يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان قاتتىق سوغۇققا دۇچ كەلدى، كىشىلەر ئاپتوبۇسقا چىقىش، تاكسى توسۇش قىيىن بولۇشتىن ئاغرىندى. بۇ ئەھۋال ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، شۇنداقلا ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسىنىڭ قىش پەسلىدىكى يول يۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مەزمۇن قىلىنغان خىزمەتلەرنىڭ تېز قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. 2010 – يىلى 31 – دېكابىردىن 2011 – يىلى 6 – يانۋارغىچە بولغان بىر ھەپتە ئىچىدە شەھەر ئاھالىسىنىڭ قىش پەسلىدىكى يول يۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش لايىھەسى يولغا قويۇلۇش باسقۇچىغا كىردى. يېڭى يىل كېلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىنىڭ قىش پەسلىدىكى يول يۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەدبىرلىرى ۋە ئەمەلىيىتى بىزنى ‹‹شىنجاڭ ئۈنۈمى›› نىڭئۈلگىسى بىلەن تەمىنلىدى.
خەلقنى قەلبىگە پۈكۈش، خەلق ئالدىرىغانغا ئالدىراشتەك خەلقچىل بولۇش سىياسىتى ‹‹شىنجاڭ ئۈنۈمى›› نى بەرپا قىلىشنىڭ مەقسىتىدۇر. 2010 – يىلى قىش پەسلىدىكى تۇنجى قاردىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجى جاڭ چۈنشيەن ئاپتوموبىل بىلەن شەھەرنىڭ ئاساسلىق يوللىرىنى ئارىلاپ، ئەھۋال ئىگىلەپ، ئۈچ قېتىم يىغىن ئېچىپ، دوكلات ئاڭلاپ، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى، خەلق ئەھۋالى، خەلق رايىغا مايىل يېڭى پىكىر ۋە كونكرېت ئۇسۇللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خەلققە بولغان قىزغىن غەمخورلۇقىنى نامايان قىلدى.
تەپسىلىي تەكشۈرۈش، يۈزتۇرا سۆزلىشىش، سىياسەتنىڭ تېز ئەمەلىيلىشىشى ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئۈنۈملۈك بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، 2011 – يىلىدىكى تۇنجى خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىدىكى ‹‹شىنجاڭ ئۈنۈمى›› ئۈلگىسىنى ياراتتى. سىياسەتنىڭ ئىلمىيلىقى سىياسەت بەلگىلەش جەريانىنىڭ ئىلمىيلىقىغا باغلىق. سىياسەتنىڭ ئىلمىيلىقىغا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزمۇنىنىڭ چىنلىقىغا، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇشىغا، خەلق رايىنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت جامائەتچىلىك بىلەن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالماشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى تۈرلۈك سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئەھۋال ئىگىلىدى، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتىنى، شوپۇرلارنىڭ تەكلىپ – پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى؛ خەلق ئەھۋالىنى، خەلق رايىنى ئىگىلەش بىلەن بىللە، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىلىرىنى تۈزدى، 2011 – يىلىدىكى تۇنجى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خىزمىتى ھەر تەرەپنىڭ ئەقىل – پاراسىتى جارى قىلدۇرۇلغان، دېموكراتىك سىياسەت بەلگىلەنگەن، ئىلمىي قارار چىقىرىلغان جەريان بولدى. 17 مىڭ تاكسى شوپۇرى ئىجتىمائىي كاپالەت تولۇقلىمىسىغا ئېرىشتى؛ ئاممىۋى ئاپتوبۇس شوپۇرلىرىغا كۈنىگە 50 يۈەن ياردەم پۇلى قوشۇپ بېرىلدى؛ شەخسلەرنىڭ تاكسىچىلار قوشۇنىغا قوشۇلۇشىغا ئىجازەت بېرىلدى؛ ئاممىۋى ئاپتوبۇس قوش لىنىيە بۆلىكىدە تاكسىلارنىڭ مېڭىشىغا رۇخسەت قىلىندى. بۇ تەدبىرلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ ھەر مىللەت خەلققە سۇنغان يېڭى يىللىق سوۋغىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىنى بىرىنچى ئورۇنغا، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم ئورۇنغا قويغانلىقىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى دېيىشكە بولىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما بۇنىڭدىن خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ئىللىقلىقىنى، شۇنداقلا ‹‹شىنجاڭ ئۈنۈمى››نىڭ ھەقىقىي مەنىسى ۋە سېھرىي كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.