باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> مەملىكەت

دۆلەت يېمەكلىك ۋە يەم–خەشەككە قانۇنسىز قوشۇلغان خۇرۇچ تىزىملىكىنى قايتا ئېلان قىلدى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2011-04-28 13:00

        گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى ئىشخانىسىدىن يېقىندا ئىگىلىنىشىچە، يېمەكلىككە يېيىشكە بولمايدىغان ماددىلارنى قانۇنسىز قوشۇش، يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىش ۋە يەم – خەشەك، سۇ باقمىچىلىقىدا چەكلەنگەن دورىلارنى ئىشلىتىشكە قاتتىق زەربە بېرىش ئۈچۈن، سەھىيە مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار خەۋپ – خەتەرنى كۆزىتىش ۋە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقالغان مەسىلىلەرگە ئاساسەن، قانۇنسىز ئىشلىتىلگەن ماددا تىزىملىكىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ، ھازىرغا قەدەر يېمەكلىك ۋە يەم – خەشەككە قانۇنسىز قوشۇلغان 151 خىل خۇرۇچ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ 47 خىلى يېمەكلىككە ‹‹قانۇنسىز قوشۇلغان، يېيىشكە بولمايدىغان ماددىلار›› بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، 22 خىلى ‹‹قالايمىقان ئىشلىتىلىدىغان يېمەكلىك خۇرۇچلىرى››، 82 خىلى ‹‹يەم – خەشەككە، ھايۋانلار ئىچىدىغان سۇغا ۋە چارۋا، قۇش، سۇ باقمىچىلىقى جەريانىدا ئىشلىتىش چەكلەنگەن دورا ۋە ماددىلار›› ئىكەن.

    ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يېمەكلىككە يېمەكلىك خۇرۇچىدىن باشقا ھەر قانداق خىمىيەلىك ماددا ۋە سالامەتلىككە زىيانلىق باشقا ماددىنى ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تېرىش، پىششىقلاش، سېتىۋېلىش، توشۇش جەريانىدا چەكلەنگەن دورىلار ياكى سالامەتلىككە زىيانلىق باشقا ماددىلارنى ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. قانۇنسىز خۇرۇچ قوشۇش قىلمىشلىرىنىڭ خاراكتېرى قەبىھ، ئاممىنىڭ سالامەتلىكىگە بولغان زىيىنى ئېغىر بولۇپ، زەھەرلىك، زىيانلىق يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش قاتارلىق جىنايەتلەرگە چېتىلىدۇ، بۇلار جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە سۈرەشتە قىلىنىدۇ، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرىغا ھەتتا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.

    يېمەكلىك ۋە يەم – خەشەككە قانۇنسىز قوشۇلغان خۇرۇچ تىزىملىكى سەھىيە مىنىستىرلىقى تور پونكىتى .moh.gov.cn wwwۋە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى تور پونكىتىدا ئېلان قىلىندى.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: ئەكبەر ئابلىكىم

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭگو زادى كىمگە ‹‹ تەھدىت ›› سالدى

ئۈرۈمچى شەھىرى دۆلە تيېرىگە سېلىنغان ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تولۇقلىما بېرىش نىزامىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئايرىم ھالدا ئەترەتلەرنى باشلاپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە – شەھەرلەرنى زىيارەت قىلىدۇ

بەختىيار شىنجاڭ بەرپا قىلىشتا ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار

سۆھبەت يىغىنىدا نامايان قىلىنغان‹‹شىنجاڭچە ئۈنۈم››

چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى: ئامېرىكا، جۇڭگو، ئەنگىلىيەنىڭ ھەربىي خىراجەت چىقىمى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ

تاشيول قۇرۇلۇشى خەلقنى بېيىتىپ ، ناھىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش چۈشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغۇسى

ئالىي مەكتەپ ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەر كەسىپ تەربىيەسى ئالسا ئېتىبارغا ئېرىشەلەيدۇ


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号