شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 16 – ئاپرېلدىن 19 – ئاپرېلغىچە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تۆت ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، جاڭ چۈنشيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى نەچچە مىڭ كىلومېتىر يول يۈرۈپ، ھەر كۈنى سەھەردىن يېرىم كېچىگىچە خىزمەت قىلدى. ئېتىز باشلىرى، كوچا – مەھەللىلەر، كارخانا – مەكتەپلەر بولۇپ 40 قا يېقىن نۇقتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن باشقا، تۆت كۈن ئىچىدە يەنە چۈشتىن كېيىنكى ۋە كەچلىك ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، ئۈچ قېتىم سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، ھەر بىر قېتىملىق سۆھبەت يىغىنى بىرقانچە سائەت داۋاملاشتى.
جاڭ چۈنشيەن 16 – ئاپرېل پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ ‹‹ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش›› قۇرۇلۇشى ۋە كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش تۈرىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ئۇ توختىماستىن بىر كۈن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاددىي خىزمەت تامىقى يەپ بولغاندا، كەچ سائەت 30: 8 بولغانىدى. جاڭ چۈنشيەن قەشقەر ۋىلايىتى، ناھىيە ۋە يېزا – بازارلارنىڭ ھەر دەرىجىلىك كادىرلىرىنى يىغىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئالاقىدار پىكىر – تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى، تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ئەتىسى چۈشتىن كېيىن يوپۇغا ناھىيەلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىر سىنىپىدا 2 – قېتىملىق سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ۋىلايەت، ناھىيە ۋە يېزا – بازارلاردىن كەلگەن ھەر دەرىجىلىك مائارىپ خىزمەتچىلىرى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى بىلەن بىللە مەسىلە ۋە پەرقلەرنى ئىزدەپ، پىكىر – تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، ئۇل مائارىپ، كەسپىي مائارىپ، ئالىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ چارە – تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىزدەندى.
18 – ئاپرېل كەچ سائەت 30: 9 دا، ئۈچ كۈنلۈك سەپەردىن كېيىنكى 3 – قېتىملىق سۆھبەت يىغىنى مەكىت ناھىيەسىدىكى ناھىيەلىك مېھمانخانىنىڭ يىغىن زالىدا ئېچىلدى، بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىدا پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە جەمئىيەت باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي تېما قىلىندى. سۆھبەت يىغىنى ئاياغلاشقاندا، سائەت ئىستىرىلكىسى ئاللىبۇرۇن 19 – ئاپرېل سائەت 0 گە بېرىپ بولغانىدى، پۈتۈن كۈنلۈك خىزمەت ۋاقتىمۇ 15 سائەتتىن ئاشقانىدى......
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولغان ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ۋىلايەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك كادىرلىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن ئويغا چۆمگەن ھالدا: بۇ ھەقىقەتەنمۇ ‹‹شىنجاڭچە ئۈنۈم›› بولدى؛ مۇشۇنداق ئۆزىنى ئۇنتۇپ، ساقلاپ تۇرماي، مىنۇت – سېكونتنىمۇ قولدىن بەرمەي ئىشلەش، ئەمەلىي ئىشلەش روھى بىلەن ‹‹تىرىشىپ ئىشلىگەندىلا، ھەممىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىكەن!›› دېيىشتى.