ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى يەر ھۆددىگەرلىك تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا توختالدى
— ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ شۆخۇ ، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ھەمكارلىق ئىقتىسادى ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋەن شىنسەينى زىيارەت
ليۇ فېڭ
دېھقانلار ھۆددە ئالغان يەرنىڭ ئاز بولۇشىغا مۇنداق بەش جەھەتتىكى ئامىل سەۋەب بولغان
مۇخبىر: بەزى جايلاردا دېھقانلار ھۆددە ئالغان يەرنىڭ ئاز بولۇشى ياكى تېرىيدىغان يېرىنىڭ بولماسلىقىغا قايسى ئامىللار سەۋەب بولغان؟
ليۇ شۆخۇ: تەھلىل قىلىشىمىزچە، بۇنى مۇنداق بەش جەھەتتىكى ئامىل كەلتۈرۈپ چىقارغان:
بىرىنچى، يېزىلاردا يەر ھۆددە ئېلىشتا ئائىلە ھۆددىگەرلىكى، يەنى ‹‹ئادەم كۆپەيسە يەرنى كۆپەيتمەسلىك، ئادەم ئازايسا يەرنى ئازايتماسلىق›› ئۇسۇلى قوللىنىلغان، دېھقانلار پەرزەنتلىرى چوڭ بولۇپ توي قىلغاندىن كېيىن، ئايرىم ئۆي تۇتقان بولسىمۇ، تەقسىم قىلىدىغان يەر قالمىغان.
ئىككىنچى، بىر قىسىم دېھقان سىرتتا ئۇزاق مەزگىل ئىشلەمچىلىك قىلغاچقا، يەر ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن ئۆزلۈكىدىن ۋاز كەچكەن.
ئۈچىنچى، بىر قىسىم دېھقان يېرىنى تېرىماي سىرتقا چىقىپ سودا قىلغان، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن يېرى تاشلىنىپ قالغاچقا، كەنت كوللېكتىپى قايتۇرۇۋالغان.
تۆتىنچى، دېھقانلارنىڭ قىز پەرزەنتلىرى باشقا يۇرتلۇقلارغا ياتلىق بولغاندا، بەلگىلىمە بويىچە يېرىنى كەنتكە قايتۇرمىسا، كېلىن بارغان جايدىكى كەنت كوللېكتىپىمۇ ئۇلارغا ھۆددە يېرى بەرمەيدۇ. لېكىن بەزى جايلار ياتلىق بولغان قىزنىڭ ھۆددە يېرىنى قايتۇرۇۋالغان بولسىمۇ، كېلىن بارغان جايدىكى كەنت كوللېكتىپى ئۇلارغا يەنىلا ھۆددە يېرى بەرمىگەن.
بەشىنچى، ئىلگىرىكى ‹‹كەنت دەرىجىلىك ئۈچ تۈرلۈك قالدۇرۇق مەبلەغ، يېزىلارنىڭ بەشنى بىر تۇتاش پىلانلاش›› ئۇسۇلى ۋە يېزىلاردىكى ‹‹مەجبۇرىيەت ئەمگىكى، جۇغلانما ئەمگەك›› سالمىقى بىر قەدەر ئېغىر بولۇش، يەر ھۆددە ئېلىش ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى قاتارلىقلار ئۆسۈپ كەتكەچكە، بىر قىسىم دېھقان يەر ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن.
يېزا كوللېكتىپى ئىگىلەيدىغان ئېھتىيات يەر نىسبىتى توغرىسىدا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بار
مۇخبىر: دۆلەتنىڭ ‹‹يەر باشقۇرۇش قانۇنى››، ‹‹يەر ھۆددىگەرلىك قانۇنى›› ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە، يېزا كوللېكتىپى ئىلكىدىكى ئېھتىيات يەر نىسبىتى قانچىلىك بولۇشى كېرەك؟
ۋەن شىنسەي: ئىستاتىستىكا ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا كوللېكتىپى ئىلكىدىكى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 38 مىليون 120 مىڭ موغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقان ئائىلىلىرى 30 مىليون 410 مىڭ مو يەرنى ھۆددە ئېلىپ، %80نى ئىگىلىگەن؛ كوللېكتىپ ئىلكىدىكى ئېھتىيات يەر 4 مىليون 680 مىڭ مو بولۇپ، %12نى ئىگىلىگەن.
دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇن – نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، يېزا كوللېكتىپى ئىلكىدىكى ئېھتىيات يەر، كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ئىلكىدىكى تېرىلغۇ يەر ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %5 ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، لېكىن ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇرغۇن جايلاردا بۇ ئەھۋال كۆرسەتكۈچتىن ئېشىپ كەتكەن. چۈنكى، يېڭىدىن ئېچىش ياكى يەرنى رەتلەشتىن كۆپەيگەن تېرىلغۇ يەردىن ئائىلىلەرگە ھۆددە بېرىلمىگەن يەرلەر ۋە ھۆددە ئالغۇچى تەرەپ قانۇن بويىچە ئۆزلۈكىدىن قايتۇرغان تېرىلغۇ يەرنىڭ ھەممىسى ئېھتىيات يەر ئىستاتىستىكا دائىرىسىگە كىرىپ كەتكەن.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدا، ‹‹كىم ئاچقان بولسا، شۇ پايدىلىنىش›› تەدبىرى تەشەببۇس قىلىنغان بولغاچقا، جايلاردا يېزا ئىگىلىكىدە ئۇنىۋېرسال ئېچىش، ئېتىز – ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەنىدى. قىسقىغىنە ئون نەچچە يىلدا، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا 10 مىليون مودىن ئارتۇق بوز يەر ئېچىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە مەلۇم كۆلەمدىكى ئوتلاقمۇ بار، بۇلارنىڭ ھەممىسى دۆلەت يېرىگە تەۋە. لېكىن بۇ يەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى دېھقانلارغا بۆلۈپ بېرىلمەي، كوللېكتىپ، دېھقانچىلىق چوڭ ئائىلىسى، كارخانا، دېھقانچىلىق مەيدانى، ئورگان – ئىدارىلەر ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىق مەيدانلىرى تەرىپىدىن ھۆددە ئېلىۋېلىنغان ياكى ئىگىلىۋېلىنغان.
مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ يەرنى ئىككىنچى قېتىم ھۆددە بېرىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى سىياسەتكە ئۇيغۇن
مۇخبىر: مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ‹‹يېرى يوق›› دېھقانلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش چارىسىنى قايسى تەرەپتىن تەتقىق قىلىش ۋە ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ؟
ۋەن شىنسەي: مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ يەرنى ئىككىنچى قېتىم ھۆددە بېرىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش چارىسى دۆلەتنىڭ يەر ھۆددە بېرىش سىياسىتىگە ئۇيغۇن. ئالدى بىلەن، ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇ ئىشنى ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى››دىكى مۇھىم خىزمەت قاتارىدا چىڭ تۇتتى. خىزمەتتە پارتىيەلىك كادىرلارنى باشلامچى بولۇشقا، يېرى كۆپ ئائىلىلەرنى پائال ئاۋاز قوشۇشقا چاقىرىق قىلىش، ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىش، ئائىلە ئەھۋالىنى ئېنىق ئىگىلەش، تاختا چىقىرىپ ئېلان قىلىش، مۇۋاپىق تەقسىملەش ئارقىلىق يېرى يوق دېھقانلارنى ھەقىقىي يەرگە ئىگە قىلدى؛ ئىككىنچى قەدەمدە، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش، بىر نىيەتتە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىدى. مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ بۇ تەجرىبىسى ئۆگىنىش ۋە ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
ليۇ شۆخۇ: دېھقانچىلىق نازارىتى، يېزا ھەمكارلىق ئىقتىسادى ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، تېخىمۇ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ. يەنىمۇ تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، دۆلەتنىڭ ‹‹يەر ھۆددىگەرلىك قانۇنى››دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ‹‹يەرنى تەڭشەشكە ئۈچتىن ئىككى قىسىم كەنت ئاھالىسى ياكى ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى ۋەكىللىرى قوشۇلۇشى شەرت.›› ھۆددە مۇددىتىدىكى يەرنى تەڭشەش مەسىلىسىدە، مەركەز ‹‹چوڭ جەھەتتىن مۇقىم بولۇش، نىسپىي تەڭشەش›› چارىسىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا، يەر ھۆددە بېرىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەريانىدا قانۇن، سىياسەت ئۆلچىمىنى ياخشى ئىگىلەپ، يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ خىزمەتلەرنى پۇختا ھەم ياخشى ئىشلەپ، دېھقانلارنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن قىلىپ، ئۇلارنىڭ بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ، ياخشى كۈنگە ئېرىششىگە كەڭ يول ئېچىپ بېرىش كېرەك.