ھەر يىلى 3 – ئاينىڭ مۇشۇ كۈنلىرىدە جۇڭگونىڭ ‹‹ئىككى يىغىنى›› جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.
بۇ ‹‹ئىككى يىغىن››دا زادى قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ، ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ پۇقرالار بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار، ‹‹ئىككى يىغىن››دا پۇقرالار ئۈچۈن قانداق مەسىلىلەر ھەل قىلىنىدۇ...
بىز ‹‹ئىككى يىغىن››غا پۇقرالار نۇقتىسىدىن تۇرۇپ نەزەر سالساق، ئۇنىڭ ئوخشاشمىغان ئالاھىدىلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
‹‹ئىككى يىغىن›› پۇقرالار تۇرمۇشىغا ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك يېقىنلاشقان ئەمەس
چاغان ھارپىسى: شېلۇڭجيەن قاتارلىق توققۇز كەنتكە بېرىپ، مەركەزنىڭ 1 – نومۇرلۇق ھۆججىتىگە دائىر ئىنكاسلارنى توپلاش؛
چاغاننىڭ 1 – كۈنى: ماۋساۋئاۋ كەنتىنىڭ مەھەللە قۇرۇلۇش مەيدانىنى تەكشۈرۈش؛
چاغاننىڭ 2 – كۈنى: سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك ۋە سودا قىلىۋاتقانلارنى زىيارەت قىلىش...
بۇ، خۇبېي ئۆلكىسى يىڭشەن ناھىيەسى بەيجاڭخې كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئايال شۇجىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 54 ياشلىق ۋەكىلى ۋاڭ جىنچۇنىڭ ‹‹چاغان مەزگىلىدىكى ۋەزىپە ئۆتەش خاتىرىسى››.
خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، خەلقنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكۈش. خېببىي ئۆلكىسى ‹‹بەيشاڭ›› دۆلەت ئاشلىق زاپاس ساقلاش ئامبىرىنىڭ مۇدىرى، ۋەكىل شاڭ جىنسونىڭ ‹‹دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش ھەققىدىكى تەكلىپى››، ‹‹تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ھەققىدىكى تەكلىپى›› ... ‹‹ئىككى يىغىن››غا 14 قېتىم قاتنىشىش جەريانى ۋە 200 پارچە تەكلىپ سۇنۇشتەك ئىپتىخارلىنىشقا تېگىشلىك ‹‹ۋەزىپە ئۆتەش خاتىرىسى››بار.
خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، خەلقنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكۈش. 2007 – يىلىدىن باشلاپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلىدىغان دوكلاتقا پىكىر ئېلىشتا مەخسۇس ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش تەرتىپى قوشۇلدى. بۇ تەرتىپنىڭ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقىنىغا ئۇدا بەش يىل بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئاددىي كىشىلەرمۇ بىر – بىرلەپ ‹‹جۇڭنەنخەي››گە تەكلىپ قىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.
تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ‹‹ئىككى يىغىن›› ئېچىلغاندىن بۇيان، تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنغانلارنىڭ %98 تىن كۆپرەكى ھەر كۈنى ھەر خىل ئۇسۇل بىلەن ‹‹ئىككى يىغىن››غا دائىر خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىپ كەلگەن. بۇلار ئىلگىرىكى ‹‹ئىككى يىغىن››دا نېمىلەر مۇزاكىرە قىلىندى، قانداق قارار ماقۇللاندى، دېگەندەك مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بولۇشتىن كىم قانداق تەكلىپ بەردى، قانداق قىزىق نۇقتا مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى، دېگەندەك مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە، شۇنداقلا ‹‹قانداق ياشاش ۋە تەرەققىي قىلىش››قا كۆڭۈل بۆلۈشتىن ‹‹قانداق قىلغاندا تېخىمۇ قەدىر – قىممەت بىلەن ياشىغىلى بولىدۇ›› دېگەندەك مەسىلىلەرگە ئېتىبار بېرىشكە باشلىدى...‹‹ئىككى يىغىن›› ئاددىي كىشىلەرگە ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك يېقىنلاشقان ئەمەس.
پۇقرالار ساداسى — جۇڭگونىڭ ئالىي سىياسىي سەھنىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك سادا بولۇپ كەلدى
— بوتۇلكىدىكى بۇ قۇم فىڭنىڭ ناھىيەسىدىكىلەرنىڭ پايتەختنى دەپ توسۇپ قالغان چاڭ – توزانلىرى، بوتۇلكىدىكى بۇ سۇ فىڭنىڭ ناھىيەسىدە ساپلاشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى پاكىز سۇ، بۇلارنى ‹‹(ئىككى يىغىن)غا ئېلىپ كېلىشىمدىكى مەقسىتىم تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ دېھقانلارغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشى ئۈچۈندۇر››، – دېدى خېببىي ئۆلكىسى فىڭنىڭ مانجۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى شياۋ يۈتيەن 7 – مارت بىر قولىدا قۇم قاچىلانغان بوتۇلكىنى، يەنە بىر قولىدا پاكىز سۇ قاچىلانغان بوتۇلكىنى تۇتۇپ تۇرۇپ.
پات – پات كۆرۈلىدىغان قۇم بورانلىق ھاۋارايى تيەنجىن ۋە بېيجىڭغا قىستاپ باراتتى. فىڭنىڭ ناھىيەسى چارۋاماللارنى ئوتلاقتا يايلىتىشنى چەكلەپ، چارۋا مالنى قوتاندا بېقىش، تاغنى كۆركەرتىپ – ئورمان بىنا قىلىش ئارقىلىق بېيجىڭ بىلەن تيەنجىن شەھىرىگە پاكىز سۇ يەتكۈزۈپ، قۇم – بوراننى فىڭنىڭ ناھىيەسىنىڭ ئۆزىدىلا توسۇپ قالدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يەردە ‹‹سۇ پاكىز بولدى، تاغ يېشىللاشتى، ئاسمان كۆكەردى، بىراق كىشىلەر نامراتلاشتى››.
— مۇھىت ئاسىراش ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش سەۋەبىدىن نامراتلىشىش توغرا ئىش ئەمەس! ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغان دېھقانلارنى بېيىتىش كېرەك، – دېدى ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ خېبىي زالىدا شياۋ يۈتيەن مۇراجىئەت قىلىپ.
ھەق سۆزلەش، جاۋاب بېرىش، مۇزاكىرىلىشىش، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ھەر بىر مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىش جەريانىدا، ۋەكىللەر ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.
— بىر قېتىم مەن چۈشتىن بۇرۇنلا قىلغان پىكىرگە شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىنلا تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ رەھبىرى تېلېفون بېرىپ جاۋاب قايتۇردى، – دېدى ۋەكىل شاڭ جىنسو. ئەينى چاغدا ۋەكىل شاڭ جىنسو بۇغداينىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىنى مۇۋاپىق تەڭشەش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، دېھقانلارغا ياردەم بېرىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش توغرىسىدىكى سىياسەتلەر ئارقا – ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى، – سۈرئەتنىڭ بۇنچىۋالا تېز، سالمىقىنىڭ بۇنچىۋالا زورلىقىنى ئويلاپ باقمىغانىدۇق، – ›› دېدى ئۇ.
خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش — ‹‹ئىككى يىغىن›› نىڭ جان تومۇرى بولدى
قۇرغاقچىلىقنىڭ دەردىنى ئۇزاقتىن بۇيان تارتىپ كەلگەن ئىچكى موڭغۇل يايلىقى باھار يامغۇرىنى كۈتۈۋالدى، نەچچە مىليون چارۋىچىنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. بۇ يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن ئېتىبارەن، ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ چارۋاماللارنى ئوتلاقتا يايلىتىشنى چەكلەش تۆلەم پۇلىغا ئېرىشتى.
بۇلتۇر مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››دا ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ‹‹چارۋىچىلارغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ›› بېرىپ، يۈكسەك دىققەت – ئېتىبارغا ئىگە بولغانىدى. بۇلتۇر 10 – ئايدا گوۋۇيۈەن ئىچكى موڭغۇلدىكى ئاساسلىق سەككىز ئوتلاق چارۋىچىلىق رايونىدا ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش بويىچە ياردەم مۇكاپات مېخانىزمىنى تەسىس قىلىشنى قارار قىلدى.
11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 – يىغىنى مەزگىلىدە 506 تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ تەكلىپلەر ئىچىدە خەلق تۇرمۇشىغا دائىر تەكلىپلەرنىڭ بېجىرىلىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولدى. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان سۇنۇلغان تەكلىپ 5678 پارچە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەنىلا خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تەكلىپ كۆپ بولدى.
بۇ قېتىم قاراپ چىقىلىۋاتقان خام چوت دوكلاتىدا كۆرستىلىشىچە، 2011 – يىلى مەركەز مالىيەسىدىن خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا ئاجرىتىلغان چىقىم ئومۇمىي چىقىمنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمنى ئىگىلەيدىكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى