ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى قاتارلىقلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش قارار قىلىندى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 – دېكابىر تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 8 – دېكابىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ‹‹ئىشئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى›› ۋە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تالون باشقۇرۇش چارىسى››گە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش قارار قىلىندى.
ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ‹‹ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى›› لايىھەسىدە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداش چىقىش قىلىنىپ، ئالاقىدار تۈزۈملەر مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. (1) ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى تەتبىقلاش دائىرىسى كېڭەيتىلدى. لايىھەدە مۇنداق بەلگىلەندى: ھازىرقى بەلگىلىمە تەتبىقلانغان كارخانا ۋە ئىشلەمچى ئىشلىتىۋاتقان يەككە تىجارەتچىلەردىن باشقا، مەمۇرلار قانۇنى بويىچە باشقۇرۇلمايدىغان كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە پۇقراۋى كارخانا تىپىدا بولمىغان ئورۇنلار، فوند جەمئىيەتلىرى، ئادۋوكاتلىق ئورۇنلىرى، بوغالتىرلىق ئورۇنلىرى قاتارلىق تەشكىلاتلارمۇ ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك. (2) ئىشقا بېرىش ۋە ئىشتىن قايتىش يولىدىكى ئىش ئۈستىدە يارىلىنىشنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش دائىرىسى كېڭەيتىلدى. لايىھەدە مۇنداق بەلگىلەندى: ھازىرقى بەلگىلىمە تەتبىقلانغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ھادىسىسىدىن باشقا، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىشقا بېرىش ۋە ئىشتىن قايتىش يولىدا ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى سادىر قىلمىغان موتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى ھادىسىسىدە ياكى شەھەر رېلىس قاتنىشى، يولۇچىلار پاراخوتى، پويىز ھادىسىسىدە يارىلىنىشمۇ ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ. (3) ئىش ئۈستىدە يارىلىنىشنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، باھالاپ بېكىتىش ۋە تالاش – تارتىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپلىرى ئاددىيلاشتۇرۇلدى. لايىھەدە مۇنداق بەلگىلەندى: پاكىت، ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەر ئېنىق بولغان ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش ئىلتىماسىنى بېكىتىشتە، 15 كۈن ئىچىدە بېكىتىش قارارى چىقىرىلىشى كېرەك. (4) بىر قېتىمدىلا بېرىلىدىغان ئىش ئۈستىدە قازا قىلىش ياردەم پۇلى ۋە بىر قېتىمدىلا بېرىلىدىغان مىيىپلىك ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلدى. بىر قېتىمدىلا بېرىلىدىغان ئىش ئۈستىدە قازا قىلىش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ئالدىنقى يىلى مەملىكەتتىكى شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان، تەقسىملەشكە بولىدىغان كىرىمىنىڭ 20 ھەسسىسى بويىچە تەڭشەلدى. بىر قېتىمدىلا بېرىلىدىغان مىيىپلىك ياردەم پۇلىدا مىيىپلىك دەرىجىسىگە ئاساسەن، ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ بىر ئايلىقتىن ئۈچ ئايلىققىچە بولغان مائاشى قوشۇپ بېرىلىدۇ. (5) ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى چىقىم قىلىش تۈرلىرى كۆپەيتىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تالون باشقۇرۇش چارىسى›› 1993 – يىلى 12 – ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيان باج مەنبەسىنى نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش، باج كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلىشتا پائال رول ئوينىدى. كۈندىن – كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان يالغان تالون ياساش، سېتىش ۋە ئىشلىتىش، قانۇنسىز تالون كېسىش قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى چارە لايىھەسىدە ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرى تولۇقلىنىپ، جازالاش سالمىقى ئاشۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تالون باشقۇرۇش مەمۇرىي ئىجازەت تۈزۈمى تەڭشەلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.
يىغىندا، يۇقىرىقى ئىككى لايىھەگە ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ ئېلان قىلىپ يولغا قويۇشى قارار قىلىندى.