ۋېن جياباۋ زۇڭلىنىڭ 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 – يىغىنىغا بەرگەن ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››ىدا: ‹‹ئىچكى ئومۇمىيەت بىلەن خەلقئارا ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش ئىگىلەپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئىچكى ئېھتىياج بىلەن تاشقى ئېھتىياجنى ماسلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك›› دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدىكى چوڭقۇر تەسىرات، شۇنداقلا مەۋقەنى ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش ۋەزىيىتىگە قويۇپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشنى نەزەردە تۇتۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش.
بىرىنچى، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنى. ئىچكى ئېھتىياجنى تېز، ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇش خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق تەدبىرى. 2009 – يىلى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا قىيىنچىلىق ئېغىر بولدى ، مەركەز ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى تېز ئاشۇرۇپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇشتا بىر قاتار تەدبىرلەرنى تۈزۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىدى. ئەمەلىيەت تاشقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت زەربىگە ئۇچرىغاندا، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھازىرقى گەۋدىلىك ۋەزىپە. ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە، ئىچكى ئېھتىياج قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىستېمال ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇش، مەبلەغ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. مەبلەغ سېلىش ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىش، ئۆي – زېمىن كەسپى ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق ساھەلەر مەبلەغ كۆپ كېتىدىغان، پايدىسى ياخشى كەسىپلەر. شۇڭا مەبلەغ سېلىش بىلەن ئىستېمالنىڭ ئۆزئارا ماس ھەرىكەتلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۇ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تۈپ تەلىپى. ھازىر مەبلەغ سېلىشنىڭ ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇش رولى يېتەرسىز بولۇۋاتىدۇ، بۇ ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشسا، مەبلەغ سېلىش ۋە ئىستېمالنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا ئەمگەك سىجىللىقى زىچ كەسىپلەر، مۇلازىمەت كەسىپلىرى، ئوتتۇرا – كىچىك كارخانىلار ۋە ئەلئارا كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
ئىككىنچى، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشىدا تاشقى ئېھتىياجدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزدە ئېكسپورت بىلەن ئىچكى ئېھتىياج ئومۇمىي ئېھتىياجنى تەڭشەشتە ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇردى. 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە 90 – يىللارنىڭ باشلىرىدا، تاشقى ئېھتىياجنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم – ئايرىم %44 ۋە %50.4كە يېتىپ، ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇقىملاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى. ئېلىمىزنىڭ ئېكسپورت كەسىپلىرى نىسپىي ھالدا ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر ۋە پىششىقلاش كەسىپلىرىگە مەركەزلەشتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش زىچلىقىمۇ ئېكسپورت كەسىپلىرىدە ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن يۇقىرى بولدى. ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ۋە پايدىسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ۋە بايلىق، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەلەپلەرنىمۇ ئۇنىۋېرسال كۆزدە تۇتۇش كېرەك.
ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشىنىڭ تاشقى ئېھتىياجنىڭ داۋاملىق ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرۈش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشى مۇقەررەر ھالدا سودىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنى مۆلچەرلەش كېرەككى، دۇنيا ئىقتىسادى كىرىزىسىدىن كېيىن ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشىدا دۆلەت ھالقىغان كەسىپلەرنى قايتا تەشكىللەش تېخىمۇ جانلىنىپ، قىيىن ئەھۋالدا قالغان پەن – تېخنىكا ۋە بايلىق كەسپىدىكى كارخانىلار قوشۇلۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. بۇ قۇربىتى ياخشى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنىڭ ياخشى پۇرسىتىدۇر.
ئۈچىنچى، ئىچكى – تاشقى ئېھتىياجنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، تۈزۈلمە مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئاچقۇچ. بۇنىڭدا بىرىنچىدىن، كىرىم تەقسىماتىنى ئۈنۈملۈك تەڭشەپ، ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى ۋە ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش؛ ئىككىنچىدىن، مۇلازىمەت كەسىپلىرىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىش؛ ئۈچنچىدىن، باھا مېخانىزمىنى كۈچەيتىش كېرەك. باھا مېخانىزمى قالايمىقانلاشسا، ئىچكى ئېھتىياج بىلەن تاشقى ئېھتىياجنىڭ قۇرۇلمىسىغا تەسىر يېتىدۇ؛ تۆتىنچىدىن، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتىغا ئادىل مۇئامىلە قىلىش كېرەك. تاشقى مەبلەغ ئۇزاق مۇددەت ئېتىبار سىياسەتتىن بەھرىمەن بولسا، ئىچكى مەبلەغنىڭ باراۋەر تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىنى چەكلەپ قويىدۇ؛ بەشىنچىدىن، بازار ۋە ھۆكۈمەتتىن ئىبارەت تەڭشەپ تىزگىنلەش ۋاسىتىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك. تاشقى ئېھتىياج ياكى ئىچكى ئېھتىياجدا ئېغىر داۋالغۇش بولغاندا، ھۆكۈمەت تەدبىر قوللىنىپ، ئومۇمىي ئېھتىياجنىڭ زىيادە داۋالغۇشىنى توسىدۇ. ئەمما نورمال ئەھۋالدا بازار مېخانىزمىنىڭ ئاساسىي رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدە ۋە چەت ئەلدە سېتىش، ئېكسپورت ۋە ئىمپورت، ئىچكى مەبلەغ ۋە تاشقى مەبلەغ ھەم تۈرلۈك بازار سۇبيېكتىنىڭ ئورنىدا سىياسەتنىڭ ‹‹نېيترال›› لىقىنى ساقلاش كېرەك. بۇ، ئىچكى ئېھتىياج ۋە تاشقى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى.