باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويايلى

ئاپتور:     خۇاڭ خۇاڭيوللانغان ۋاقىت: 2011-01-18 11:26

 

    پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلاندا خەلقنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 9 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدىمۇ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى بارلىق خىزمەتنىڭ مەقسىتى ۋە مەۋقەسى قىلىش تەكىتلەندى ھەم كونكرېت نىشان ۋە ئورۇنلاشتۇرما ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش زور قۇرۇلۇش. مەسىلەن: ئاپتونوم رايون بەش يىلغىچە كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىپ، ئۆي قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ئەمىن ئۆيلەردە ئولتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشقا، 2015 – يىلىغىچە ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈشكە، شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمى ۋە ئوتتۇرىچە ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى غەربىي رايوننىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈشكە بەل باغلىدى.

    خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىشنى كونكرېت كىچىك ئىشلاردىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. نۇرغۇن ئىش، قارىماققا، كىچىكتەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئاممىنىڭ نەزەرىدە كىچىك ئەمەس. ئاممىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەتكە بولغان قارىشى ۋە پوزىتسىيەسى ھامان كىچىك ئىشلاردا ئەكس ئېتىدۇ؛ ئامما پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى، ئىللىقلىقىنى كىچىك ئىشلاردا ھېس قىلىدۇ. خەلق تۇرمۇشىدا كىچىك ئىش يوق. كۆپ ھاللاردا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش ئەمەلىيەتكە، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىدىيە ئىستىلى ۋە خىزمەت ئىستىلىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئاممىنى بىرىنچى ئورۇنغا، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش قارىشىنى مۇستەھكەم تىكلەپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، خەلقنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھەل قىلىشىمىزغا باغلىق.

    يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئۈچ قېتىم يىغىن ئېچىپ، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسىنىڭ يول يۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسى ۋە ئاممىۋى قاتناش ساھەسىدىكى خادىملارنىڭ قىيىنچىلىقىنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىپ،كۆپ تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمەلىيەتتە يۇقىرىقى مەسىلىلەر بىر – ئىككى كۈندىلا پەيدا بولغان ئەمەس، يېقىنقى مەزگىلدە تېمپېراتۇرىنىڭ بىردىنلا تۆۋەنلىشى بىلەن بۇ مەسىلە گەۋدىلىنىپ چىقتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاۋۋال تەكشۈرۈپ، ئاندىن سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، بىرىنچى قول ماتېرىيالغا ئىگە بولۇپ،ھەقىقىي ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ئاساسىدا ئىلمىي قارار چىقىرىپ، مەسىلىنى تېز ھەل قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئاپتوموبىل بىلەن شەھەرنىڭ ئاساسلىق يول بۆلەكلىرىنى ئارىلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىكى كادىرلار ۋە مۇخبىرلارنى يېڭى يىل ھارپىسىدا كوچىلارنى ئارىلاپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللىدى. بۇ ئاددىي تەدبىر پارتىيە، ھۆكۈمەت بىلەن ئاممىنى يېقىنلاشتۇردى؛ بۇ ئاددىي تەدبىر مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى ئاممىنىڭ ھېسسىياتى ۋە ئىدىيەسىنى ئاساس قىلىپ، مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلىدىغان، خەلقنى ھەقىقىي رازى قىلىدىغان قارار چىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

    ئاممىنى بىرىنچى ئورۇنغا، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنىڭ ئاچقۇچى خەلقنى قەلبىگە پۈكۈش. خەلقنى قەلبىگە پۈككەندىلا، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىپ، خەلقنى كۆزلەپ، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى ئاڭلىق ھالدا ئالدىنقى ئورۇنغا قويغىلى بولىدۇ.

    خۇاڭ خۇاڭ
 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇل

ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى بىلەن‹‹شىنجاڭ ئۈنۈمى››يارىتايلى

خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويايلى

ئىچكى ئېھتىياج بىلەن تاشقى ئېھتىياجنى ماسلاشتۇرۇپ ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىشنى ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلايلى

ھالقىما — تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى

ئىلمىي ھالقىشنى يېڭى پەللىدىن كۈچەپ ئىلگىرى سۈرەيلى

يېڭى باشلىنىش ، يېڭى سىناق ، يېڭى تاقابىل تۇرۇش


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号