زۇڭلى ۋېنجياباۋنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىدا شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسى كونكرېت ۋە سىستېمىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە ئۇنى قوللايدىغانلىقى ئىپادىلەندى. ئۇنداقتا بىز قانداق قىلىپ نۆۋەتتىكى تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، رايونلار پەرقىنى كىچىكلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ماس تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز؟ بۇ ھەقتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپى ئىقتىسادشۇناسلىق ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىدىن دوتسېنت پەرىدە كېرىم زىيارىتىمنى قوبۇل قىلدى.
مۇخبىر: بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››غا قاتناشقان ۋەكىل، ئەزالار، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا دائىر مەسىلىلەرگە ناھايىتى دىققەت قىلدى. مۇشۇ ھەقتىكى قارىشىڭىزنى سۆزلەپ بېرەمسىز؟
پەرىدە كېرىم: بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››دا شىنجاڭ، شىزاڭدىن ئىبارەت ئىككى رايوننىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىلەر سىستېمىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ ھەممىمىزنى ئىنتايىن ھاياجانغا سالدى. 2015 – يىلىغا بارغاندا شىنجاڭنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP سىنى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈش، 2020 – يىلىغا بارغاندا مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت نىشانغا يېتىشتە بىزنىڭ تايىنىدىغىنىمىز ھالقىما تەرەققىيات. ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشسا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل ئارزۇ – ئارمانلىرى ئىشقا ئاشىدۇ.
مۇخبىر: قەشقەرنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىشان كۆرسەتكۈچى %22 قىلىپ بېكىتىلدى. بۇ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىشان كۆرسەتكۈچىدىن خېلىلا يۇقىرى. سىزنىڭچە %22لىك نىشاننى ئورۇنلاش مۇمكىنمۇ؟
پەرىدە كېرىم: ئەينى ۋاقىتتا شېنجېن ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قىلىپ بېكىتىلگەندە، شېنجېننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشان كۆرسەتكۈچىمۇ %22 قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىلغار تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار، مەبلەغ، ياخشى سىياسەتلەرنىڭ ھەممىسى شېنجېنغا قاراپ ئاققان. نەتىجىدە، شېنجېننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى %25 – %24لىك سۈرئەت بىلەن ئاشقان. بۈگۈنكى كۈندە قەشقەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات كۆرسەتكۈچىنىڭ %22 قىلىپ بېكىتىلىشى تامامەن ئەقىلگە مۇۋاپىق، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، قەشقەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بېرىلگەن چوڭ تارىخىي پۇرسەت. بۇ نىشانغا تامامەن يەتكىلى بولىدۇ.
مۇخبىر: ‹‹ئىككى يىغىن››دا ۋەكىل، ئەزالار تەكلىپ تاپشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ قەشقەر ۋە قورغاستىن ئىبارەت ئىككى ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قۇرۇلۇشىنى سىياسەت ۋە مەبلەغ جەھەتتىن قوللىشىنى، جۇغراپىيەلىك ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئاساس قىلىپ، ئىككى رايوننىڭ تەرەققياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى. سىزنىڭچە مۇشۇ ئىككى ئالاھىدىلىك ئاپتونوم رايونىمىزغا نىسبەتەن ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئالاھىدىلىكمۇ قانداق؟
پەرىدە كېرىم: جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىك جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتساق، ئاسىيا – ياۋروپا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى شىنجاڭنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭدا سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن 1 – دەرىجىلىك پورتتىن 17سى، 2 – دەرىجىلىك پورتتىن 12سى بار، ھازىر يەنە قەشقەر بىلەن قورغاسئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قىلىپ بېكىتىلدى. بۇ شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، سىرت بىلەن بولغان ئالاقىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشتە، خەلقئارا بازارغا يۈزلىنىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بايلىق ئۈستۈنلۈكىدىن قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي بايلىقى مول، مەملىكەت بويىچە بايقالغان 167 خىل كان بايلىقىنىڭ 138 خىلى شىنجاڭدا، بولۇپمۇ نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، تۇز، مېربالىت قاتارلىقلارنىڭ زاپىسى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. مانا مۇشۇ ئەۋزەللىكلەرنى چىڭ تۇتۇپ، مۇقىم تەرەققىي قىلىدىغانلا بولساق، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزغا گەپ كەتمەيدۇ.
مۇخبىر: بۇ قېتىم ۋەكىل ۋە ئەزالار شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئائىت نۇرغۇن ياخشى تەكلىپ– پىكىرلەرنى بەردى، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا سۈرئەتنى قوغلاشماي، سۈپەت ۋە ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشنى كۆپرەك تەكىتلىدى. مۇشۇ جەھەتتىكى قارىشىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟
پەرىدە كېرىم: ئىلگىرى ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈشتىكى شوئارىمىز ھەم تېز، ھەم ياخشى تەرەققىي قىلىش ئىدى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە بىز سۈرئەت جەھەتتە كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولساقمۇ، رايونلارنىڭ تەرەققىياتى كېڭىيىپ كېتىش، باي – نامراتلىق پەرقى چوڭىيىپ كېتىش، مۇھىت بۇلغىنىش، بايلىقلار ئىسراپ بولۇپ كېتىش، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا سېلىنىدىغان مەبلەغ ئازىيىپ كېتىشتەك بىر قاتار ئىجتىمائىي مەسىلىلەردىن ساقلىنالمىدۇق. شۇڭا ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ئالدى بىلەن سۈپەتنى ئويلىشىش ئىنتايىن مۇھىم. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، تەبىئەت بىلەن ئادەملەر ئىناق بولغان ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى بويىچە ئىش كۆرۈش تولىمۇ ئاقىلانىلىك ھېسابلىنىدۇ.
مۇخبىر: ھازىر نىشان بېكىتىلدى، مەسئۇلىيەت ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. مۇشۇ ياخشى پۇرسەت ئالدىدا قانداق قىلغاندا يېتەرسىزلىكلەرنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز؟
پەرىدە كېرىم: يېڭىچە سانائەتلىشىش يولىدا مېڭىش، شەھەر – بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش بىزنىڭ تەۋرەنمەس يولىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، يېڭىچە دېھقانلارنى كۆپرەك تەربىيەلەش كېرەك، يېڭىچە دېھقانلارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشى چوڭ يېزا ئىگىلىك رايونى بولغان شىنجاڭدا زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. يەنە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بېكىتكەن 22 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى رەھبىرىي كادىرلار مۇھىم كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ. شۇڭا رەھبىرىي كادىرلار ئىدىيەسىدە بۇ ھوقۇقنى خەلق بەرگەنلىكىنى، خەلق بەرگەن ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىش لازىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، خەلق ئۈچۈن جان – دىل بىلەن ئىشلەيمەن دەيدىغان ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىغا ئۇيغۇن رەھبەرلىك ئېڭىنى ئالدىن شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. شۇندىلا مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسەت، فاڭجېنلىرى خەلققە ھەقىقىي نەپ بېرەلەيدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسى كۈندىن – كۈنگە ئاشىدۇ.