ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، ‹‹8 – مارت›› خەلقئارا خانىم – قىزلار بايرىمىنىڭ 101 يىللىقى داغدۇغىلىق تەبرىكلىنىۋاتقان پەيتتە، مەن ئاپتونوم رايونىمىز ئاياللار خىزمىتىنىڭ 60 يىل مابەينىدىكى ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتىنىڭ شاھىتى سۈپىتىدە مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ماھىنۇر قاسىمنى، بۈگۈنكى يېڭى دەۋر ئاياللار خىزمىتىنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى دىلەيسەم رېشىتنى زىيارەت قىلدىم.
80 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان، چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان ماھىنۇر قاسىم ماڭا مۇنداق دېدى: بىزدە ‹‹زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس›› دېگەن ماقال بار. مەن كونا جۇڭگودا تۇغۇلدۇم، قىزىل بايراق ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلدىم، 1947 – يىلىدىن باشلاپلا ئاياللار خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندىم، 1951 – يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىگە كىرىپ، ئاياللار بىرلەشمىسىدە يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك خىزمەت قىلدىم. مۇنداقچە ئېيتسام ئۆمرۈمنىڭ كۆپ قىسمى ئاياللار خىزمىتى بىلەن ئۆتتى دېسەممۇ بولىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ ئاياللار بىرلەشمىسىگە چوڭقۇر مۇھەببىتىم بار. بۇ 60 يىل جەريانىدا ئەسلەشكە، سۆزلەشكە تېگىشلىك ئىشلار بەكمۇ كۆپ...
ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئەينى چاغلاردا ئاياللار خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئىنتايىن مۈشكۈل ئىدى، ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي خىزمەتلەرگە قاتنىشىشىغا يول قويۇلمايتتى، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىغا تېخىمۇ شۇنداق ئىدى. پەرەنجە ئارتىپ يۈرىدىغان بۇ ئاياللار ھەم دىننىڭ، ھەم ئائىلىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايتتى. ئۇلارنى بوسۇغىدىن ئاتلاپ چىقىشقا سەپەرۋەر قىلىش تولىمۇ قىيىن ئىدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ كادىرلىرى جاپا – مۇشەققەتتىن، ھېرىپ – چارچاشتىن قورقماي، ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ خىزمەت ئىشلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى 60 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر نەچچە ئەۋلاد ئاياللار بىرلەشمىسى كادىرلىرىنىڭ پارتىيەنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ئاستىدا قەتئىي بوشاشماي كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ ۋە جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى. ھازىر تۇرمۇشىمىز، خىزمەت شارائىتىمىز كۆپ ياخشىلاندى، مەن يېڭى دەۋردىكى ئاياللار بىرلەشمىسى كادىرلىرىنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاياللىرى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىشىنى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چۆرىدەپ، خىزمەتتىكى چارە – تەدبىرلەر ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ھەر ساھە ئاياللىرىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى پارتىيەنىڭ ئاياللار ئاممىسى ئارىسىدا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدىغان مۇستەھكەم بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتىنى ئاياللار ئىشىنىدىغان، تايىنىدىغان، قىزغىن سۆيىدىغان ئىللىق ئائىلىگە ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى دىلەيسەم رېشىت مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاياللار خىزمىتىدە زور تەرەققىياتلار بارلىققا كەلدى. باشقىسىنى دېمىگەندىمۇ بۇلتۇر ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، بىر قولدا تەرەققىياتنى، بىر قولدا ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداشنى تۇتۇش، مۇقىملىقنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت قىيىن نۇقتىلارنى ھەل قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تەربىيەلەش بىلەن ھوقۇقنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئاياللار بىرلەشمىلىرىنى پارتىيەنىڭ ئاياللار خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇستەھكەم بازىسىغا ئايلاندۇرۇش، شۇنداقلا ئاياللارنىڭ ئىشىنىدىغان، ياخشى كۆرىدىغان ئىللىق ئائىلىسىگە ئايلاندۇرۇش جەھەتلەردە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى ‹‹شىنجاڭچە سۈرئەت، شىنجاڭچە ئۈنۈم››دىن ئىبارەت ئاياللار بىرلەشمىسى روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە، شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇردى، 25 مىليون 663 مىڭ يۈەن ياردەم بېرىش مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاياللار، بالىلارنىڭ ياشاش ۋە تەرەققىي قىلىش مۇھىتىنى ياخشىلاشقا ئاساس ھازىرلىدى. بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە 590 مىليون يۈەن ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل تارقىتىلىپ، 21مىڭ 506 ئايال بۇ پۇلدىن بەھرىمەن بولدى. ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرىنىڭ ئەرزىيەت ۋە زىددىيەت – ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش خىزمىتى داۋاملىق كۈچەيتىلدى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئاياللار بىرلەشمىلىرىدە 12338 ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئاممىۋى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلىپ، ھوقۇقنى قوغداش يوللىرى راۋانلاشتۇرۇلدى. بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدە ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداشقا ئائىت 12 مىڭ 500 ئەرز – شىكايەت بىر تەرەپ قىلىندى. ‹‹ئاياللار ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش شىنجاڭ سەپىرى››، سەييارە دىياگنوز قويۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلۇپ، كۆپلىگەن ئاياللارغا نەپ يەتكۈزۈلدى. ‹‹غۇنچىلار قۇرۇلۇشى››، جۇڭگو ‹‹1 – دېكابىر›› ئىللىقلىق يەتكۈزۈش فوندى قاتارلىق تۈرلەر يولغا قويۇلۇپ، تولۇق ئوتتۇرىغا يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان، يېشى چوڭراق قىزلار ئەمەلىي قوللىنىشچان تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەندى. نامرات ئايال، بالىلار ئۈچۈن 23 مىليون 778 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى مەبلەغ ۋە ماددىي بۇيۇم ئاجرىتىلىپ، ئاياللار، بالىلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى قىيىنچىلىقلار ھەل قىلىندى. مەملىكەت بويىچە ئاياللارنىڭ بىردىنبىر ئۇيغۇرچە تور بېتى ئېچىلدى. ‹‹ئىجتىمائىي مەدەنىيەت مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇپ، ئائىلىنى قوغداش ھەرىكىتى›› يولغا قويۇلۇپ، ئاساسىي قاتلامدا كۆچمەن بالىلار ئائىلىسى ۋە مەكتەپتىن سىرتقى پائالىيەت مەركەزلىرى قۇرۇلۇپ، ئائىلە باشلىقلىرى ۋە بالىلار ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتى.
دىلەيسەم رېشىت بۇ يىللىق خىزمەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلىدىغان تۇنجى يىل، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ھالقىلىق بىر يىل. ئاپتونوم رايونىمىز يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغان مۇشۇنداق ئاچقۇچلۇق پەيتتە، بىز چوقۇم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىلقى ئاياللار خىزمىتىگە قويغان ئومۇمىي تەلىپى بويىچە ئىش كۆرۈپ، پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 10 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئاساسىي تېما، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرتىشنى ئاساسىي لىنىيە، مۇستەھكەم بازا ۋە ئىللىق ئائىلە قۇرۇشنى نىشان، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى تۈپ چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىدىكى مۇھىم نۇقتىنى توغرا تېپىپ، ئاياللار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ يېڭى يوللىرى، يېڭى ئۇسۇللىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاياللىرىنى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، ‹‹12 – بەش يىللىق پىلان››نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشقا، ئاياللار خىزمىتىدە يېڭى بىر سەھىپە ئېچىشقا تىرىشىمىز.
مېھرىگۈل تۇردى تەييارلىغان