ئاخبارات – نەشرىيات باش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2010 – يىلى ئېلىمىزدە جەمئىي 1939 خىل گېزىت نەشر قىلىنغان بولۇپ، تىراژى 50 مىليارد 20 مىليون پارچىگە يەتكەن، تۈرلۈك كىتابتىن 328 مىڭى نەشر قىلىنىپ، سانى 7 مىليارد 170 مىليونغا يەتكەن، تۈرلۈك ژۇرنال 9884 خىل بولۇپ، سانى 3 مىليارد 54 مىليونغا يەتكەن.
ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010 – يىلى مەملىكەت بويىچە نەشر بۇيۇملىرى ئىمپورت – ئېكسپورت سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تىجارەتچىلەرنىڭ كىتاب، گېزىت، ژۇرنال، ئۈن – سىن بۇيۇملىرى، ئېلېكتىرونلۇق نەشر بۇيۇملىرىنى ئېكسپورت قىلىش مىقدارى 10 مىليون 475 مىڭ پارچىگە يېتىپ، ئېكسپورت سوممىسى 37 مىليون 582 مىڭ دوللارغا يەتكەن. ئېلىمىزنىڭ نەشر بۇيۇملىرى دۇنيادىكى 190دىن كۆپرەك دۆلەت ۋە رايونغا كىرگەن، گېزىت – ژۇرنال تارقىتىش دائىرىسى 80دىن كۆپرەك دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىغان، نۇقتىلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرگە نەشر ھوقۇقىنى ئېكسپورت قىلىش ئومۇمىي مىقدارى 2005 – يىلىدىكىدىن 14 ھەسسىگە يېقىن ئاشقان. ئاخبارات – نەشرىياتچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى 122 مىليون يۈەنگە يېتىپ، كۆپەيگەن قوشۇلما قىممەت 350 مىليارد يۈەنگە يەتكەن.
ھازىر ئېلىمىزنىڭ گېزىت نەشر قىلىش كۆلىمى، كىتاب تۈرى ۋە نەشرىيات ئومۇمىي مىقدارى دۇنيادا 1 – ئورۇندا تۇرىدۇ، ئېلېكتىرونلۇق نەشر بۇيۇملىرى، تور ئىلىم – پەن نەشر بۇيۇملىرى ئومۇمىي مىقدارى دۇنيادا 2 – ئورۇندا، باسمىچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى دۇنيادا 3 – ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئاخبارات – نەشرىيات باش مەھكىمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئېلىمىزنىڭ نەشرىياتچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە مەھسۇلات ئومۇمىي مىقدارى شۇنى كۆرسەتتىكى ئېلىمىز ئىسمى جىسمىغا لايىق مەتبۇئات چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندى، ئاخبارات – نەشرىياتچىلىق مەدەنىيەتتىكى ئاساسلىق ساھە بولۇپلا قالماستىن، مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ ئاساسىي كۈچى، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئېشىشىدىكى يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى