شىنخۇا تورى لەنجۇ 3–ماي تېلېگراممىسى ( گاۋ خۇڭشەن ، سۇڭ چاڭچىڭ ) : مۇخبىر گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئەننانبا ياۋا تۆگە دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى : خەلقئارا ياۋا تۆگىلەرنى قوغداش فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جون ھېر يېقىندا گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئەننانبا ياۋا تۆگە دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ، شىنجاڭنىڭ لوپنۇر كۆلى ياۋا تۆگە دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرلىشىپ ، شىنجاڭنىڭ چاقىلىق ناھىيەسىدىن گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئاقساي ناھىيەسى چېگرىسى ئىچىدىكى گاشۈن گوبىلىقىدا ياۋا تۆگىلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئىلمىي تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان .

19–ئاپرېلدىن 2–مايغىچە ، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر تەكشۈرۈش داۋامىدا جەمئىي 124 ياۋا تۆگىنى بايقىغان بولۇپ ، بۇ تۆگە پادىلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ بولغىنىدا 47 تۆگە، ئەڭ ئاز بولغىنىدا بىر تۆگە بارلىقىنى ئۇچراتقان . يول بويىدا يەنە ياۋا ئېشەك ، غۇلجا–ئارقار ، ئاق بۆغۇز بۆكەن قاتارلىق قوغدىلىدىغان ھايۋانلارنىمۇ ئۇچراتقان . تونۇشتۇرۇشقا قارىغاندا ، ياۋا تۆگە دۆلەتنىڭ 1–دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋىنى بولۇپ ، ئۇنىڭ ياشاش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش بۇ دۇنيادا نەسلى قۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئاز ئۇچرايدىغان تۈرلەرنى قوغداشقا پايدىلىق ئىكەن .
تونۇشتۇرۇشقا قارىغاندا ، بۇ جون ھېرنىڭ 9–قېتىم جۇڭگوغا كېلىپ ياۋا تۆگىلەرنىڭ ياشاش مۇھىتى ، تارقىلىش سانىنى ئىلمىي تەكشۈرۈشى ئىكەن . ياۋا تۆگىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ، جون ھېر قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر ئەننەنبا مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن 15 ئۆي تۆگىسىنى ئارىيەتكە ئېلىپ ، شىنجاڭنىڭ چاقىلىق ناھىيەسى يۇلغۇنلۇق جىلغىسىدىن يولغا چىقىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان . بۇ قېتىمقى ئىلمىي تەكشۈرۈشتە تۆگە مىنىپ 300 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ ، ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ چاقىلىق ناھىيەسىدىن گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئاقساي ناھىيەسى چېگرىسى ئىچىدىكى گاشۈن گوبىلىقى قاتارلىق جايلارغىچە ، غەربتىن شەرققە قاراپ ئالتۇن تاغنىڭ شىمالىي ئىدىرلىقى ئەتراپىدىكى ياۋا تۆگىلەرنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈرگەن .
ھازىر ، دۇنيا بويىچە پەقەت 800 ~ 1000 غىچە ياۋا تۆگە بار ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 600 جۇڭگودا ، قالغانلىرى موڭغۇلىيەدە بولۇپ ، ياۋا تۆگە دۇنيا بويىچە خەۋپ–خەتەر ئاستىدا قالغان تۈرلەر قىزىل تاشلىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن .
تەرجىمە قىلغۇچى : مۇسا ئەخمەت