شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ماي تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى يېقىندا ما جىنيۇڭ قاتارلىق 25 يولداشقا 15 – نۆۋەتلىك ‹‹جۇڭگو <4 – ماي> ياشلار مېدالى›› بېرىشنى، جۇڭگو دېڭىز – ئوكيان نېفىت باش شىركىتى بوخەي نېفىتلىكى چارلاش – ئېچىش تەتقىقات يۇرتى لياۋدۇڭ قولتۇقى چارلاش تۈرى ئەترىتى قاتارلىق ئىككى كوللېكتىپقا ‹‹جۇڭگو <4 – ماي> ياشلار كوللېكتىپى مېدالى›› بېرىشنى قارار قىلدى.
15 – نۆۋەتلىك ‹‹جۇڭگو <4 – ماي> ياشلار مېدالى››غا ئېرىشكەنلەر: جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 63713 – قىسىم ئوپتىكىلىق ئۆلچەش 2 – ئوتتۇرا ئەترىتى تارماق ئەترىتىدىن ما جىنيۇڭ؛ جياڭشى ‹‹لۈخۇەن›› چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ دۇڭشىن؛ سىچۇەن ئۆلكىسى پىڭشەن ناھىيەسى جىنپىڭ بازىرى جىنپىڭجىسۈي كەنتى بىرلەشمە پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يۈپىڭ(ئايال)؛ شەندۇڭ ‹‹خاۋمەي›› ماشىنىسازلىق پەن – تېخنىكىسى پاي چەكلىك شىركىتى قېلىپ تېخنىكىسى بۆلۈمى ئېلېكتىر ئۇچقۇنى پەن تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چىنفېڭ؛ دۆلەت مەخپىي شىفىر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى لۇ يىڭۋېي، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كورلا شەھىرى قارايۇلغۇن يېزىسى تەسكەن كەنتى 4 – گۇرۇپپىسىدىكى دېھقان ياقۇپ سەمەت؛ بېيجىڭ ئۇسسۇل ئىنستىتۇتى ياش ئۇسسۇلچىلار ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى ليۇ يەن(ئايال)؛ بېيجىڭ شەھەر ئىنستىتۇتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىنستىتۇت مۇدىرى ليۇ لىن؛ جىلىن ئۆلكىلىك ج خ ئوت مۇداپىئەسى باش ئەترىتى چاڭچۈن شەھەرلىك تارماق ئەترىتى ئالاھىدە ۋەزىپە چوڭ ئەترىتى 1 – ئوتتۇرا ئەترىتى باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى سۈن جۈن؛ گۇيجۇ ئۆلكىسى زىيۈن ناھىيەسى شۈيتاڭ بازىرى شۈيتاڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى سۈن جېڭيۇڭ؛ جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئەترىتى 2 – تارماق ئەترىتى ئالاھىدە ۋەزىپە ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئەن خۇڭۋېي قاتارلىقلار.
‹‹جۇڭگو <4 – ماي> ياشلار كوللېكتىپى مېدالى››غا ئېرىشكەنلەر: جۇڭگو دېڭىز – ئوكيان نېفىت باش شىركىتى بوخەي نېفىتلىكى چارلاش – ئېچىش تەتقىقات يۇرتى لياۋدۇڭ قولتۇقى چارلاش تۈرى ئەترىتى؛ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 77363 – قىسىمى.