يېڭى يىل كىرىشى بىلەن ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا بىردىنلا تۆۋەنلەپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ يول يۈرۈشى بەكمۇ قىيىنلاشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يول يۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئاممىۋى ئاپتوبۇس، تاكسى تىجارىتى بىلەن شوغۇللىنىدىغانلارغا نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، ئاممىنى بىرىنچى ئورۇنغا، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى گەۋدىلەندۈردى. بىر ھەپتىدىلا يولغا قويۇلغان، 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان تۈر قۇرۇلۇشى سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى، سالمىقىنىڭ زورلۇقى، ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن جەمئىيەتتە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى تەلىپىنى ئاساس قىلىپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى بىلەن <<شىنجاڭ ئۈنۈمى>>نى بەرپا قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
بىرىنچىدىن، ئادەمنى ئاساس قىلىش ئىدىيەسىنى گەۋدىلەندۈردى. ھازىر 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش، خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش پەيتىدە تۇرۇۋاتىمىز. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۈچ تەشكىللەپ، زور كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، شەھەر خەلقىنىڭ يول يۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى نامايان قىلدى. ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ تەخىرسىز، خەلق تۇرمۇشىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئاممىنى ھەقىقىي كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ئاممىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىدىيەسىنى گەۋدىلەندۈردى.
ئىككىنچىدىن، ئەمەلىيەتچىل، راستچىل بولۇش ئىلمىي پوزىتسىيەسىنى گەۋدىلەندۈردى. ئاممىنىڭ يول يۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئالدى بىلەن ھەقىقىي ئەھۋالنى تولۇق ئىگىلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 100دىن ئارتۇق كادىرنى تاكسىدا ئولتۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللىدى، تاكسى شوپۇرلىرىنى سۆھبەت يىغىنىغا تەكلىپ قىلدى، شەھەر ئاھالىلىرىنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلىپ، 1000غا يېقىن تەكلىپ – پىكىر توپلىدى. مۇشۇنداق ئەمەلىيەتچىل ئىلمىي پوزىتسىيە بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەقىقىي ئەھۋال ئىگىلىنىپ، بىرىنچى قول ماتېرىيال تەييارلىنىپ، ئىلمىي قارار چىقىرىلدى.
ئۈچىنچىدىن، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بەردى. شەھەر ئاھالىسىنىڭ يول يۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەريانىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم رەھبەرلىرىنىڭ تاكسى شوپۇرلىرى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈشى ئالقىشلاشقا تېگىشلىك ئىش. چۈنكى ئاممىۋى قاتناش شوپۇرلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ياخشىلىنىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاشنى، ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمەلىيەت بۇنداق قىلىشنىڭ خەلقنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەمەلىي ئىشلەش جاسارىتى ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتەك ئەمەلىيەتچىل ئىستىلىنى گەۋدىلەندۈردى.