باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> مەملىكەت

ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى بەش يىلدا بىر قاتلاش تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈلىدۇ

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2011-05-06 12:08

    ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ياڭ جىمىڭ يېقىندا ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئەمگەك مۇناسىۋىتى خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئېلىمىز ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭمائاشىنى يىلىغا %15 تىن ئۆستۈرۈشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدۇ. مۇشۇ بويىچە بولغاندا، ‹‹12 – بەش يىل››دا، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى بىر قاتلىنىشى مۇمكىن.

    ياڭ جىمىڭ مۇنداق دېدى: كارخانىلاردىكى ئادەتتىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش سەۋىيەسى مەركەز قىلىنىپ، كارخانا مائاش تەقسىماتى تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنىدۇ. مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش داۋاملىق مۇھىم نۇقتا، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى كارخانىلار ۋە ئەمگەكچىلەر زىچ مەركەزلەشكەن كارخانىلار نۇقتىلىق ئوبيېكىت قىلىنىپ، مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش بويىچە قاپلىنىش دائىرىسى تىرىشىپ كېڭەيتىلىپ، كارخانا نورمال مائاش ئۆستۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىش تېزلىتىلىپ، كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشىنىڭ ئۆسۈشى كارخانا ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنىڭ ئېشىشىدىن تۆۋەن بولماسلىق، كارخانىلاردىكى بىرىنچى سەپتە ئىشلەۋاتقان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈش كارخانا ئوتتۇرىچە مائاش ئۆستۈرۈش سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. جايلار مائاش يېتەكچى سىزىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنىڭ مائاش يېتەكچى باھاسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى داۋاملىق ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، كارخانا ۋە ئەمگەكچىلەرنى مائاشىنى كوللېكتىپ كېڭىشىدىغان ئاساس بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

    ياڭ جىمىڭ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ نېسى قالدۇرۇلغان ئىش ھەققى مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا كۆرسەتكەن ۋاقىت جەدۋىلىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق: بۇ يىل جېجياڭ، تيەنجىن، چۇڭچىڭ قاتارلىق ئون نەچچە ئۆلكە، شەھەردە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققى ئاساسىي جەھەتتىن نېسى قالدۇرۇلمايدۇ، كېلەر يىلى %50تىن كۆپرەك ئۆلكىدە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققى ئاساسىي جەھەتتىن نېسى قالدۇرۇلمايدۇ، كېيىنكى يىلى مەملىكەت دائىرىسىدە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرماسلىق نىشانىغا يېتىلىدۇ.

    ‹‹جۇڭگو تەرمىلەر گېزىتى››دىن

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ۋېنجۇ شەھەرلىك ساقچى دائىرلىرى ئالدىنىپ ئېلىپ كېتىلىپ باشقىلارنىڭ كونتروللىقىدا جىنايەت ئۆتكۈزگەن توققۇز نەپەر شىنجاڭلىق قورامىغا يەتمىگەن بالىنى قۇتقۇزۋالدى

يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك

جۇڭگو زادى كىمگە ‹‹ تەھدىت ›› سالدى

ئۈرۈمچى شەھىرى دۆلە تيېرىگە سېلىنغان ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تولۇقلىما بېرىش نىزامىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئايرىم ھالدا ئەترەتلەرنى باشلاپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە – شەھەرلەرنى زىيارەت قىلىدۇ

بەختىيار شىنجاڭ بەرپا قىلىشتا ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار

سۆھبەت يىغىنىدا نامايان قىلىنغان‹‹شىنجاڭچە ئۈنۈم››

چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى: ئامېرىكا، جۇڭگو، ئەنگىلىيەنىڭ ھەربىي خىراجەت چىقىمى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号