مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىگە دائىر تەدبىرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى كىشىلەرگە يېپيېڭى شىنجاڭ دەۋرىنىڭ كەلگەنلىكىدىن بېشارەت بەردى.
شىنجاڭنى ئېچىش،گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى تەپەككۇرى، مەدەنىيەتنىڭ يېڭى تەدبىرى، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەسى قاتارلىق ‹‹يېڭىلىق››لار ھازىر شىنجاڭدا كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان تېمىغا ئايلاندى.
شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى دۆلەتنىڭ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپلا قالماي، مۇھىمى، رايون سىياسىي ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بازىسى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ۋە ئىقتىسادىي ئاساسنى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر.
شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى تېزلىتىش قۇرۇق گەپ بولماستىن، بەلكى ئۈنۈم بېرىدىغان ئەمەلىي تەدبىر. بۇ بىزنى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى يولغاقويۇشتا، ئاساسلىقى، قانداق كۈچكە تايىنىش كېرەك؟ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى نەدە؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىشقا ئۈندەيدۇ.
دەرۋەقە، مەركەز ۋە قېرىنداش ئۆلكىلەرنىڭ كۈچلۈك مەدەت بېرىشى مۇھىم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تىرىشچانلىقى تېخىمۇ مۇھىم، شۇ چاغدىلا ھالقىما تەرەققىيات نىشانىغا يەتكىلى بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ھەر مىللەت ئامما ھالقىما تەرەققىياتتا ئاساسلىق رول ئېلىشى، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشى ھەم ئۇنى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ئۇنداقتا، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئېڭىنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەك؟
شىنجاڭنى قايتا تونۇش
شىنجاڭنى تونۇش ئۈچۈن كۆپ تەرەپتىن كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ. مېنىڭچە، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆپ مەنبەلىك رايون، ئومۇمىيلىققا ئىگە بايلىق ۋە چۈشىنىش ھاسىل قىلىنغان مەدەنىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتكە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
كۆپ مەنبەلىك رايون دېگىنىمىزدە شىمالىي رۇسىيە، غەربىي ياۋروپا ئىتتىپاقى رايون ئىگىلىكىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى ۋە ھىندىستان ئىقتىسادىنىڭ تېز راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئوتتۇرا، غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيا رايونى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ مەركىزىگە ۋە چوڭ دۆلەتلەر كۆز تىككەن جايغا ئايلاندى. شۇڭا شىنجاڭنى ئېچىش ۋە ئېچىۋېتىش پىلانى چوقۇم خەلقئارالىق ئىستراتېگىيەلىك قاراشقا ئىگە بولۇشى، دۆلەت ئىستراتېگىيەسى قاتلىمىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىق بويىچە ئېچىش ۋە ئېچىۋېتىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىشى كېرەك.
ئومۇمىيلىققا ئىگە بايلىق دېگىنىمىزدە، مەملىكەت بويىچە شىنجاڭنىڭ سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى ئالدىنقى قاتاردا، قېزىلما بايلىقى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ بايلىقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ھەم بايلىقتىن پايدىلىنىش قۇرۇلۇشىنى سىستېمىلاشتۇرۇش شىنجاڭدا ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى. شىنجاڭنىڭ كاپىتال ۋە تېخنىكا كۆجۈملەشكەن كەسىپلىرىنى يۈكسەلدۈرۈش بىلەن بىللە، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈش كېرەك، بۇنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئالاھىدىلىكى بىلەن ئىقتىسادنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى بەلگىلىگەن.
چۈشىنىش ھاسىل قىلىنغان مەدەنىيەت دېگىنىمىزدە، شىنجاڭ مىللەتلەرنىڭ كۆچىشىدىن شەكىللەنگەن ھەم مەدەنىيەت گىرەلەشكەن رايون، بۇ شىنجاڭنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنىڭ كاپالىتى.
‹‹شىنجاڭشۇناسلىق›› تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش
‹‹شىنجاڭشۇناسلىق›› شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ پەۋقۇلئاددە رايوننىڭ ئېكولوگىيە، جۇغراپىيە، تەبىئىي بايلىق، سىياسىي، ئىقتىساد، ئىجتىمائىيەت، مىللەت ۋە دىن ئىلىملىرىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان ئۇنىۋېرسال پەن. ‹‹شىنجاڭشۇناسلىق›› شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ نىشانى ۋە رامكىسى.
ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى دۇنياۋى مەسىلىگە ئايلاندى. رايوننىڭ كۆپ مەنبەلىكلىكى شىنجاڭ تەرەققىياتىدا چوقۇم دۇنيانى ئاساس قىلىش كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن؛ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ چەك سىزىقى؛ بايلىقنىڭ ئومۇمىيلىقى، مەدەنىيەتنىڭ گىرەلەشكەن بولۇشى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى تۈزۈشتە كۆپ تەرەپلىك، جانلىق بولۇشنى، گۇمانىتارلىق مەنىۋى قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇلار شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش نەزەرىيەسىنىڭ نېگىزى.
تارىخ ۋە رايون ئالاھىدىلىكى شىنجاڭ مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئاساسى، مەدەنىيەت بىلەن تەبىئىي بايلىق شىنجاڭ مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشنىڭ نېگىزى، ئېكولوگىيە ۋە بوستانلىق شىنجاڭ مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشنىڭ جېنى. ئاساس، نېگىز ۋە جان ‹‹شىنجاڭشۇناسلىق››نىڭ ھاياتلىق سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. ‹‹شىنجاڭشۇناسلىق›› شىنجاڭ ۋە شىنجاڭلىقلارغا پىرىنسىپ ۋە ئاڭ بەلگىلەپ بېرىدۇ، مانا بۇ ‹‹شىنجاڭشۇناسلىق›› جىددىي ھەل قىلىدىغان تۈپ مەسىلە.
قاراشنى ئۆزگەرتىپ، ساپانى ئۆستۈرۈش
قاراشنى ئۆزگەرتىپ، ساپانى ئۆستۈرۈش، بولۇپمۇ مەمۇرلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئاساسىي ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ يادروسى.
‹‹سىياسەت ئېتىبارىغا تايىنىۋېلىش، كۈتۈش، يۆلىنىش، ئېلىش>>;تەك تەييارتاپلىق قارىشىنى تۈگىتىش كېرەك. شىنجاڭلىقلاردا ئۇزاقتىن بۇيان چېگرا رايون، تەرەققىي قىلمىغان رايون بولۇشتەك رېئاللىققا تىز پۈكۈپ، ‹‹سىياسەت ئېتىبارىغا تايىنىۋېلىش، كۈتۈش، يۆلىنىش، ئېلىش>>تەك تەييارتاپلىق ئىدىيەسى شەكىللىنىپ قالغاچقا، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز. بۇنداق تەپەككۇر ئەندىزىسى ئۆزگەرتىلمىسە، شىنجاڭغا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى كۆپەيگەنسېرى، كىشىلەر تېخىمۇ ھۇرۇنلىشىپ كېتىدۇ، ئەمەلىيەتتە، بۇ تېخىمۇ زىيانلىق.
بۇنىڭدىن سىرت يەنە تۆت جەھەتتىكى قاراشنى ئۆزگەرتىش كېرەك، يەنى، بىرىنچى، ‹‹نوقۇل تەمىنلەش تىپىدىكى تەرەققىيات ئۇسۇلى››نى ‹‹خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىستېمالچىلارنى يېتەكلەش تىپىدىكى تەرەققىيات ئۇسۇلى››غا ئۆزگەرتىش؛ ئىككىنچى، ‹‹چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىش››نى ‹‹چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىشنى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، بولۇپمۇ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئاساسىي خام ئەشيا قىلغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش››كە ئۆزگەرتىش؛ ئۈچىنچى، ‹‹شىنجاڭ بازىرىغىلا مەركەزلىشىپ قېلىش››نى ‹‹شىنجاڭ بازىرىنى ئاساس قىلىپ، ئوتتۇرا، غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيا بازىرىنى ئېچىش››قا ئۆزگەرتىش؛ تۆتىنچى، ‹‹ئىقتىسادىي تەرەققىياتقىلا ئەھمىيەت بېرىش››نى ‹‹ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش››كە ئۆزگەرتىش كېرەك.
شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىيات نىشانىغا يېتىش – يېتەلمەسلىككە چېتىلىدۇ.
ئىگىلىك تىكلەپ بېيىش مۇھىتى يارىتىش
ئىقتىسادىي بازىس ئۈستقۇرۇلمىنى بەلگىلەيدۇ. ئىگىلىك تىكلەپ بېيىش مۇھىتى يارىتىش شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئاساسىي ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ كاپالىتى.
شىنجاڭ ئىگىلىكىدە كاپىتال كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى يۇقىرىراق، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئاستا بولماقتا. بۇ يەرلىك ئاھالىنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ بېيىش ئىدىيەسىنىڭ يېتەرسىز ۋە ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغىنىڭ كەمچىل بولۇشى بىلەنمۇ ھەم كارخانا تەرەققىياتىدا رەسمىيەتلەرنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشى، كارخانا تىجارىتىدە مارگىنال تەننەرخىنىڭ يۇقىرى بولۇشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. يېقىندا، دۆلەت سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ‹‹شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىش توغرىسىدا بىر قانچە پىكىر››نى ئېلان قىلدى، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك بازار سۇبيېكتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش قاتارلىق توققۇز جەھەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ تەدبىر شىنجاڭدا ئىگىلىك تىكلەپ بېيىشقا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ.
شىنجاڭ خەلقنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، خەلقنى ئىگىلىك تىكلەپ، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشقا يېتەكلەپ، ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، بېيىشقا ئىنتىلىش كەيپىياتىنى يارىتىشى كېرەك. خەلقئارا ۋە مەملىكىتىمىزدىكى تەرەققىي قىلغان رايونلارنىڭ تەجرىبىلىرى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تەرەققىي قىلسىلا، ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار زور نىسبەتتە كۆپىيىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ھەل بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
‹‹يېڭى كارخانىچىلار›› كۈچىنى توپلاش
شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش مۇقەررەر بىر تۈركۈم كارخانىچىلار قوشۇنىنى يېتىلدۈرىدۇ. شىنجاڭ تارىختىلا خەلقئارالىق سودا ئۆتىڭى ئىدى. بىر مەھەل جىمجىتلىقتىن كېيىن، ئالتۇندەك چاقنىغان يىپەك يولىدا شىنجاڭ قايتىدىن جۇلالاندى. 20 – ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، شىنجاڭدا يېڭى كارخانىچىلار توپى بارلىققا كەلدى. ‹‹يېڭى كارخانىچىلار›› مەركەزگە قاراشلىق كارخانىلار ۋە ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايونلارنىڭ شىنجاڭدىكى پېيى كونترول قىلىنىدىغان كارخانىلىرى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى كارخانىلىرىنىلا ئەمەس، ‹‹گۇاڭخۇي›› قاتارلىق بىر تۈركۈم يەرلىك كارخانىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ ماكانلاشقان ئىچكىرى ئۆلكە كارخانىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ‹‹يېڭى كارخانىچىلار›› يېڭى ئاتالغۇ بولۇپ، ئۆزگىچە كارخانىچىلار توپىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇلار شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا، غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيا رايونلىرىدا قەد كۆتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىش ئىستراتېگىيەسى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە كەسىپلەرنىڭ قايتا بىرىكىشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى غالىب كۈچكە ئايلاندى.
شىنجاڭنى قايتا تونۇش، ‹‹شىنجاڭشۇناسلىق›› نى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، ساپانى ئۆستۈرۈش، ئىگىلىك تىكلەپ بېيىشقا ئىنتىلىش، مۇھىتنى ياخشىلاش ۋە ‹‹يېڭى كارخانىچىلار›› كۈچىنى توپلاش ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئاساسىي ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنىڭ ئاچقۇچىغا ئايلاندى.