باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

ئىستېمالغا ئالاقىدار ئەرزلەر ئىچىدىكى ئون قىزىق نۇقتا

ئاپتور: نىلۇپەر قاسىم يوللانغان ۋاقىت: 2011-03-08 12:42

    

    ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا 2010 – يىلىدىكى ئىستېمالغا ئالاقىدار ئەرزلەر ئىچىدىكى ئون قىزىق نۇقتىنى ئېلان قىلدى.

    بىرىنچى، 2010 – يىلى كىيىم – كېچەك، ئاياغ، باش كىيىمگە ئالاقىدار 10 مىڭ 221 ئەرز قوبۇل قىلىنىپ، ئىستېمالغا ئالاقىدار ئەرزلەر ئىچىدە 1 – ئورۇندا تۇرغان. ئەرزلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى تاۋارلارنىڭ سۈپىتىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئاساسلىقى كىيىملەرنىڭ تىكىشى سۆكۈلۈش، تۈكى ئۆرلەش، گىرۋەكلىرى سۆكۈلۈش، تۈگمىسى چۈشۈپ كېتىش؛ خۇرۇم ئاياغنىڭ خۇرۇمى سويۇلۇش، پاشنىسى ئاجراپ كېتىش، چەمى يېرىلىش قاتارلىقلار ئىكەن.

    ئىككىنچى، ئالاقىچىلىك مەھسۇلاتلىرىغا ئالاقىدار ئەرزدىن 9787 سى قوبۇل قىلىنغان. بۇ ھەقتىكى ئەرزلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قۇراشتۇرۇلغان، تەقلىد قىلىپ ياسالغان يان تېلېفوننى ماركىلىق، سۈپەتلىك مال سۈپىتىدە سېتىش، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ناچار بولۇش، ‹‹ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش›› مەجبۇرىيىتىگە ئەمەل قىلماسلىق، يان تېلېفوننىڭ ئىقتىدارى بىلەن چۈشەندۈرۈلۈشى ماس كەلمەسلىك قاتارلىقلار ئىكەن.

    ئۈچىنچى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا ئالاقىدار ئەرزدىن 5523ى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئاساسلىق ئىنكاس مەھسۇلات سۈپىتىدە مەسىلە كۆرۈلۈش، مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشتىن قېچىش، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماسلىق، بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە مەھسۇلاتنى يەتكۈزۈپ بەرمەسلىك ياكى رېمونت قىلىپ بەرمەسلىك، ناچار مەھسۇلاتنى سۈپەتلىك مەھسۇلات ئورنىدا سېتىش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشكەن.

    تۆتىنچى، قاتناش قوراللىرىنىڭ سۈپىتى ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتىگە ئائىت ئەرزدىن 4393 ى قوبۇل قىلىنغان. بۇ ھەقتىكى ئەرزلەر سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ناچار بولۇش، توختامدا كېلىشكىنى بويىچە زاۋۇتتىن چىققان زاپچاسلار بىلەن تەمىنلىمەسلىك، رېمونت قىلغاندا كونا زاپچاسلارنى ئىشلىتىش، رېمونت ھەققى يۇقىرى، مۇلازىمىتى ناچار بولۇش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشكەن.

    بەشىنچى، ئائىلە جابدۇقلىرى، كۈندىلىك بۇيۇملارغا ئائىت ئەرزدىن 3566 سى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، بۇلار ئاساسەن مەھسۇلات سۈپىتىدە كۆرۈلگەن مەسىلىنى ھەل قىلماسلىق، بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئورنىتىپ بەرمەسلىك، سېتىۋالغان مال بىلەن ئەۋرىشكە ئوخشاش بولماسلىق، پەرق زور بولۇش، ئالماشتۇرۇپ بەرمەسلىك، قايتۇرۇپ بەرمەسلىك قاتارلىقلارغا مەركەزلەشكەن .

    ئالتىنچى، ئۆي، بىناكارلىق – قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە ئۆي بېزەش سۈپىتىگە ئائىت ئەرزدىن 3359ى قوبۇل قىلىنغان. بۇلار ئاساسلىقى توختامنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش، ئۆينى پۈتكۈزۈش ۋە ئۆي بېزەش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماسلىق، ئۆي كىنىشكىسى ۋە يەر خېتىنى ۋاقتىدا بېجىرىپ بەرمەسلىك، ئۆي بېزەش ماتېرىياللىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولماسلىق، توختام بويىچە قۇرۇلۇش قىلماسلىق، ‹‹ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش›› مەجبۇرىيىتىگە ئەمەل قىلماسلىق قاتارلىقلارغا مەركەزلەشكەن.

    يەتتىنچى، ياتاق، تاماق مۇلازىمەت تۈرىدىكى ئەرزدىن 3268 ى قوبۇل قىلىنغان. بۇ ھەقتىكى ئاساسلىق ئىنكاس ئىستېمال باھاسى ئېنىق بولماسلىق، يېمەكلىك، ياتاق تازىلىقى ناچار بولۇش، ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئىستېمالچىلارنى قايمۇقتۇرۇپ مۇلازىمەت ھەققى ئېلىش، باھاسىنى چۈشۈردۇق دەپ تەشۋىق قىلىپ، ئەمەلىيەتتە ئىستېمالچىلارنى ئالداپ يۇقىرى مۇلازىمەت ھەققى ئېلىش، مۇلازىمەت يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىقلارغا مەركەزلەشكەن.

    سەككىزىنچى، ئالاقىچىلىك مۇلازىمىتى تۈرىدىكى ئەرزدىن 2757 سى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، بۇلار ئاساسلىقى ھەق ئېلىش ئۆلچىمىئېنىق بولماسلىق، يان تېلېفون يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى ئېچىش، توردا ئۇچرىغان كاشىلىلارنى تېز بىر تەرەپ قىلماسلىق قاتارلىقلارغا چېتىلغان.

    توققۇزىنچى، يېمەكلىككە ئائىت ئەرزدىن 2716 سى قوبۇل قىلىنغان. ئاساسلىق ئىنكاس يېمەكلىكنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىش، ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىش، باھاسى مۇۋاپىق بولماسلىق، مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى بىلەن ئۈنۈملۈك ۋاقتىنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشكەن.

    ئونىنچى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە ئائىت ئەرزدىن 2153 ى قوبۇل قىلىنغان. بۇلاردىكى ئاساسلىق ئىنكاس دېھقانچىلىق ماشىنا – سايمانلىرىنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە بايقىلىش، داۋاملىق ئىشلەتكىلى بولماسلىق، ئۇرۇق بىخلانماسلىق، مايسا چىقماسلىق، مېۋە تۇتماسلىق، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى توختامدىكى كېلىشىم بويىچە يەتكۈزۈپ بەرمەسلىك، تاۋارنىڭ لاياقەتلىك كىنىشكىسىنى بەرمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەر ئىكەن.

نىلۇپەر قاسىم
  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىستېمالغا ئالاقىدار ئەرزلەر ئىچىدىكى ئون قىزىق نۇقتا

60يىلدا قازاندۇق ئۇتۇق ۋە شەرەپ ، ھالقىيمىز تەرەققىياتتا ئېچىپ يېڭى بەت

خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇل

ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى بىلەن‹‹شىنجاڭ ئۈنۈمى››يارىتايلى

خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويايلى

ئىچكى ئېھتىياج بىلەن تاشقى ئېھتىياجنى ماسلاشتۇرۇپ ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىشنى ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلايلى

ھالقىما — تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号