شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ماي تېلېگراممىسى. دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق پەن – تېخنىكا ئۇل ئەسلىھە تۈرى شەرقىي يېرىم شار ئاسمىنى مۇھىتىنى يەردىن ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش مېرىدىيان زەنجىرى(قىسقارتىلىپ ‹‹مېرىدىيان قۇرۇلۇشى›› دېيىلىدۇ) بويىچە تۇنجى ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش راكېتاسى 7 – ماي سائەت 7دە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى خەينەن ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش بۆلۈمى راكېتا قويۇپ بېرىش ئورنىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى.
‹‹مېرىدىيان قۇرۇلۇشى›› ئېلىمىز ‹‹11 – بەش يىل››نىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە مەبلەغ سېلىپ قۇرغان، يەر يۈزىدە ئۇدا خىزمەت قىلىدىغان، ئۇنىۋېرسال، رايون ئاتلىغان چوڭ تىپتىكى ئالەم بوشلۇقى مۇھىتىنى تەكشۈرۈش تورى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر قۇرۇلۇشتا يەر ماگنىتى(ئېلېكتىرى)، رادىيو، ئوپتىكا ۋە ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش راكېتاسى قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىلىپ، يەر يۈزىدىن 20 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىن نەچچە يۈز كىلومېتىر ئېگىزلىككىچە بولغان ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتلام ئاتموسفېرا، ئىئونوسفېرا ۋە ماگنىتلىق سفېرانىڭ، شۇنداقلا يەر شارى رادىيوسى سىرتىدىكى ئون نەچچە تۇرغۇن يۇلتۇز ئارا بوشلۇق مۇھىتىنىڭ پارامېتىرى ئۇدا تەكشۈرۈلىدۇ.