ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئامما11تاشيول قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلانغانلىقىنى قىزغىن بەس–مۇنازىرە قىلدى
ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈشتىكى 18 نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا تەڭلا ئىش باشلانغاندىن كېيىن، 12 – ئاپرېل 11 تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىدە تەڭلا ئىش باشلانغانلىقى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئاممىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى، يەرلىكتىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئامما خەلقنى بېيىتىپ، ناھىيەنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان تاشيول قۇرۇلۇشىدىن زور ئۈمىد كۈتتى.
بۇ قېتىم سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا تۆت نۇقتىلىق تاشيول قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە گۇچۇڭ ناھىيەسىدىن ئۆتىدىغان يول ئۈچ بولۇپ، گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئامما بۇنىڭدىن چەكسىز ھاياجانلاندى. گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى خۇ يەن مۇنداق دېدى: بۇ ئۈچ تاشيول پۈتكەندىن كېيىن، پۈتكۈل شەرقىي جۇڭغارنىڭ كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بەلبېغىنى تۇتاشتۇرۇپ، ھەر تەرەپكە تۇتاشقان سانائەت رايونى تاشيول تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، شەرقىي جۇڭغار كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۈرتكە بولۇپ، ‹‹غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش››، ‹‹شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش››ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، شۇنداقلا گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
دۆلەت يولى 216 – لىنىيەسىدىكى كۆيگەنتاغ – داخۇاڭشەن تاشيول قۇرۇلۇشى كۆيگەنتاغ رايونىدىكى كارخانىلار ۋە سودىگەرلەرنى چەكسىز خۇشال قىلدى. جياڭ جىجۇڭ دۆلەت يولى 216 – لىنىيەسىدە دائىم قاتنايدىغان شوپۇر، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يول تار، كاتاڭ جىق، ھەر قېتىم يۈك توشۇغاندا ئاپتوموبىلنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئىنچىكە تەكشۈرىمەن، تاشيول تېزرەك پۈتسە، بىر قانچە قېتىم ئارتۇق قاتناپ، كۆپرەك پۇل تېپىشنى ئويلايمەن.
يېڭى يەكەن دەرياسى كۆۋرۈكى كونا دۆلەت يولى 315 – لىنىيەسىدە بولۇپ، پوسكام ناھىيەسى تەۋەسىدىكى دۆلەت يولى 315 – لىنىيەسىدىن باشلىنىپ، يەكەن دەرياسىدىن ئۆتۈپ، يەكەن ناھىيەسىدىكى دۆلەت يولى 315 – لىنىيەسىدە ئاخىرلىشىدۇ، بۇ كۆۋرۈك پوسكام، قاغىلىق، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن قەشقەر شەھىرىگە بېرىشتىكى مۇھىم تۈگۈن. پوسكام ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن شۈگۇاڭ مۇنداق دېدى: يېڭى كۆۋرۈك دۆلەت يولى 315 – لىنىيەسىدىكى مۇھىم تۈگۈن، جەنۇب – شىمال ئارىلىقىدا قاتنايدىغان ئاپتوموبىللار چوقۇم ئۆتىدىغان يول. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، دۆلەت يولى 315 – لىنىيەسى پوسكام ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، شۇنداقلا خەلقنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىشتىكى ھاياتلىق جان تومۇرى، بەخت لىنىيەسى، شۇڭا، بۇ يولنىڭ راۋانلىقى تولىمۇ مۇھىم.
ئىككى ئۆلكە تاشيولى تۈرىدە توقسۇن ناھىيەسىدە ئىش باشلانغاندىن كېيىن، يەرلىكتىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئامما شادلىقتىن تەنتەنە قىلدى. تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن ۋالىيسى ۋۇ ۋېنۋۇ مۇنداق دېدى: يۈرگۇدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان مۇساپە 120 كىلومېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. ئىلگىرى يول ناچار بولغاچقا، توقسۇن ناھىيەسىنى ئايلىنىپ مېڭىپ ۋاقىت ۋە كۈچ ئىسراپ بولاتتى. ئۆلكە يولى 103 – لىنىيەسىدىكى ئېۋىرغول – يۈرگۇ تاشيولى پۈتكەندىن كېيىن، يۈرگۇدىن ئۈرۈمچىگە بىۋاسىتە بارغىلى بولىدۇ، مۇساپە زور دەرىجىدە قىسقىرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، جەنۇبىي شىنجاڭدىن توقسۇن ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە كېلىدىغان ئاپتوموبىللار 30 چاقىرىملىق شامال ئۆتىڭىدىن ئۆتمەيمۇ، بۇ يول ئارقىلىق مەنزىلگە بىخەتەر بارالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ تاشيول قاراتاغ كۆمۈر كېنى، بور جاي كۆمۈر كېنى بىلەن شىنجاڭ ‹‹شېڭشيۇڭ›› ئېنېرگىيە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئېۋىرغول ۋە ئالغۇ بازىرىدىكى ئىككى كوكس بازىسىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ، مۇھىم ئېنېرگىيە يولىنى شەكىللەندۈرۈپ، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
ئۆلكە يولى 228 – لىنىيەسىدىكى چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ ئارالتۆپە بازىرى – ئاچچىقسۇ تاشيول قۇرۇلۇشى چىڭگىل ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئاممىنى شادلاندۇردى. چىڭگىل ناھىيەلىك قاتناش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ساڭ زۇڭمىن مۇنداق دېدى: بۇ تاشيول چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ سىرت بىلەن ئالاقە قىلىشىدىكى يېڭى يولىغا، سانجى ئوبلاستىنىڭ گۇچۇڭ ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدىغان مۇھىم يولغا، شۇنداقلا شەرقىي شىنجاڭ رايونىدىكى مۇھىم يولغا ئايلىنىدۇ.
ئۆلكە يولى 242 – لىنىيەسىدىكى نىلقا – توققۇزتارا تاشيول تۈرىنىڭ بىر بۆلىكىنى ياساش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان جۇڭگو تۆمۈريول 10 – ئىدارىسى 2 – تارماق شىركىتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى فۇ يۇڭشىن مۇنداق دېدى: ئۆلكە يولى 242 – لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى نىلقا ناھىيەسىنىڭ ساياھەت بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەرلىكنىڭ تىرانسپورت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، نىلقىدىن توققۇزتاراغا بېرىشتىكى يولنى قىسقارتىدۇ ھەم نىلقا ئەتراپى يېزا – بازارلىرىدىكى 600 – 700 دىن كۆپرەك ئەمگەكچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ.
(يەن جىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز لى جىنچاۋ، ياۋ جىۋېن، لى شياۋجۈن، ۋاڭ جىخېڭ، ۋېن جىخۇي، لى شىنئەن، ياڭ بياۋ، سۈي جىڭ خەۋىرى)