باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەش كېرەك

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2011-05-06 12:29

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، بېيجىڭ، 4–ماي تېلېگراممىسى. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 4 –ماي بېيجىڭدا مەملىكەتلىك ئاياللار، بالىلارنى ئالداپ سېتىشقا زەربە بېرىش، قۇتقۇزۇۋېلىنغانلارنى پاناھلاندۇرۇش ۋە قوغداش خىزمىتى تېلېۋىزىيە–تېلېفون يىغىنى ئېچىپ ، دۆلەتنىڭ ئاياللار، بالىلارنى ئالداپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش پىلانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە ئاياللار، بالىلارنى ئالداپ سېتىشقا زەربە بېرىش، قۇتقۇزۇۋېلىنغانلارنى پاناھلاندۇرۇش ۋە قوغداش خىزمىتىنى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇپ، ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئاياللار، بالىلارنى ئالداپ سېتىشقا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىگە پائال ماسلىشىپ، شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

    خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى دۇ يۈپېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ ئاياللار، بالىلارنى ئالداپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش پىلانى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىر قاتار سىياسەت، ھۆججەت تۈزۈپ ۋە تارقىتىپ، ج خ مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن ئاياللار، بالىلارنى ئالداپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە ياخشى بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمى شەكىللەندۈردى. ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى قۇتقۇزۇۋېلىنغانلارنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىنى شەھەر، يېزىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە ئىگە قىلىش، ۋاقىتلىق پاناھلاندۇرۇش ۋە داۋالاش، قۇتقۇزۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

    دۇ يۈپېي قۇتقۇزۇۋېلىنغانلارنى پاناھلاندۇرۇش ۋە قوغداش خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇنداق دېدى: پاناھلاندۇرۇش–باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئاياللار، بالىلارنى ئالداپ سېتىشقا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە قۇتقۇزۇۋېلىنغانلارنى بىر تۇتاش قوبۇل قىلىپ، تۈركۈم بويىچە پاناھلاندۇرۇپ، ج خ ئورگانلىرى قۇتقۇزۇۋالغان ئاياللار، بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋاقتىدا پاناھلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    دۇ يۈپېي مۇنداق دېدى: پاناھلاندۇرۇش–باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى غەمخورلۇق قىلىپ ۋە قېرىنداشلىق مېھرىنى يەتكۈزۈپ، قۇتقۇزۇۋېلىنغان ئاياللار، بالىلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشى كېرەك. سەرگەردانلار، تىلەمچىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كوچىلاردىكى سەرگەردانلار، تىلەمچىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پاناھلاندۇرۇشى كېرەك. قۇتقۇزۇۋېلىنغانلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىشقا پائال قاتنىشىپ، ئاياللار، بالىلارنى ئالداپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى مەنبەدىن ياخشى ئىشلەش كېرەك.

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئاپرېلنىڭ ئاخىرىدا باشقا ئۆلكىلەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن شىنجاڭلىق بالىلارنى قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۇلارنى زۆرۈر ئوقۇش، تەربىيەلىنىش شارائىتى، شۇنداقلا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش شارائىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. ج خ مىنىستىرلىقى يېقىندا مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، جايلاردىكى ج خ ئورگانلىرىدىن پەردە ئارقىسىدىكى تەشكىللىگۈچىلەر، كاتتىباشلارغا قەتئىي زەربە بېرىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېلىشنى تەلەپ قىلدى.

    خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى جايلاردىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىدىن ئومۇمىيلىق ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇش، تاپشۇرۇۋېلىشنى جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قىيىنچلىقنى يېڭىپ، قۇتقۇزۇۋېلىنغان شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىلارنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلدى.

    دۇ يۈپېي: شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىلارنىڭ مىللىي ئۆرپ–ئادىتى ، تىلى قاتارلىقلار باشقا رايونلاردىكىدىن خىلىلا پەرقلىنىدىغان بولغاچقا، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش، شۇنداقلا ئۇلارنى شىنجاڭغا ۋە ئائىلىسىگە ئوڭۇشلۇق قايتۇرۇش ناھايىتى مۇھىم، جايلار شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك، دېدى.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەش كېرەك

ۋېنجۇ شەھەرلىك ساقچى دائىرلىرى ئالدىنىپ ئېلىپ كېتىلىپ باشقىلارنىڭ كونتروللىقىدا جىنايەت ئۆتكۈزگەن توققۇز نەپەر شىنجاڭلىق قورامىغا يەتمىگەن بالىنى قۇتقۇزۋالدى

يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك

جۇڭگو زادى كىمگە ‹‹ تەھدىت ›› سالدى

ئۈرۈمچى شەھىرى دۆلە تيېرىگە سېلىنغان ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تولۇقلىما بېرىش نىزامىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئايرىم ھالدا ئەترەتلەرنى باشلاپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە – شەھەرلەرنى زىيارەت قىلىدۇ

بەختىيار شىنجاڭ بەرپا قىلىشتا ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار

سۆھبەت يىغىنىدا نامايان قىلىنغان‹‹شىنجاڭچە ئۈنۈم››


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号