باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى: ئامېرىكا، جۇڭگو، ئەنگىلىيەنىڭ ھەربىي خىراجەت چىقىمى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2011-04-14 12:59

    ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتى تورى پۇنكىتىنىڭ 11–ئاپرېل خەۋىرى: شىۋىتسىيە ستوكھولم خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقات ئورنى (SIPRI )نىڭ ئەڭ يېڭى خەلقئارا ھەربىي خىراجەت دوكلاتىدا ، جۇڭگو 2010–يىلى ھەربىي خىراجەت جەھەتتە دۇنيا بويىچە يەنىلا ئىككىنچى چوڭ دۆلەت ھېسابلاندى ، -دېيىلدى.

    دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ 2010–يىللىق ھەربىي خىراجەت چىقىمى 120 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلىشىپ ، 2009–يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %3.8 ئاشتى . بىراق بۇ ئۆسۈش نىسبىتىنى2009–يىلىدىكى %15 ئۆسۈش نىسبىتىگە سېلىشتۇرغاندا خېلى چوڭ ئازايدى .

    جۇڭگو ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتنى خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا سېلىشتۇرغاندا، ئازراق پەرق بار . جۇڭگونىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، جۇڭگونىڭ 2010–يىلىدىكى ھەربىي خىراجەت چىقىمى 532 مىليارد 100 مىليون خەلق پۇلى بولۇپ، ئالدىنقى يىلىغا سېلىشتۇرغاندا %7.5 ئاشقان .

    جۇڭگو ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا يەنە مۇنداق دېيىلدى: 2011–يىلى جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى تەخمىنەن 601 مىليارد 100 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولۇپ، 2010-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا تەخمىنەن %12.7 ئاشۇرۇلىدىكەن.

    فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ستوكھولم 11–ئاپرېل تېلېگراممىسى:شىۋىتسىيە ئاقىللار ئامبىرى ستوكھولم خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقات ئورنى 11–ئاپرېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى، يەر شارى ئىقتىسادىي كىرىزىسى دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىغا زەربە بەردى ، ئۆتكەن يىلى يەرشارى بويىچە ھەربىي خىراجەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ ، 2001–يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەنى ياراتتى.

    ئامېرىكىنىڭ ئۆتكەن يىلقى ھەربىي خىراجىتىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى گەرچە كۆپلەپ ئاستىلىغان بولسىمۇ، ئەمما دۆلەت مۇداپىئە چىقىمى يەنىلا يەرشارى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ ، پۈتۈن يەرشارى ھەربىي خىراجىتىنىڭ ئۆسۈشىنى ئۈستىگە ئالغاندەك دەرىجىگە يەتتى . ئامېرىكىنىڭ 2010–يىلىدىكى ھەربىي خىراجەت چىقىمىنىڭ ئۆسۈشى ياكى كۆپىيىشى %2.8 بولۇپ، 698 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. گەرچە ئېشىشى ئاستا بولسىمۇ ، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي خىراجەت چىقىمى يەنىلا ئېشىپ ، 19 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ ، ئۆتكەن يىلقى يەر شارى بويىچە ئاشقان چىقىم 20 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلىدى.

    بۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ ھەربىي خىراجەت چىقىم تۈرى مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ‹‹2001–يىلىدىن باشلاپ، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي چىقىمىنىڭ ئېشىشى %81 بولۇپ ، ھازىر يەرشارى بويىچە ھەربىي خىراجەت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %43 ىنى ئىگىلەپ ، ھەربىي خىراجەت چىقىمى رەت تەرتىپىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان جۇڭگونىڭ ئالتە ھەسسىسىنى ئىگىلىدى ›› .

    ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ستوكھولم 11–ئاپرېل تېلېگراممىسى:شىۋىتسىيە ئاقىللار ئامبىرىدىكىلەر : يەرشارى بويىچە قورال–ياراغ چىقىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىدى ،-دېدى

    بىر ئاقىللار ئامبىرى مۇنداق دېدى: يەرشارى خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى پەيدا قىلغان خامچوتنىڭ قىسقارتىلىشى تۈپەيلىدىن دۇنيادا ھەربىي خىراجەت چىقىمى 2010–يىلى ئاران %1.3 ئاشتى، ئەمما ئالدىنقى ئۈچ چوڭ قورال–ياراغقا مەبلەغ سالغۇچى دۆلەت ئايرىم ھالدا ئامېرىكا، جۇڭگو ۋە ئەنگىلىيەدىن ئىبارەت.

    ستوكھولم خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقات ئورنىدىكىلەر مۇنداق دېيىشتى ، بىرازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش جەھەتتىكى ئىزدىنىشىگە ئەگىشىپ ، جەنۇبىي ئامېرىكا ھەربىي خىراجەت چىقىمىنىڭ ئېشىشى ئەڭ زور بولغان رايون (%5.8 ) غا ئايلاندى.

    بۇ ئاقىللار ئامبىرىدىكىلەر مۇنداق دېيىشتى: ئۆتكەن يىلى رەت تەرتىپىنىڭ ئالدىدا تۇرغىنى ئامېرىكا بولۇپ ، ھەربىي خىراجەت چىقىمى 698 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ ، جۇڭگو (119 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) ۋە ئەنگىلىيە (59 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ) ئۇنىڭ كەينىدە تۇردى . جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ ھەربىي خىراجەت چىقىمىنىڭ ئېشىشىنى مۇئەييەن دەرىجىدە بىر مۇنچە دۆلەت خادىملىرىنىڭ تەننەرخىنى ئۆرلىتىۋېتىشى ، ھەمدە دۆلەت ئىچىدىكى خەۋپسىزلىك تەھدىتىنىڭ ئېغىرلىشىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل ئۆزگىرىشنى مۇشۇ رايونلارنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش قۇربى، دۇنيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش نىسبىتىنىڭ چەكلىك بولۇشىدەك ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىغا قويۇپ قاراش كېرەك . ئۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ئىشلارغا سېلىنىدىغان مەبلەغنى ئاشۇرۇش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىشى ياكى ئازايتىشى ھۆكۈمەتنىڭ خام چوتنى قىسقارتىشقا ماسلىشىشى سەۋەب بولغان.

    ئاسىيا قورال–ياراغقا سېلىنىدىغان مەبلەغنى ئاشۇرۇش سۈرئىتىنى %1.4ئاستىلاتتى، ئومۇمىي سوممىسى 317 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى . 2010–يىلى ياۋروپانىڭ قورال–ياراغ چىقىمى 382 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، %2.8 تۆۋەنلىگەنىدى.

    ئوتتۇرا شەرقتە ھەربىي خىراجەت چىقىمىنىڭ ئېشىشى %2.5 بولۇپ ، 111 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، بۇنىڭدا ئاساسەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئېغىر تىپتىكى قوراللارغا چىقىم قىلىشى سەۋەب بولدى.

    ئافرىقىدىكى ئالجىرىيە، ئانگولا ۋە نىگېرىيە قاتارلىق ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەرمۇ بۇ رايوننىڭ قورال–ياراغ چىقىمىدا دولقۇن قوزغاش رولىنى ئوينىدى .ئافرىقىنىڭ قورال–ياراغ چىقىمىنىڭ ئېشىشى %5.2 بولۇپ ، 30 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.

    تەرجىمە قىلغۇچى : مەھەممەت بارات

  مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى: ئامېرىكا، جۇڭگو، ئەنگىلىيەنىڭ ھەربىي خىراجەت چىقىمى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ

تاشيول قۇرۇلۇشى خەلقنى بېيىتىپ ، ناھىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش چۈشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغۇسى

ئالىي مەكتەپ ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەر كەسىپ تەربىيەسى ئالسا ئېتىبارغا ئېرىشەلەيدۇ

كادىرلار ، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتتى

مەملىكەتلىك‹‹ئىككى يىغىن››دىن شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا نەزەر

خەلق تۇرمۇشى نۇقتىسىدىن ‹‹ئىككى يىغىن›› غا نەزەر

ئىستېمالغا ئالاقىدار ئەرزلەر ئىچىدىكى ئون قىزىق نۇقتا

60يىلدا قازاندۇق ئۇتۇق ۋە شەرەپ ، ھالقىيمىز تەرەققىياتتا ئېچىپ يېڭى بەت


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号