باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> مەملىكەت

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن داغدۇغىلىق يىغىن ئېچىپ، دۆلەت پەن–تېخنىكا مۇكاپاتىنى تارقاتتى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2011-01-17 11:14

خۇ جىنتاۋ يىغىنغا قاتناشتى ھەم ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرگە مۇكاپات بەردى

ۋېن جياباۋ يىغىندا سۆز قىلدى، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى، لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 14 – يانۋار تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 14 – يانۋار چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا داغدۇغىلىق يىغىن ئېچىپ، دۆلەت پەن – تېخنىكا مۇكاپاتىنى تارقاتتى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇكاپاتلانغانلارغا مۇكاپات تارقاتتى. ۋېن جياباۋ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى، لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

‹‹خەلق›› سارىيىدا چىراغ نۇرلىرى چاقناپ، رەڭگارەڭ گۈللەر كۆزنى قاماشتۇراتتى، كەيپىيات ناھايىتى قىزغىن ئىدى. خۇ جىنتاۋ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى مۇكاپاتلاش يىغىنى باشلىنىشتىن ئىلگىرى 2010 – يىللىق دۆلەت پەن – تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر بىلەن كۆرۈشتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا، يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئالدى بىلەن دۆلەتنىڭ 2010 – يىللىق پەن – تېخنىكا ئالىي مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، دۆلەت تەبىئىي پەن فوندى كومىتېتىنىڭ تەكلىپلىك مەسلىھەتچىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى مېتال تەتقىقات ئورنىنىڭ پەخرىي باشلىقى، مەشھۇر ماتېرىيال پېنى ئالىمى شى چاڭشۈ ۋە جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى ‹‹رۈيجىن›› دوختۇرخانىسىنىڭ ئۆمۈرلۈك پىروفېسسورى، مەشھۇر قانشۇناس ۋاڭ جېنيىغا تەقدىرنامە بەردى ھەم قىزغىن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى تەبرىكلىدى. ئارقىدىن خۇ جىنتاۋ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى دۆلەت تەبىئىي پەن مۇكاپاتى، دۆلەت تېخنىكا كەشپىيات مۇكاپاتى، دۆلەت پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلقئارا پەن – تېخنىكا ھەمكارلىقى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرگە مۇكاپات بەردى.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن 2010 – يىللىق دۆلەت پەن – تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، مەملىكىتىمىزدىكى پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا يۈكسەك ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەن – تېخنىكىنى قەدىرلەيدىغان مىللەت ئەڭ ئۈمىدلىك مىللەت. ‹‹12 – بەش يىل››دا، بىز ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئاساسىي تېما، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئۇزاققىچە، سىلىق، تېز راۋاجلىنىشىنى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش، ئىلىم – پەننى راۋاجلاندۇرۇشتا پەن – تېخنىكىنى تايانچ ۋە يېتەكچى قىلىشىمىز شەرت. پەن – تېخنىكىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، دۇنيا پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ پەللىسىنى نىشان قىلىپ، ئاساسىي تەتقىقات ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۇقىرى تېخنىكا تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم مەخسۇس پەن – تېخنىكا تۈرلىرى ۋە نۇقتىلىق پەن – تېخنىكا پىلانىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، بىلىمدە يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشى ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۈركۈم يادرولۇق، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن – تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە سانائەت ئىنقىلابى جەريانىدا تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: جەمئىيەتتە ھەقىقەتكە ئىنتىلىدىغان، مۇستەقىل ئويلىنىدىغان، دادىل ئىزدىنىدىغان، پەللىگە ئۆرلەيدىغان ئىلىم – پەن روھىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىلىم دېموكراتىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەممە ئېقىملار بەس – بەستە سايراشنى تەشەببۇس قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىپ، مەغلۇبىيەتكە ئېسىلىۋالماي، پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا ياخشى ئىلىم مۇھىتى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ، كۆلىمى زور، ساپاسى ياخشى پەن – تېخنىكا قوشۇنىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، ئېلىمىز پەن – تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئىختىساسلىقلار ئاساسى يارىتىشىمىز كېرەك.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ليۇ يەندۇڭ يىغىندا ‹‹گوۋۇيۇەننىڭ 2010 – يىللىق دۆلەت پەن – تېخنىكا مۇكاپاتىنى تارقىتىش توغرىسىدىكى قارارى››نى ئوقۇدى.

شى چاڭشۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: بارلىق پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرى دۆلەتنى پەن – تېخنىكا ۋە مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشنى ئۆز مەسئۇلىيىتى بىلىپ، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، جەمئىيەتنىڭ يۈكسىلىشى، خەلقنىڭ بەخت – سائادىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشى كېرەك.

 مەنبە: تەھرىر: ئامانگۈل

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىشنى ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلايلى

ھالقىما — تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى

ئىلمىي ھالقىشنى يېڭى پەللىدىن كۈچەپ ئىلگىرى سۈرەيلى

يېڭى باشلىنىش ، يېڭى سىناق ، يېڭى تاقابىل تۇرۇش

مائارىپ مىنىستىرلىقى شىنجاڭنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇردى

زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا ئىدىيەدە ئازاد بولۇش كېرەك

مىللەتلەر ئورتاق كۈرەش قىلىش ، گۈللىنىش ، راۋاجلىنىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ، داغدام قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەيلى

ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يەنىلا ئەۋزەل كەسىپلەرگە تايىنىمىز


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号