ۋېن جياباۋ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ، مالىيە خامچوتىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھاكىمە قىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى
جۇڭگو تورى 4-ماي خەۋىرى : گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 4-ماي گوۋۇيۈەن دائىمىيئىشلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ، مالىيە خامچوتىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا مۇھاكىمە ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى .
يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى : مالىيە خامچوتىنى ئاشكارىلاش ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە جامائەت مالىيەسىنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى بولۇپ ، پۇقرالارنىڭ ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بولۇش ھوقوقى ، قاتنىشىش ھوقوقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقوقىغا كاپالەتلىك قىلىپ ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە–سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ، گوۋۇيۈەن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ، ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، مالىيە خامچوتىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىدە ئاكتىپ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى .
بىرىنچى ، مەركەز مالىيە خامچوتىنى ئاشكارىلاش قەدىمىنى روشەن تېزلەتتى . 2009-يىلى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەن مەركەز مالىيە كىرىمى ، مەركەز مالىيە چىقىمى ، مەركەزنىڭ مۇشۇ دەرىجىلىك چىقىمى ، مەركەزنىڭ يەرلىك باج كىرىمىنى قايتۇرۇش ۋە يۆتكىمە چىقىمى قاتارلىق 4 پارچە خامچوت جەدىۋىلىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىدى . 2010-يىلى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەن مەركەز مالىيە خامچوتى توغرىسىدىكى 12 پارچە جەدۋەلنىڭ ھەممىسىنى ئاشكارىلىدى . بۇنىڭ مەزمۇنى جامائەت مالىيە خامچوتى ، ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند خامچوتى ۋە دۆلەت ئىلىكىدىكى كاپىتال باشقۇرۇش خامچوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
ئىككىنچى ، مەركەز تارماقلار خامچوتىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى . 2010-يىلى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنۇلغان تارماقلار خامچوتىنىڭ 98 ى مەركەز تارمىقى بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە 75 تارماقنىڭ خامچوتى ئاشكارىلاندى .
ئۈچىنچى ، يەرلىك مالىيە خامچوتىنى ئاشكارىلاش خىزمىتى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى . 2010–يىلى 18 ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون ، شەھەر ) مالىيەدە ئۆز رايونىنىڭ جامائەت مالىيە خامچوتى ۋە ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند خامچوتىنى ئاشكارىلىدى . 2011–يىلى 27 ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون ، شەھەر ) مالىيەسىنى ئاشكارىلاشنى ئېلىپ باردى . 2011–يىلى 20 ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون ، شەھەر ) ئۆلكىگە بىۋاستە قاراشلىق تارماقلارنىڭ مالىيەسىنى ئاشكارىلىدى .
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى : شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈش كېرەككى ، مالىيە خامچوتىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى تەكشى ئەمەس ، ئاشكارىلاش ئىنچىكە ئەمەس ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا مۇئەييەن پەرق مەۋجۈت ، مالىيە خامچوتىنى ئاشكارىلاشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ساغلام ، ئاشكارا بولۇش مېخانىزمىنى تۇرغۇزۇپ ، ئاشكارىلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ، ئاشكارىلاش مەزمۇنىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ ، مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ، مالىيە ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك .
بىرىنچى ، مەركەز مالىيەسىنىڭ ئومۇمىي خامچوتى ۋە ئومۇمىي نەقچوتىنى ئاشكارىلاش يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەپسىلىيلەشتۈرۈلدى . 2011–يىلى مەركەز جامائەت مالىيەسى خامچوتىدىكى چىقىمدا بىر قىسىم نۇقتىلىق چىقىملارنى ۋە 2010–يىللىق مەركەز مالىيەسىنىڭ ئومۇمىي نەقچوتىنى‹‹ تۈر ›› دەرىجە ، مۇندەرىجىگىچە ئاشكارلىدى .
ئىككىنچى ، مەركەز تارماقلىرىنىڭ خامچوتى ۋە نەقچوتىنى ئاشكارىلاش داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلدى . 2011–يىلى مەملىكەتنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنۇلغان تارماقلار خامچوتىنىڭ 98 مەركەزنىڭ تارمىقى بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەن تارماقلار خامچوتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇ يىل 6–ئايدا ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەركەز خامچوت لايىھەسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن 98 مەركەز تارمىقى تارماق خامچوتىنى ئاشكارىلىدى . مەركەزنىڭ تارماقلىرى ئاشكارىلاش سالمىقىنى زورايتىپ ، تارماق خامچوتى ۋە نەقچوتىنى ئاشكارىلاش مەزمۇنىنى كۆپەيتتى .
ئۈچىنچى ، چەت ئەلگە چىقىش ( چېگرىدىن ئۆتۈش ) راسخوتى ، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ۋە ئايلىنىش راسخوتى ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا كۈتۈۋېلىش راسخوتىدىن ئىبارەت ‹‹ ئۈچ خىل ھۆكۈمەت راسخوتى ›› ۋە مەمۇرىي راسخوت چىقىمى ئەھۋالى ئاشكارا قىلىندى . مەركەز مالىيەسى 2010–يىللىق مەمۇرىي راسخوت چىقىمى نەقچوت ئومۇمىي سوممىسى ۋە ‹‹ ئۈچ خىل ھۆكۈمەت راسخوتى ›› نەقچوت ئومۇمىي سوممىسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىي دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاشكارىلايدۇ . مەركەزدىكى ھەر قايسى تارماقلار ئۆز تارماقلىرىنىڭ 2010–يىللىق ‹‹ ئۈچ خىل ھۆكۈمەت راسخوتى ›› نەقچوت سانى ۋە 2011–يىللىق ‹‹ ئۈچ خىل ھۆكۈمەت راسخوتى ›› خامچوت ئەھۋالىنى ئاشكارىلايدۇ .
تۆتىنچى ، مەركەز يەرلىكنىڭ يۆتكەپ چىقىم قىلغان مەبلىغىنى باشقۇرۇش چارىسىنى ئاشكارىلايدۇ . ئاشكارىلاش مەزمۇنى يۆتكەپ چىقىم قىلىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ، مەبلەغ تەقسىماتى ۋە باشقۇرۇش چارىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
بەشىنچى ، يەرلىكنىڭ مالىيە خامچوتى ، نەقچوتىنى ئاشكارىلاشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك . يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مەركەز مالىيەسىنى ئىشلەش ئۇسۇلىغا سېلىشتۇرۇپ ، تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەن ھۆكۈمەت مالىيە ئومۇمىي خامچوتى ۋە ئومۇمىي نەقچوتىنى ئاشكارىلاش ھەمدە تارماقلار خامچوتى ، ‹‹ ئۈچ خىل ھۆكۈمەت راسخوتى ›› قاتارلىقلارنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك .
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى : ئاشكارىلانغان مالىيە خامچوتى ۋە نەقچوتىغا ئامىباب–چۈشىنىشلىك ئىزاھات بېرىش ، ھەمدە خامچوت ۋە نەقچوت بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئاشكارا قىلىش كېرەك .
تەرجىمە قىلغۇچى : مەھەممەت بارات