باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> مەملىكەت

خۇ جىنتاۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2011-04-27 12:24

يىغىندا يېزىلارنى يۆلەش–ئېچىش خىزمىتى مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى ‹‹جۇڭگو يېزىلارنى يۆلەش–ئېچىش تېزىسى(2011–2020–يىللىق)›› غا قاراپ چىقىلدى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى 26 – ئاپرېل يىغىن ئېچىپ، ھازىرقى يۆلەش – ئېچىش خىزمىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىنى مۇزاكىرە قىلدى، ‹‹جۇڭگو يېزىلارنى يۆلەش – ئېچىش تېزىسى(2011 – 2020 – يىللىق)››غا قاراپ چىقتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى خۇ جىنتاۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    يىغىندا مۇنداق قارالدى: ‹‹جۇڭگو يېزىلارنى يۆلەش – ئېچىش تېزىسى(2001 – 2010 – يىللىق)›› يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مەملىكىتىمىزنىڭ يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىدە يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. يېزىلاردا نامراتلار زور دەرىجىدە ئازايدى، كىرىم سەۋىيەسى مۇقىم ئاشتى، نامرات رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئىجتىمائىي ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز ئالغا باستى، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلدى، يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشاش ۋە تويۇنۇش مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولدى، جۇڭگوچە يۆلەش – ئېچىش يولى ئېچىلدى.

    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەملىكىتىمىز سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ھەم ئۇزاق مۇددەت تۇرىدۇ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسى يۇقىرى ئەمەس، نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى چۈشەيدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەر ھېلىھەم مەۋجۇت، بولۇپمۇ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل. شۇڭا، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىرادە، تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق يېڭى نۆۋەتلىك يۆلەش – ئېچىشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، مەملىكەت خەلقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە ئورتاق كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەملىكىتىمىزنىڭ يۆلەش – ئېچىش خىزمىتى تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئاساسىي ۋەزىپە قىلىنغان باسقۇچتىن تويۇنۇش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش، تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى تېزلىتىش، تەرەققىيات پەرقىنى كىچىكلىتىشتىن ئىبارەت يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلارنى ئاساسىي جەڭگاھ قىلىپ، يۆلەش ئوبيېكتلىرىنىڭ تويۇنۇش مەسىلىسىنى مۇقىم ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىشنى بىرىنچى ۋەزىپە قىلىش كېرەك. 2020 – يىلىغا بارغاندا، يۆلەش ئوبيېكتلىرىنىڭ تويۇنۇش – كىيىنىش مەسىلىسى مۇقىم ھەل قىلىنىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىشى ۋە تۇرالغۇسىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ نامرات رايوندىكى دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىم نىسبىتى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئاشۇرۇلىدۇ، جامائەت مۇلازىمىتىدىكى ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېقىنلاشتۇرۇلۇپ، تەرەققىيات پەرقى چوڭىيىش ۋەزىيىتى ئۆزگەرتىلىدۇ.

    يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئېچىش تىپىدىكى يۆلەش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈلمە، مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەخسۇس تۈر بويىچە يۆلەش، نىشانلىق يۆلەش، جەمئىيەت يۆلەشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات رايون ۋە يۆلەش ئوبيېكتلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، خەلقئارا ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىدىيەۋى تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يۆلەش – ئېچىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، يۆلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشىنى، يۆلەشنى قانۇن – تۈزۈملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، 2020 – يىللىق يۆلەش – ئېچىش نىشان، ۋەزىپىسىنى تىرىشىپ ئورۇنداش كېرەك.

    يىغىندا يەنە باشقا ئىشلارمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: ئەكبەر ئابلىكىم

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئايرىم ھالدا ئەترەتلەرنى باشلاپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە – شەھەرلەرنى زىيارەت قىلىدۇ

بەختىيار شىنجاڭ بەرپا قىلىشتا ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار

سۆھبەت يىغىنىدا نامايان قىلىنغان‹‹شىنجاڭچە ئۈنۈم››

چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى: ئامېرىكا، جۇڭگو، ئەنگىلىيەنىڭ ھەربىي خىراجەت چىقىمى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ

تاشيول قۇرۇلۇشى خەلقنى بېيىتىپ ، ناھىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش چۈشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغۇسى

ئالىي مەكتەپ ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەر كەسىپ تەربىيەسى ئالسا ئېتىبارغا ئېرىشەلەيدۇ

كادىرلار ، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتتى

مەملىكەتلىك‹‹ئىككى يىغىن››دىن شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا نەزەر


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号