باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> مەملىكەت

مەركىزىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى،مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى نۆۋەت ئالمىشىش ئىنتىزامىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2011-04-14 12:29

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. مەركىزىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى 11 – ئاپرېل نۆۋەت ئالمىشىش ئىنتىزامىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. مەركىزىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى تەشكىللەشتە، ئىنتىزامدا، تەربىيەلەشتە، نازارەت قىلىشتا، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا ۋە تەكشۈرۈپ باھالاشتا قاتتىق بولۇشتىن ئىبارەت ئالتە جەھەتتىن نۆۋەت ئالمىشىش ئىنتىزامىنى كۈچەيتىش، پاك – دىيانەتلىك بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشقا ئالاقىدار تەدبىرلەرنى تونۇشتۇردى.

    نۆۋەت ئالمىشىش ئىنتىزامىنى كۈچەيتىپ، پاك – دىيانەتلىك بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىنىڭ ساغلام ئېلىپ بېرىلىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىملىق نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىدە ئىنتىزامنى كۈچەيتىش مۇھىم تەدبىر سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇلغان. مەركىزىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئادەم ئىشلىتىشتە كۆرۈلگەن ناچار ئىستىللارنى تۈزەش جەھەتتىكى ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىدە ئاسانلا كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەرگە قارىتا ‹‹بەشنى چەكلەش، 17نى قىلماسلىق››نى نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىدىكى ‹‹يۇقىرى بېسىملىق توك سىمى›› قىلىپ، ‹‹بەشنى بىردەك جازالاش›› بەلگىلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

    بىرىنچى، پارا بېرىپ بېلەت تاشلاتقۇزغانلارنى تەكشۈرۈش نامزاتلىقىدىن قالدۇرۇش، نامزات ئىچىگە كىرگەنلەرنىڭ نامزاتلىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش، ئۆستۈرۈلگەنلەرنى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشكە، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا، ۋەزىپىسىنى تۆۋەنلىتىشكە ياكى قانۇن بويىچە خىزمەتتىن بوشىتىشقا بۇيرۇش. پارا بېرىپ بېلەت تاشلاتقۇزغانلارنى ئىنتىزام، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش؛ قاتناشقۇچىلار ياكى باشقىلارغا ياردەملىشىپ پارا بېرىپ بېلەت تاشلاتقۇزغانلارغا ئۆزى پارا بېرىپ بېلەت تاشلاتقۇزغانلارنىڭ ھەرىكىتىگە سېلىشتۇرغان ئاساستا مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىش.

    ئىككىنچى، ئەمەل سېتىۋالغان ۋە ساتقۇچىلارنى خىزمەتتىن بىردەك توختىتىش ياكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، قىلمىشىنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىگە قاراپ تەشكىلىي جەھەتتىنمۇ بىر تەرەپ قىلىش ياكى ئىنتىزام جازاسى بېرىش؛ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللاپ بېرىش؛ پارا بېرىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن ۋەزىپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش.

    ئۇچىنچى، مەنسەپ تاماسىدا تەرەپ – تەرەپكە قاتىرىغانلارنى ئۆستۈرمەسلىك، بايقالغانلارغا تەنقىدىي تەربىيە بېرىش ياكى تەشكىلىي جەھەتتىن مۇناسىپ چارە كۆرۈش، شۇنداقلا ئارخىپىغا سېلىش؛ مەنسەپ بېرىش توغرىسىدا ۋەدە قىلغانلار ياكى مەنسەپ تاماسىدا بولغانلارغا ياردەم بەرگەنلەرگە قاتتىق تەنبىھ بېرىش. ئادەم ئىشلىتىشتە بىپەرۋالىققىلغان، خاتالىق ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش.

    تۆتىنچى، بەلگىلىمىگە خىلاپ چىقىرىلغان كادىر ئۆستۈرۈش قارارىنى بىردەك ئىناۋەتسىز قىلىش، مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش.

    بەشىنچى، نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىگە ئارىلاشقان، بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارنى بىردەك تەكشۈرۈپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللاپ بېرىش.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپ ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەر كەسىپ تەربىيەسى ئالسا ئېتىبارغا ئېرىشەلەيدۇ

كادىرلار ، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتتى

مەملىكەتلىك‹‹ئىككى يىغىن››دىن شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا نەزەر

خەلق تۇرمۇشى نۇقتىسىدىن ‹‹ئىككى يىغىن›› غا نەزەر

ئىستېمالغا ئالاقىدار ئەرزلەر ئىچىدىكى ئون قىزىق نۇقتا

60يىلدا قازاندۇق ئۇتۇق ۋە شەرەپ ، ھالقىيمىز تەرەققىياتتا ئېچىپ يېڭى بەت

خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇل

ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى بىلەن‹‹شىنجاڭ ئۈنۈمى››يارىتايلى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号