
ئامېرىكىنىڭ ‹‹ بايقاش ›› ناملىق ئالەم ئايروپىلانى ، ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئالەم بوشلۇقى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن ، ئامېرىكا شەرق ۋاقتى 9 – مارت چۈشتە فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ كاناۋېراكتىكى كىننىدې ئالەم بوشلۇقى مەركىزىگە بىخەتەر قوندى . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ، ئامېرىكىنىڭ يېشى ئەڭ ئۇزۇن بۇ ئالەم ئايروپىلانى ئۆزىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، ۋاشىنگتوندىكى ئالەم بوشلۇقى مۇزېيىغا كىرگۈزۈلدى .




