باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

جۇ يۇڭكاڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2011-05-10 11:57

    مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان بىر يىلدىن بۇيانقى ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، گۈللەنگەن ،باياشات ،ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلىش گۈزەل پىلانىنى قەدەممۇ قەدەم رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم

    چېڭ لىشىن خەۋىرى : ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ يۇڭكاڭ 5 – مايدىن 9 – مايغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان بىر يىلدىن بۇيان تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپتۇ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مىنۇت، سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىنى بىر تۇتاش ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گۈللەنگەن، باياشات، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلىش گۈزەل پىلانىنى قەدەممۇ قەدەم رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىش لازىم.

    جۇ يۇڭكاڭ بىلەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنى باشلاپ، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جاڭ چۈنشيەن، نۇر بەكرى قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۇزۇن يول يۈرۈپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ قۇمۇل، خوتەن، قەشقەر، ئۈرۈمچى ۋە ۋۇجياچۈ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈردى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى.

    تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئارزۇسى، شۇنداقلا جۇ يۇڭكاڭ غېمىنى قىلغان خەلق تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش. جۇ يۇڭكاڭ لوپ ناھىيەسى، پەيزاۋات ناھىيەسى، يوپۇرغا ناھىيەسى، قەشقەر شەھىرىدىكى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى ۋە قۇمۇل شەھىرىدىكى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە نۇقتىلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ئۇ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ يېڭى ئۆيلىرىگە كىرىپ، ئۆي ئىچىدىكى ئەسلىھەلەرنى تەپسىلىي كۆردى، ئاممىدىن ئۆينىڭ قانچە پۇلغا پۈتكەنلىكىنى، قانچىلىك پۇل چىقارغانلىقىنى، رازى بولغان – بولمىغانلىقىنى سۈرۈشتۈردى.

    پەيزاۋات ناھىيەسى جامباز يېزىسىنىڭ قەدىمجاي كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى روزى ھىمىت جۇ يۇڭكاڭغا: ئىلگىرى كونا ئۆيدە ئولتۇراتتۇق، ئاپتونوم رايون ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، بۇلتۇر 7 – ئايدا كەنتىمىزدە يېڭى ئۆي سېلىنىشقا باشلىدى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن كەلگەن ياردەم بېرىش قوشۇنىنىڭ ياردىمىدە ئۆيلەر ئىككى ئايدىلا پۈتۈپ، يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىۋالدۇق، دېدى. روزى ھىمىت يېڭى ئۆيىنى ئوبدان بېزىۋاپتۇ، چىرايلىق گېلەملەرنى ساپتۇ، كىرېسلومۇ سېتىۋاپتۇ. ئۇ: يېڭى ئۆيدە كۈنلىرىم تولىمۇ خۇشال ئۆتۈۋاتىدۇ، دېدى.

  

  جۇ يۇڭكاڭ يوپۇرغا ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماقتا

    شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ياردەم قۇرۇلۇشى خىزمىتى سىناق تۈرى يوپۇرغا ناھىيەسى يەكشەنبە بازار يېزىسى ئۇسۇت كەنتىنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى پۈتەيلا دەپ قالغانىدى. جۇ يۇڭكاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى تەكشۈرۈش داۋامىدا كەنتتىكى بىر قانچە ياشانغان كىشىنى ئۇچرىتىپ قالدى. ئۇلار ھەر كۈنى قۇرۇلۇش ئورنىغا كېلىپ، ئۆي قۇرۇلۇشىدا قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى تاماشا قىلىدىكەن. ئۇلار ھاياجان بىلەن: ئۆمرىمىزدە بۇنداق چىرايلىق ئۆيدە ئولتۇرالايدىغانلىقىمىزنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدۇق، كومپارتىيە بىزنىڭ غەمگۈزارىمىز! دېيىشتى.

    جۇ يۇڭكاڭ ئۇلارنىڭ سۆزىدىن تولىمۇ خۇشال بولدى، كۆپچىلىكنىڭ كۈنلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى. ئۇ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 14 – شىسىنىڭ 47 – تۇەنى، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ كەپە مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش تۈرى ۋە لوپ ناھىيەسىنىڭ كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى تۈرىنى تەكشۈردى، شۇ يەردىكى كادىرلار ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارغا يۇقىرى پەللىدە پىلانلاپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە لايىھەلەپ، سۈپەتلىك قۇرۇلۇش قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئامما ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى تېز ياخشىلاشنى تاپىلىدى.

 

 

    جۇ يۇڭكاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى پەيزاۋات ناھىيەلىك

‹‹قوش تىل››لىق 2 – يەسلىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماقتا

    شىنجاڭنىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپى قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىشلىرى بىر يىلدىن بۇيان روشەن ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. جۇ يۇڭكاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى پەيزاۋات ناھىيەلىك ‹‹قوش تىل››لىق 2 – يەسلىدە بالىلارنىڭ خەنزۇچە ئورتاق تىلدا ‹‹ئۈچ سۆزلۈكلەر دەستۇرى››نى راۋان دېكلاماتسىيە قىلغىنىنى، ئېتوت ئورۇندىغىنىنى كۆرۈپ، قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. شېنجېن شەھىرى ياردەم قىلىپ سېلىپ بەرگەن قەشقەر شەھەرلىك 18 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ زامانىۋى ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى تولۇق ئىكەن. جۇ يۇڭكاڭ بۇ مەكتەپكە بېرىپ، خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈلگەن ماتېماتىكا دەرسىنى ئاڭلىدى، بالىلار بىلەن بىرلىكتە ‹‹كومپارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى›› دېگەن ناخشىنى ئېيتتى. ئۇ ساۋاقداشلارغا چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن: مەركەزنىڭ قوللىشى ۋە قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ياردىمى، ئاپتونوم رايون ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كادىرلارنىڭ تىرىشىشى بىلەن، ساۋاقداشلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش مۇھىتىدا زور ئۆزگىرىش بولۇپتۇ، دېدى ھەم ساۋاقداشلارنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە ۋەتەننى، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

 

    جۇ يۇڭكاڭ قۇمۇل شەھىرىدە

    جۇ يۇڭكاڭ قۇمۇل شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر رايونىدىكى كوچا، مەھەللە مۇلازىمەت مەركەزلىرىگە، قۇمۇل شەھەرلىك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مۇلازىمەت مەركىزىگە بېرىپ، ئالاقىدار تارماقلاردىن جەمئىيەت باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

    جۇ يۇڭكاڭ بارغانلىكى جايدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، مىللەتلەر ئارا ئىناقلىققا تۈرتكە بولۇشنى تەكىتلىدى. جۇ يۇڭكاڭ قاراقاش ناھىيەسى كۇيا يېزىسىنىڭ ئاچچىقئۆي كەنتىدە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلى قۇرغان ئەمگەكچى چىقىرىش جەمئىيىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئاچچىقئۆي كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئابلەھەت 1994 – يىلى خۇبېيغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش جەريانىدا، خۇبېينىڭ جىڭمىن شەھىرىدە چېن شۇاڭمېي ئىسىملىك بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغانىكەن. چېن شۇاڭمېي شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدە ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىسى بولۇپلا قالماي، يەنە ئەمگەكچى چىقىرىش جەمئىيىتىنىڭ كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، كەنتتىكى ياشلارنىڭ ئىچكىرىگە ئىشلەمچىلىككە بېرىشىغا ياردەم قىلىپتۇ. چېن شۇاڭمېينىڭ تەسىرىدە، ھازىرغىچە ئىچكىرىدىن 18 قىز ئاچچىقئۆي كەنتىگە كېلىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپتۇ. جۇ يۇڭكاڭ چېن شۇاڭمېينىڭ مىللەتلەر ئارا ئالاقە ۋە بېرىش – كېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشقانلىقىنى ماختىدى. ئۇ ئەمگەكچى چىقىرىش جەمئىيىتىنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ بېيىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىگە ياردەم قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى، بېرىش – كېلىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

    جۇ يۇڭكاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى بىر قىسىم پېشقەدەم ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، يېزا ئىگىلىك 6 – شىسى خەلق ئەسكەرلىرى جىددىي ئەھۋال باتالىيونىنىڭ مانېۋىرىنى كۆردى، بىڭتۇەندىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىغۇچىلار، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

    جۇ يۇڭكاڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشكە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ قۇمۇل 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفور موتور ئىستانسىسى، قۇمۇل گۇاڭدۇڭ سانائەت رايونى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ چوڭ بوغاز ئېلېكتىر ئىستانسىسى، تەڭرىتاغ سېمونت شىركىتى، خوتەن پويىز ئىستانسىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، بۇ جايلارنىڭ پىلانى، قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مەسىلىسىنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن تونۇپ، ئالاھىدە ئىشلارنى ئالاھىدە، جىددىي ئىشلارنى جىددىي بېجىرىپ، ‹‹شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا چىقىرىش›› قاتارلىق مۇھىم قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى بالدۇر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ، بالدۇر ئۈنۈمىنى كۆرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جۇ يۇڭكاڭ تۇرپان – قۇمۇل نېفىتلىكى شىركىتىدە پېشقەدەم ئىشچىلار ۋەكىللىرىنى يوقلاپ، ئۇلارنى جاپاغا چىداپ يېڭىلىق يارىتىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا يەنىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

    جۇ يۇڭكاڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ خوتەن، قەشقەردە سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، ئەنخۇي، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، شەندۇڭ ۋە شېنجېننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى ئاڭلىدى. ئۇ: شىنجاڭغا يېڭى نۆۋەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، ئەمەلىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىپ، يېڭى نۆۋەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىشنى قارشى ئالدى، بۇ ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا تۈرتكە بولدى. قىسقا ۋاقىتتا بۇنچە زور نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئاسان ئەمەس، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن، دېدى.

    جۇ يۇڭكاڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەر ۋە ياردەم بېرىلىدىغان رايونلارنىڭ زىممىسىدىكى تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ئېنىق تونۇپ، كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، پىلاننى ئىلمىي يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا، بۆسۈپ ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەشنى ئۈمىد قىلدى.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شياڭگاڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى : شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش سالمىقى مىسلىسىز بولۇپ ، خەلقنىڭ قەلبىنى مۇجەسسەملەشتۈردى

100كۈن جاپالىق ئىشلەپ ، كاتتا مەرىكىنى ئورتاق كۈتۈۋالايلى

يېڭى باشلىنىش ، يېڭى قىياپەت ، يېڭى ئۈمىد

ئۆزگىرىش ، ئىسلاھ قىلىش ، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىنى كۈچەيتەيلى

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلىنىپ كەتتى

دېھقانلارنى ئىسلاھات ،ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن قىلايلى

شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەش كېرەك

ۋېنجۇ شەھەرلىك ساقچى دائىرلىرى ئالدىنىپ ئېلىپ كېتىلىپ باشقىلارنىڭ كونتروللىقىدا جىنايەت ئۆتكۈزگەن توققۇز نەپەر شىنجاڭلىق قورامىغا يەتمىگەن بالىنى قۇتقۇزۋالدى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ

تاڭزۇڭزا چاغىنىدا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号