باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> مەملىكەت

جۇڭگو - ئامېرىكا ھەمكارلىقى ئۆزئارا ياردەملىشىپ ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدىغان ئېرىشىشنى قانداق ئىشقا ئاشۇردى ؟

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2011-05-11 11:50

    ۋېن فېڭ

    3-نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئامېرىكا ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتى 9- مايدىن 10- مايغىچە ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلدى. دۇنيادىكى بىر ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەت بىلەن دۇنيادىكى بىر ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ بىرلىكتە ئولتۇرۇپ سۆھبەتلىشىشى تەبئىي ھالدا پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى ، شۇنداقلا دۇنيا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەركىزىي سۆز تېمىسىغا ئايلاندى .

    نېمە ئۈچۈن مۇنداق دەيمىز ؟ چۈنكى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىستىراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتىدە مۇھاكىمە قىلىنغىنى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىساد ، سودا مۇناسىۋىتى بولۇپلا قالماي بەلكى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى سۆھبەت نۇرغۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مەنپەئەت تەلىپىگىمۇ ۋەكىللىك قىلىدۇ . شۇڭلاشقا جۇڭگو - ئامېرىكا ئىستىراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئۆزئارا مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئىقتىساد ، سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يۈكسەلدۈرۈپلا قالماي بەلكى دۇنيانىڭ ئىناق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى .

    2009- يىلىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئامېرىكا ئىستىراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتىدىن بۇيان ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا سىياسىي ، ئىقتىساد ، سودا ۋە دۇنيا بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈردى . لېكىن گەپنىڭ ئوچۇقىنى قىلغاندا ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا يەنىلا نۇرغۇن مەسىلە ۋە زىددىيەتلەر ساقلانماقتا ، بۇ مەسىلە ۋە زىددىيەتلەرنى ھەل قىلشتا ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىش لازىم . شۇنداق قىلغاندىلا ئۆزئارا ياردەملىشىپ ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزگىلى بولىدۇ . ۋەھالەنكى ، ‹‹ ئومۇميۈزلۈك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش ›› دەل 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئامېرىكا ئىستىراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتىنىڭ ئاساسىي تېمىسى . پۈتۈن دۇنيا بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە تەقەززالىق نەزەرى بىلەن دىققەت قىلماقتا .

    تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئامېرىكا ئىستىراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتىدىن بۇيان ، جۇڭگو مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتسىيەسى بىلەن سىياسىي ، ئىقتىساد ۋە دۇنيا بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىپ ھەمدە تېگىشلىك ياردەم بېرىپ كەلدى . مەسىلەن ، پۇل مۇئامىلە كرىزىسىدىن بۇيان ، ئامېرىكا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىزچىل تەلەپ قىلغان ئىدى ، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ھەقىقەتەن ئۆستۈرۈلدى . پېرېۋوت ئىسلاھاتىدىن بۇيان ، خەلق پۇلىنىڭ نامىي پېرېۋوت نىسبىتى %21.5 ، ئەمەلىي ئۈنۈملۈك پېرېۋوت نىسبىتى %18.2 ئۆستى . ئۆتكەن يىل مايدىن بۇ يىل مارتقىچە ، گەرچە بۇ باسقۇچتا خەلق پۇلىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈملۈك پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ قىممىتى %1.9 تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ ، نامىي پېرېۋوت نىسبىتى %4.7 ئۆستى .

    ئەكسىچە ئامېرىكا دوللىرىنى كۆزەتسەك ، پۇل مۇئامىلە كرىزىسىدىن بۇيان ، ئامېرىكىنىڭ مىقدارلاشتۇرۇلغان كەڭ پۇل سىياسىتى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى ، بۇ جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدىكى مال –مۈلۈكىنىڭ زىيانغا ئۇچىرىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتتى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىنىڭ تۆۋەنلىشى يەنە جۇڭگونىڭ مال -مۈلۈك باھاسىنى ئۆستۈرۈپ ، جۇڭگونىڭ يۇقتۇرما پۇل پاخاللىقىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋەتتى .

    خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئۆسكەنلىكى ، ئامېرىكا مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن لېكىن جۇڭگو بۇنىڭ ئۈچۈن غايەت زور بېسىمغا بەرداشلىق بەردى ؛ ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىنىڭ تۆۋەنلىشى جۇڭگوغا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈردى ، لېكىن ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدىكى مال -مۈلۈكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە قارىتا ئېنىق ۋەدە بەرگىنى يوق . بۇ خىل تەتۈر پەرق ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئۆزئارا ياردەملىشىش روھىنىڭ كەملىكىنى كۆرسىتىدۇ .

    پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت كەسپى ساھەسىدە ، جۇڭگو QFⅡ نىڭ نورمىسىنى ئارقا ئارقىدىن ئۆستۈرۈپ ھەمدە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ ، QFⅡ نىڭ پاي كۆرسەتكۈچى زاكاز مېلىغا مەبلەغ سېلىشىغا ، چەت ئەل ئاپپاراتلىرىنىڭ بانكىلار ئارا قەرز بازىرى قاتارلىقلارغا مەبلەغ سېلىشىغا يول قويۇپ ، جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە جەھەتتىكى ئېچىۋېتىش سالمىقىنىڭ پەيدىنپەي كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى . لېكىن جۇڭگو سودا بانكىسىنىڭ ئامېرىكىدا پارچە سېتىش كەسپى ۋىۋىسكىسى ئېلىشى ئىنتايىن قىيىن . ئامېرىكا يەنە بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ۋەدىلىرىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشكە ، جۇڭگو مەبلەغ بانكىسىغا قارىتا ئامېرىكىدا پۇقراۋىي مۇئامىلىنى يولغا قويۇشقا ئامال قىلمىدى .

    ئەمەلىيەتتە ، ئۆزئارا ياردەملىشىش بولمىسا ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ناھايىتى قىيىن . جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى تەرەققىياتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ، دەل ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش روھىنىڭ گەۋدىلەندۈرۈلگەنلىكىدىن بولدى . بىر تەرەپتىن ، تۆۋەن كاربونلۇق ئىقتىساد ، قايتا پەيدا بولىدىغان ئېنېرگىيە ۋە پاكىزە ئېنېرگىيە قاتارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جۇڭگونىڭ 12- بەش يىللىق يىرىك پىلانىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىغا ئايلاندى ؛ يەنە بىر تەرەپتىن ، ئامېرىكا يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىسىنى تېپىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق . شۇڭلاشقا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى تېخنىكا ھەمكارلىقى ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى . يېقىنقى بىر ، ئىككى يىلدىن بۇيان ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىدە نۇرغۇن چوڭ كېلىشىملەرنى ئىمزالاپ ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ، تەڭ پايدىغا ئېرىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى .

    دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەت ۋە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولغان جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا شۈبھىسىزكى ، تېخىمۇ كۆپ تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ . تارىخىي تەجرىبىلەر جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىناق ئۆتسە تەڭ پايدىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى ، ھازىرقى مۇرەككەپ ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا سىياسىي ، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتە ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشى تەڭ پايدىغا ئېرىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي بەلكى دۇنيانىڭ ئىناق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچ ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى .

    تەرجىمە قىلغۇچى : مۇسا ئەخمەت

  مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دېھقانلارنى ئىسلاھات ،ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن قىلايلى

شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەش كېرەك

ۋېنجۇ شەھەرلىك ساقچى دائىرلىرى ئالدىنىپ ئېلىپ كېتىلىپ باشقىلارنىڭ كونتروللىقىدا جىنايەت ئۆتكۈزگەن توققۇز نەپەر شىنجاڭلىق قورامىغا يەتمىگەن بالىنى قۇتقۇزۋالدى

يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك

جۇڭگو زادى كىمگە ‹‹ تەھدىت ›› سالدى

ئۈرۈمچى شەھىرى دۆلە تيېرىگە سېلىنغان ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تولۇقلىما بېرىش نىزامىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئايرىم ھالدا ئەترەتلەرنى باشلاپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە – شەھەرلەرنى زىيارەت قىلىدۇ

بەختىيار شىنجاڭ بەرپا قىلىشتا ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号