ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق7–نۆۋەتلىك كومىتېتى10–ئومۇمىي ( كېڭەيتىلگەن ) يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا ( 5 )
ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 10 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلىش تەكىتلەندى. شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكى تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان يېڭى مەزگىل، يېڭى باسقۇچتا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ زور ئىرادە ۋە جاسارەت بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئىلمىي تەرەققىيات، ھالقىما تەرەققىياتنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ۋە تۈزۈلمە، مېخانىزم كاپالىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.
شىنجاڭ ئىلمىي ھالقىش، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىش جەريانىدا ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى ئاساسىي لىنىيە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىقتىسادنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، يېڭى ئەۋزەللىكلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پايدىلىق نۇقتىسىنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، ئىلمىي، ئىمكانىيەتلىك سىجىل يېڭىچە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسى يۇقىرى ئەمەس، ئىقتىساد قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق ئەمەس، 2 – ، 3 – كەسىپلەرنىڭ نىسبىتى تۆۋەن، سانائەت تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان بولۇپ، ئاساسى ئاجىز، ئىنچىكە پىششىقلاش يېتەرلىك ئەمەس، تېخنىكا مىقدارى يۇقىرى ئەمەس، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ نىسبىتى تۆۋەن، ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە تۈزۈلمە خاراكتېرلىك توسالغۇ كۆپ. ئىقتىسادىي تەرەققىيات داۋامىدىكى ماس، مۇقىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولمىغان مەسىلىلەرنى يېڭىپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تېزرەك راۋاجلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئەڭ زور چەكتە ئازاد قىلىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلىشتا سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تۈزۈلمە ئىسلاھاتى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ئۇللۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا تىرىشىپ يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. دۆلەت ئىگىلىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قۇرۇلما تەڭشەشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى پائال رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش كېرەك.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلىشتا مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىش كېرەك. مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى ئايرىش، مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي باشقۇرۇش ۋە جامائەت مۇلازىمىتى فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش، مۇلازىمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەسئۇلىيەتچان ھۆكۈمەت، مۇلازىمەت قىلىدىغان ھۆكۈمەت، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىگە ياخشى مەمۇرىي مۇھىت يارىتىش كېرەك.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلىشتا خەلقئارا، دۆلەت ئىچىدىكى ئىككى خىل بايلىق، ئىككى بازارغا يۈزلىنىپ، ‹‹سىرتتىن كىرگۈزۈش، ئىچكى جەھەتتە بىرلىشىش، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش، غەربتىن كىرگۈزۈپ شەرققە چىقىرىش››تەك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋەتكەن يېڭى ئەندىزە بەرپا قىلىش كېرەك. قەشقەر، قورغاس ئالاھىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، چېگرا سودىسىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئالاھىدە سىياسىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، شىنجاڭدىكى كارخانىلارنىڭ ‹‹چىقىشى››نى پائال قوللاپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە تۇتىشىدىغان چوڭ يول قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنى تىرىشىپ ئېلىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم دەرۋازىسى ۋە بازىسى قىلىش كېرەك.
ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپ، يېڭى ۋەزىپە، تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتكە نىسبەتەن ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا دادىل بولۇپ، بۆسۈشكە، سىناشقا، باشلامچى بولۇشقا، ھۆددىسىدىن چىقىشقا جۈرئەت قىلىشتەك روھ بىلەن ئىش پىلانلاپ، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، مۇستەھكەم پارتىيەۋىلىك ۋە ياخشى ئىستىل بىلەن ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشى كېرەك. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەدىتىگە ئىگە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشى كېرەك.