باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> سۆرەت كۆزنىكى

دۇنياۋى مەشھۇر رەسىملەردىكى ساھىبجاماللار

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2011-01-31 10:56

    

داۋىنچى: ‹‹مونالىزا››

    بۇ دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر رەسىم . مونالىزانىڭ گۈزەل لاتاپىتى ، تەمكىن سالاپىتى ، سىرلىق كۈلۈمسىرىشى بۈگۈنكى كۈندىمۇ نۇرغۇنلىغان تارىخچىلار ۋە رەسىم مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ھەۋەس–ئىشتىياقىنى قوزغىماقتا . ئۇ لوۋرې مۇزېيى (Muse du Louvre) نىڭ قىممەتلىك گۆھىرىدۇر .

    لاتۇر (Latour): ‹‹پومپادۇر ماركىز خانىمنىڭ رەسىمى››

    بۇ خانىم لۇيىسXV نىڭ ئاشنىسى بولۇپ ، شۇ دەۋردىكى سەنئەتكارلارنىڭ قوغدىغۇچىسى ئىدى . رەسىمدە ئۇنىڭ نازاكىتى ۋە تەكەببۇرلۇقى ، نازۇكلۇقى ۋە پىشقانلىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن .

  

  ئانگېل (Angell): ‹‹ئوردىدىكى ئايال››

    بۇ رەسىمدە شەرق ئۇسلۇبىغا ئىگە ئارقا ئوردا بانۇ–ئايىملىرى سىزىلغان بولۇپ ، پارقىراق سىزىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئايالنىڭ پارقىراق ۋە سىلىق بەدىنى نامايان قىلىنىپ ، ئىنتايىن سىرلىق ھېسسىيات ئىپادىلەنگەن.

    ۋىرگىلېبلان: ‹‹ۋىرگىلېبلان خانىم ۋە ئۇنىڭ قىزى››

    بۇ رەسىم شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنياغا مەشھۇركى ، ئۇنىڭدا ئۇلۇغ ئانا مېھرى ئىپادىلەنگەن . رەسىمنىڭ سىزىلىشى ئىخچام ، تەبىئىي بولۇپ ، ھەقىقەتەنمۇ بىر نادىر ئەسەردۇر .

  

  دېلاكرويكس (Delacroix): ‹‹ئايال ھۆرلۈك ئىلاھى ئىنسانىيەتنى ئالغا يېتەكلىمەكتە››

    دېلاكرويكس سىياسىي مەزمۇننى رەسىمگە سىڭدۈرگەن بولۇپ ، ھۆرلۈك بىلەن ئىنسانىيلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ، فىرانسىيە خەلقىنى جەسۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىگەن . رەسىمدىكى ئايالنىڭ گۈزەللىكى ۋە تىز پۈكمەس ئىرادىسى دەۋرنىڭ سىمۋولى قىلىنغان .

 

    مارىي كاسا (Mary Casa): ‹‹گۈللۈكتىكى سەتەڭ قىز››

    بۇ رەسىم بىر ياش قىزنىڭ پاك تۇرقىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرگەن . رەسىمدىكى قىزچاقنىڭ ئەستايىدىل ، كۆڭۈل قويغان قىياپىتى بىلەن جەلپ قىلارلىق بەدەن ھالىتى ياۋا گۈللەر قاپلىغان تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن .

 

   ۋىنتېر خارت (Winter Heart): ‹‹رىمسكىي كورساكوۋ خانىم››

    غەرب رەسساملىرىنىڭ ئېسىلزادە خانىملار ۋە ساھىبجامال قىزلارنى سىزىشى بەلكىم مەڭگۈ ئۆزگەرمەس تېما بولسا كېرەك ، بۇ رەسىمگە ئېسىلزادە خانىمنىڭ يۇقىرى مەرتىۋىسى ۋە پاكلىقى ، گۈزەللىكى سىڭدۈرۈلگەن .

    رېنويىر (Pierre Auguste Renoir): ‹‹تات جارۋىس خانقىزنىڭ رەسىمى››

    بۇ رەسىمدىكىسى بىر بانكىرنىڭ قىزى بولۇپ ، ئۇنىڭ ياشلىق جىلۋىسى ئۇرغۇپ تۇرغان ، ئۇيۇلۇپقىنا كۈلۈمسىرىگەن پاك ھەم گۈزەل تۇرقى كىشىگە جىمجىتلىق ۋە ئىنتىلىش تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ.

    گېرخارد (Gerhard): ‹‹بېتتى››

    رەسسام يۇقىرى ماھارەت بىلەن قىزى بېتتىنىڭ رەسىمىنى خۇددى تارتىلغان سۈرەتتەكلا ئېنىق سىزىپ چىققان . رەسىمدىكى قىزىل ، ئاق ، ھال رەڭ ئارىلاشقان كۆڭلەك كىيگەن بېتتىنىڭ بەدىنىنى بۇراپ ، تۈگۈلگەن چاچلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرغان كۆرۈنۈشى ئىنتايىن جەلپكار بولۇپ ، كىشىگە خۇددى ھېلىلا ئۆرۈلۈپ قارايدىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ .

  مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇل

ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى بىلەن‹‹شىنجاڭ ئۈنۈمى››يارىتايلى

خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويايلى

ئىچكى ئېھتىياج بىلەن تاشقى ئېھتىياجنى ماسلاشتۇرۇپ ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىشنى ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلايلى

ھالقىما — تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى

ئىلمىي ھالقىشنى يېڭى پەللىدىن كۈچەپ ئىلگىرى سۈرەيلى

يېڭى باشلىنىش ، يېڭى سىناق ، يېڭى تاقابىل تۇرۇش


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号