ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 10 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاپتونوم رايون 11 – بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداپ، ‹‹12 – بەش يىل››لىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئائىت خىزمەتلەرنى باشلاش پەيتىدە ئېچىلغان مۇھىم يىغىن، شۇنداقلا پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 5 – ئومۇمىي يىغىنى، مەركەز ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلغان، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 9 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا بېكىتىلگەن ئالاقىدار تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلار كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن مۇھىم يىغىن بولدى. يىغىندا، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 9 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا بېكىتىلگەن ئىستراتېگىيەلىك تاللاش ئەمەلىيەت قاتلىمىدىن چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلانى ئىلمىي پىلانلاندى، كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات توغرىسىدىكى ئومۇمىي تەلەپ ۋە نىشان – ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ يىغىن شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش، ‹‹12 – بەش يىل››نىڭ باشلىنىش قەدىمىنى ياخشى بېسىش، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى تاماملاشقا ئاساس سېلىشتا ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئاياغلىشاي دەپ قالغان 2010 – يىلى، شىنجاڭ تارىخىدا ئۆزگىچە بىر يىل بولۇپ خاتىرىلەنگۈسى. بۇ يىل، بىز يەنىلا خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ۋە ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىنىڭ قوش تەسىرىگە ئۇچرىدۇق؛ بۇ يىل، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ھەم مۇرەككەپ بولدى؛ شىنجاڭ بۇ يىل نامايەندە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى بەلگە، مەملىكەتلىك شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 9 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەلگىلىگەن شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى كونكرېت ئىسىتراتىگىيەلىك تاللاشقا ئاساسەن، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممە بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە، ماس قەدەمدە تەڭ كۈچ چىقىرىپ، داغدۇغىلىق ئىدىيەدە ئازاد بولۇش چوڭ مۇزاكىرىسى، چوڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقلاردىن قورقماي، تەرەققىياتنى قەتئىي تەۋرەنمەس ئىرادىمىز بىلەن پىلانلاپ، ‹‹شىنجاڭ ئۈنۈمى›› ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يولىمىزدىكى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تەرەققىياتنى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە تۈرلۈك خىزمەتتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى باشلىنىشنى قولغا كەلتۈردۇق.
ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرى تېز راۋاجلىنىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى تەدرىجىي ياخشىلىنىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيلىق مۇقىملىشىپ، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ روھىي ھالىتى جانلىنىپ، جۇش ئۇرۇپ ئىلگىرىلەۋاتقان ھاياتىي كۈچ ۋە چەكسىز گۈزەل ئىستىقبال نامايان بولماقتا. ‹‹12 – بەش يىل››دىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى پىلانلاش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، ‹‹تېزىس››تا بەلگىلەنگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
يۈكسەك تارىخىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، شەرەپلىك سىياسىي بۇرچ تۇيغۇسى ۋە خىزمەتتىكى كۈچلۈك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ئارقىلىق پۇرسەت ئېڭى ۋە خەۋپ ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىلمىي ھالقىش، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىش قەتئىي ئىشەنچىسى ۋە ئۇلۇغۋار ئىرادىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹شىنجاڭ ئۈنۈمى››نى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى پەللىدە ئىلمىي ھالقىشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا يېڭى مۆجىزىلەرنى يارىتايلى!