شىنخۇا ئاگېنتلىقى تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 6 – ئاپرېل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەر كەسىپ تەربىيەسى ئالسا ئېتىبار سىياسەتتىن بەھرىمەن بولىدىكەن.
شىنجاڭ يېقىندا ئېلان قىلىپ تارقاتقان ‹‹ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر پىكىر(سىناق نۇسخىسى)››دە مۇنداق بەلگىلەنگەن: بۇ يىلدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون ناھىيە (شەھەر)لەردىكى ئەمگەك كاپالەت تارماقلىرى ئۇيۇشتۇرغان ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىگە دائىر كۇرسلارغا قاتناشقان ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا 50 يۈەن ئۆلچەمدە بىر قېتىملىق تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى بېرىدۇ؛ ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر باشقا جايدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىغا تەشكىللىك ھالدا تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىلسە، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا 200 يۈەن ئۆلچەمدە بىر قېتىملىق قاتناش تولۇقلىمىسى بېرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى شىنجاڭدا ماھارەت يېتىلدۈرۈش كۇرسى ئاچسا ياكى ياردەمنى قوبۇل قىلغان ناھىيە (شەھەر)لەر ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەردە ماھارەت يېتىلدۈرۈش كۇرسىغا تەشكىللەپ ئەۋەتسە، ئاپتونوم رايونىمىز مۇناسىپ ھالدا تەربىيەلەش نەتىجىسىنى باھالاپ بېكىتىش تولۇقلىمىسى بېرىدۇ. تەربىيەلەشتە خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى كۈچەيتىش زۆرۈر بولغان ئاز سانلىق مىللەت كۇرسانتلارنىڭ ھەر بىرىگە ئايدا 150 يۈەن خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش تولۇقلىمىسى بېرىدۇ، تولۇقلىما بېرىش مۇددىتى كۆپ بولغاندا ئالتە ئايدىن ئاشمايدۇ.
شىنجاڭ كارخانىلارنىڭ تەربىيەلىشىگە قاتناشقان ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەر بەھرىمەن بولىدىغان ئېتىبار سىياسەتلىرى توغرىسىدىمۇ ئېنىق بەلگىلىمە چىقاردى. مەسىلەن: كارخانىلار ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئالتە ئايدىن بىر يىلغىچە ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئاۋۋالقى ماھارەت تەربىيەسىگە ياكى زاكازلىق تەربىيەلەشكە قاتناشتۇرسا، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر كەسىپ سالاھىيەتنامىسى ياكى تەربىيەلەش لاياقەتنامىسى ئالغاندىن كېيىن، كارخانا تەربىيەلەش نەتىجىسىنى باھالاپ بېكىتىش تولۇقلىمىسىغا ئېرىشەلەيدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيە (شەھەر)، يېزا (بازار)لار باشقا جايدا ماھارەت تەربىيەسى ئېلىشقا ئەۋەتكەن ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر كەسىپ سالاھىيەتنامىسى ئالغان ھەم كارخانا بىلەن بىر يىلدىن ئارتۇق ئەمگەك توختامى تۈزگەن بولسا، كارخانا ھازىر يولغا قويۇۋاتقان بەلگىلىمە بويىچە تەربىيەلەش نەتىجىسىنى باھالاش تولۇقلىمىسىغا ئېرىشكەندىن باشقا، يەنە ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئۈسكۈنە قاتارلىقلارنىڭ ئۇپراش ئالاھىدە تولۇقلىمىسى ئالىدۇ، تولۇقلىما ئۆلچىمى ھەر بىر ئادەمنىڭ 300 يۈەندىن ئاشمايدۇ.
ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلار ‹‹كارخانا ئادەم بايلىقىنى باشقۇرۇش››، ‹‹ئاممىۋى ئوزۇقشۇناسلىق›› قاتارلىقلار بويىچە دۆلەت كەسپىي لاياقەتنامىسى ئېلىش كۇرسى، شۇنداقلا نەتىجىسىنى ئاپتونوم رايون بىر تۇتاش باھالاپ بېكىتىدىغان كەسپىي كۇرسىغا تۇنجى قېتىم قاتنىشىپ، دۆلەتنىڭ كەسىپ سالاھىيەتنامىسىنى ئالسا، ئۇلارغا كەسىپ سالاھىيەتنامىسىنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ 200 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە تەربىيەلەش نەتىجىسىنى باھالاش تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ.