مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ 24 – ئاپرېل ئېلان قىلغان بىر ھۆججىتىگە ئاساسلانغاندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىسىغا كىرىشتە قالايمىقان ھەق ئېلىشنى چەكلەش توغرىسىدا قايتا بۇيرۇق چىقارغان ھەم ئۇنى 2011 – يىللىق مائارىپتا قالايمىغان ھەق ئېلىشنى تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ بېكىتكەن.
بالىلار باغچىسىغا كىرىش تەس بولۇش مەسىلىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان قالايمىغان ھەق ئېلىش ھادىسىسىگە قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق يەتتە تارماق بىرلىكتە تارقاتقان ‹‹2011 – يىللىق مائارىپتا قالايمىقان ھەق ئېلىشنى تۈزەش، مائارىپتا ھەق ئېلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يولغا قويۇش پىكرى››دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بالىلار باغچىسى ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. بالىلار باغچىلىرى(يەسلى) ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك، قائىدىگە خىلاپ ھالدا ئالاھىدە سىنىپ، ھەۋەسكارلار سىنىپى، تەجرىبە سىنىپى قاتارلىق تۈرلۈك نامدىكى سىنىپلارنى ئېچىپ، ئاتا – ئانىلاردىن قايتىلاپ ھەق ئالسا، بالىلار باغچىسىغا كىرىش باھانىسى بىلەن ياردەم پۇلى، مائارىپنى قوللاش پۇلى ئالسا بولمايدۇ.
ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ تاللاشتا قالايمىغان ھەق ئېلىش مەسىلىسىگە قارىتا، يولغا قويۇش پىكرىدە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ تاللىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش نىسبىتى مەزكۇر مەكتەپنىڭ شۇ يىلقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى(مەكتەپ تاللىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)نىڭ %30ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. كېلەر يېلى كۈزدىن باشلاپ، مەكتەپ بىرلىك قىلىنىپ مەكتەپ تاللىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش نىسبىتى %20كە چۈشۈرۈلىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى