شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 25 – مارت تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا بېسىپ تارقاتقان ‹‹2011 – يىللىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە دائىر نۇقتىلىق خىزمەتلەر توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش››قا ئاساسەن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بۇ يىل چىقىپ كەتكىچە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى تەسىس قىلىدىكەن ۋە ئۇنى تاكامۇللاشتۇرىدىكەن، ئىش بېجىرىش ئاپپاراتىنى ئايدىڭلاشتۇرىدىكەن.
خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىنغان: يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەت يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى مۇھىمكۈنتەرتىپكە قويۇپ، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشى، تەشكىللىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىپ دېلو بېجىرىش ۋە ئاساسىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىشقا مەبلەغ ئاجرىتىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ھەر خىل شەكىلدىكى قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇشى كېرەك.