكەن . كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغىنى 2011- يىلى 19 ئۆلكە ، شەھەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ ئومومىي كۆلىمى 10 مىليارد يۈەن خەلق پۇلىدىن ئاشىدىكەن . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يۆتكەپ چىقىم قىلىش ، مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق مەركەزنىڭ سېلىنما مەبلىغىنىڭ كۆلىمى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى كۆلىمىنىڭ بىر نەچچە ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىكەن .
بۇنىڭدىن ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ باشلىنىشىنىڭ قىزىپ كەتكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشلىنىش نۇقتىسىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ، سالمىقىنىڭ تېخىمۇ زور ئىكەنلىكىنى ، خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغانلىقىنى ، بۇ ئىشلارنىڭ ئادەمنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈرىدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ .
يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ باشلىنىشىنىڭ قىزىپ كەتكەنلىكى ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولغا كىرگەنلىكىنىڭ بەلگىسى . بىز شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ، خەلق تۇرمۇشىنى كۆرۈنەرلىك ھالدا ياخشىلاش ، جەمئىيەتنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئېرىشتۈرۈش ئىستىراتېگىيىلىك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ساناقلىقلا كۈنلەرنىڭ قالغانلىقىغا ئىشىنىمىز .
تەرجىمە قىلغۇچى : مۇسا ئەخمەت