— مەركەزنىڭ ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنىدىن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۈزلىنىشىگە نەزەر
ئەمدىلا ئاياغلاشقان مەركەزنىڭ ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنىدىن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۈزلىنىشىگە نەزەر سالساق، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئاساسىي تېما قىلغان جۇڭگونىڭ ماكرو ئىگىلىكى مۇقىم، ساغلام ئايلىنىشنى ساقلايدۇ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى يەنىمۇ كۈچىيىدۇ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەش تېزلىشىدۇ، ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىدۇ...
ماكرو ئىگىلىكتە ‹‹ئاكتىپ››، ‹‹مۇقىم، ساغلام›› بولۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىلىپ، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلىدۇ
مەركەزنىڭ ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنى كېلەر يىللىق ماكرولۇق تەڭشەشكە ئاساس سالدى: ‹‹ئاكتىپ، مۇقىم، ساغلام بولۇش، ئېھتىياتچان، جانلىق بولۇش›› كېلەر يىلقى ماكرولۇق تەڭشەش سىياسىتىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشى بولىدۇ. باھا ئومۇمىي سەۋىيەسىنى مۇقىملاشتۇرۇش يەنىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلىدۇ.
‹‹ئاكتىپ›› ۋە ‹‹مۇقىم، ساغلام›› بولۇشنىڭ تەڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئاڭلىماققا زىددىيەتلىك سۆز بىرىكمىسىگە ئوخشىسىمۇ، مەركەزنىڭ كېلەر يىلىدىكى مۇرەككەپ ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە بولغان ئاساسىي ئىشەنچىسىنى نامايان قىلىپ، ماكرولۇق تەڭشەشنىڭ ‹‹تېز، توغرا، جانلىق›› بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپبەردى.
بۇ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىشىگە ئەگىشىپ، مال باھاسىنىڭ ئۆرلەش مەسىلىسى گەۋدىلىنىشكە باشلىدى. CPI نويابىردىلا ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە ياراتتى.
مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، كېلەر يىلى ماكرولۇق تەڭشەشنىڭ ئۈچ چوڭ نىشانى بار ئىكەن، بىر تەرەپتىن، قورۇلمىنى تەڭشەش، پۇل پاخاللىقىنى پەسەيتىش بولۇپ، بۇنىڭدا پۇل سىياسىتىنى تەڭشەش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش كېرەك ئىكەن، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىمۇ ئەندىشە بار ئىكەن، بۇنىڭغا ماس كېلىدىغان مالىيەنى كېڭەيتىش ۋاسىتىلىرىمۇ كەم بولسا بولمايدىكەن.
مەركەزنىڭ ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنىدا: ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە مۇقىم، ساغلام پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇش كېرەكلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار ئىشلىرى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇلىدۇ
‹‹يېزا ئىگىلىكىدە ئۈنۈم، ئاشلىق ھوسۇلى ئاشۇرۇلدى، دېھقانلارنىڭ كىرىمى كۆپەيتىلدى››. 2010 – يىلىدىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى يارقىن نۇقتىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن شىۋېن مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە ئۇدا يەتتە يىل ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما، ئىشلەپچىقرىش مىقدارى ۋە كىرىمنى ئاشۇرۇش ئاساسى ئانچە پۇختا ئەمەس، ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق قاتارلىق ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا تەمىنلەش ۋە تەلەپ مۇناسىۋىتى ئانچە كەڭرى ئەمەس، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە دېھقانلارنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغىتىش كېرەك.
مەركەزنىڭ ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنى مەملىكەتتىكى دېھقانلارغا نىسبەتەن ‹‹تىنچلاندۇرۇش دورىسى›› بولدى: يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا بولىدۇكى، ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە ئامالنىڭ بارىچە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاشلىق تېرىش كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ياردەم پۇلىنى كۆپەيتىپ، ئاشلىقنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىلىش باھاسىنى مۇقىم ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان رايونلارغا قارىتىلغان سېلىنما ۋە مەنپەئەت تولۇقلىما پۇلى سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
ئىسلاھات ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بېغىشلايدۇ
2011 – يىلى، پۈتكۈل ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا سىڭدۈرۈلگەن بىر ئاساسىي لىنىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئىسلاھات ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، ئەگەر ئىسلاھات كەمچىل بولسا، ئىقتىسادنىڭ سىجىل تەرەققىياتىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ كەم بولۇپ قالىدۇ.
مەركەزنىڭ ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنىدا مۇنداق دېيىلدى: 2011 – يىلى، ‹‹كىرىم تەقسىماتىنىڭ ئىسلاھات لايىھەسى تەتقىق قىلىپ بېكىتىلىدۇ››، ‹‹بايلىق بېجى ئىسلاھاتى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ››، ‹‹كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ››...
جۇڭگو (خەينەن) ئىسلاھات – تەرەققىيات تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى چى فۇلىن مۇنداق دېدى: ‹‹كىرىم تەقسىماتى ئىسلاھاتى تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىلنىڭ بىرى بولىدۇ. بۇ ئىسلاھات ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ ئىستېمال ئىقتىدارى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ››.
مەركەزنىڭ ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنىدا، ‹‹شەخسىي تاپاۋەت بېجى تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش››مۇ ‹‹كىرىم تەقسىماتى ئىسلاھاتى›› بىلەن تەڭ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر مۇھىم ئورۇنغا قويۇلىدۇ
مەركەزنىڭ ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنىدا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ‹‹ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەشتە چىڭ تۇرۇشنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشتىكى ئاساسىي يۆنىلىش قىلىش كېرەك››.
نوپۇزلۇق ئىقتىساد مۇتەخەسسىسى ۋاڭ چېڭ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەش ئۇزاق مەزگىللىك جەريان، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ ياخشى سۈپەتلىك تەڭشىلىشىنى مال باھاسى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىدىلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش جەھەتتە، مەركەزنىڭ ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنىدا ئىستراتېگىيەلىك گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش مۇھىم ئورۇنغا قويۇلدى. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىساد باشقارمىسى ماكرو ئىگىلىك بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ شياۋجىڭ مۇنداق دېدى: ‹‹يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، تۈجۈپىلىك ئىقتىساد يېڭى دەۋردىكى ئىچكى – تاشقى مۇھىت ئۆزگەرگەندىن كېيىنكى يېڭى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىدۇر. ئېنېرگىيەنى تېجەش، بۇلغىمىنى ئازايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئايلانما ئىقتىساد ۋە مۇھىت ئاسراش كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى تۆۋەنلەتكەندىلا، سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان جەمئىيەتنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ››.
ۋاڭ چېڭ مۇنداق دېدى: ئېھتىياج قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى ئاشۇرۇش ھازىرقى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم نۇقتا.
سىرتقا ئېچىۋېتىشتە سىياسەتنىڭ مۇقىملىقى ساقلىنىدۇ
مەركەزنىڭ ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنىدا مۇنداق دېيىلدى: ‹‹ئېكسپورت بىلەن ئىمپورتقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، چەت ئەل كاپىتالىنى جەلپ قىلىش بىلەن سىرتقا مەبلەغ سېلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇش››، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تاشقى ئىقتىساد باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ يەنشېڭ مۇنداق دېدى: ئىككى ‹‹تەڭ ئەھمىيەت بېرىش›› جۇڭگونىڭ تاشقى ئىقتىساد سىياسىتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە سىجىللىقىنى ساقلايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، مەركەزنىڭ ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنىدا سىرتقا مەبلەغ سېلىش ۋە چەت ئەل كاپىتالىنى جەلپ قىلىشنىڭ ھەر ئىككىسى مۇھىم، دەپ تەكىتلەندى. جاڭ يەنشېڭ مۇنداق دېدى: ئېلىمىز سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ‹‹ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى، مۇھىتنى كۆپ بولغايدىغان، بايلىق خاراكتېرىدىكى مەھسۇلات›› ئېكسپورتىغا قويۇلىدىغان چەكلىمىنى زورايتىپ، چەت ئەل كاپىتالىنىڭ ئىلغار ياسىمىچىلىق كەسپى، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەرگە ۋە ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى رايونلارغا سېلىنىشىغا ئىلھام بېرىش ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى