مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىغا نەزەر
سۈي يۈنيەن
شىنجاڭغا يېڭى نۆۋەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش باشلانغاندىن كېيىن، جياڭسۇ ئۆلكىسىدىن 355 كادىر ۋە كەسپىي خادىم شىنجاڭغا كېلىپ، قورغاس ئالاھىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشى، ئۆلچەملەشكەن ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسى، شەھەر، يېزىلاردىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇ، دېھقان – چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى يولغا قويدى ۋە ئۇنىڭغا قاتناشتى.
ئۇقۇشىمچە، ئۆتكەن 13 يىلدا مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 3749 كادىر شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلگەن، ئەمما يېڭى نۆۋەتلىك ياردەم بېرىش باشلانغاندا بىر تۈركۈمدىلا شىنجاڭغا كەلگەن كادىر 2541گە يەتكەن.
‹‹شىنجاڭغا يېڭى نۆۋەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭغا كەلگەن كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار كۆلەم جەھەتتىنمۇ، قاتلام جەھەتتىنمۇ ئىلگىرىكىدىن ئېشىپ كەتتى››، دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ئىختىساسلىقلار(شىنجاڭغا ياردەم بېرىش) خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى شى گاڭ.
سەمىمىي مۇھەببىتى بىلەن بېرىلىپ ئەمەلىي ئىشلەش
قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ مۇش يېزىسى مىڭيول كەنتىدىكىلەر: ‹‹يول ياسىلىپ، توك تارتىلغاندىن كېيىن، كۆڭلىمىزمۇ يورۇپ كەتتى››، دېيىشتى. قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى توك يەتكۈزۈلمىگەن ئەڭ ئاخىرقى كەنت ھېسابلىنىدىغان بۇ كەنتكە 2010 – يىلنىڭ ئاخىرىدا توك يەتكۈزۈلگەنىدى.
لى شىنچۈەن بۇلتۇر 8 – ئاينىڭ 19 – كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا كېلىپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى. ئۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، مىڭيول كەنتىدىكى 1993 – يىلى ياسالغان 40 كىلوۋاتلىق ئاددىي سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يازدا قىيان پەللىسى كۆرۈلگەندە، قىشتا سۇ تارتىلىپ كەتكەندە نورمال ئىشلىمەيدىغانلىقىنى بايقىدى، بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ تۈرتكىسى بىلەن تەلتۆكۈس ئۆزگەردى.
شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن يېڭى بىر تۈركۈم كادىر ئىچىدە بەش كادىر ناھىيە، شەھەرنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرىلىككە تەيىنلەندى، لى شىنچۈەن ئۇلارنىڭ بىرى. ئۇقۇشىمچە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان بۇ كادىرلارنىڭ 753ى پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرى، 1736سى كەسپىي تېخنىكا كادىرى، 52سى كارخانا تىجارىتىنى باشقۇرغۇچى خادىم ئىكەن.
‹‹ئۇلار شىنجاڭغا كەلگەندىن بۇيان، ياخشى روھىي قىياپىتى ۋە تولۇپ تاشقان خىزمەت قىزغىنلىقىنى نامايان قىلىپ، تەربىيەلەش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ئىشلىدى. ئۇلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتى، ئەمەلىي ئىشلەش روھى، خىزمەت ھالىتى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ››، دېدى شى گاڭ.
يېڭىچە ئىدىيە بىلەن تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىش
قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ شەنبىلىك كۇرسىدا 8 – ئاپرېل تۇنجى دەرس ئۆتۈلدى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورلىرى تەكلىپ بىلەن كېلىپ، كادىرلارغا ئىدىيەدە قانداق ئازاد بولۇش، تەپەككۇردە قانداق يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدا تەلىم بەردى. بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق دەرس ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆتۈلىدۇ.
نېمە ئۈچۈن شەنبىلىك كۇرس ئېچىلىدۇ؟ لى شىنچۈەن بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: بەزى جايلارنىڭ تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارزۇسى يېتەرسىز، ‹‹كۈتۈش، تايىنىش، تەلەپ قىلىش›› ئىدىيەسى يەنىلا بەلگىلىك دەرىجىدە مەۋجۇت. بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ‹‹قان ھاسىل قىلىش›› ئىقتىدارىنى قوزغىتىش، جەزمەن ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، قاراشنى ئۆزگەرتىش جەھەتتە كۈچەش كېرەك.
شىنجاڭغا يېڭى نۆۋەتلىك ياردەم بېرىشتە 19 ئۆلكە، شەھەر خۇددى دېيىشىۋالغاندەكلا، كادىر، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، ئالماشتۇرۇش، تەربىيەلەش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى ۋە پارتىيە مەكتىپى قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەزمۇنلارنى گەۋدىلەندۈردى.
كادىرلارنى قوش يۆنىلىشتە ئالماشتۇرۇپ، بىرلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش
بىر تەرەپتىن، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار شىنجاڭغا كېلىپ، بۇ تۇپراققا پۈتمەس – تۈگىمەس ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، شىنجاڭدىكى زور بىر تۈركۈم ئاساسىي قاتلام كادىرى ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرگە بېرىپ، تەكشۈرۈش ۋە تەربىيەلەشلەرگە قاتناشتى. باردى – كەلدى قىلىش، تولۇق ئالماشتۇرۇش تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭلىقنى ئويلىمىغان نەپكە ئېرىشتۈردى.
شىنجاڭغا يېڭى نۆۋەتلىك ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شاڭخەي شەھىرى 19 قارار كۇرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى كادىر، ئىختىساسلىقلاردىن 580دىن كۆپرەك كىشىنى تەربىيەلىدى.
شى گاڭ مۇنداق دېدى: بۇنداق قوش يۆنىلىشتە ئالماشتۇرۇشنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇش شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپلا قالماي، يەنە ئىچكىرىدىكى كىشىلەرنىڭ شىنجاڭغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەرق بىلەن غەربنى ھېسسىيات جەھەتتىن يېقىنلاشتۇرىدۇ.
شاڭخەيدىن ياردەمگە كەلگەن كادىر، يەكەن ناھىيەلىك ئېلېكتىرلەشكەن مائارىپ، يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ خۇڭبياۋ: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كادىرلار بەك جاپا تارتىدىكەن، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئىدارىدە يېتىپ – قوپۇپ ئىشلەپ، ئايلاپ ئۆيىگە قايتمايدىكەن، بۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكىلەر كۆنۈپ كەتكەن ئىش ئىكەن، دېدى.
لى شىنچۈەن بۇ يىل چاغاننىمۇ ئۆيىگە قايتماي، شىنجاڭدا ئۆتكۈزدى. قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت دوستلىرى ئۇنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى.