ئىچكىرىدىكى 200 دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىلەن ‹‹12–بەش يىل››لىق پىلان مەزگىلىدە ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى

يىغىن مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش
ئۆز مۇخبىرىمىز بۇئايشەم راخمان خەۋىرى ، فوتوسى : مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك مائارىپ خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن ، مائارىپ مىنىستىرلىقى ، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە 1–دېكابىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە ، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭدا ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەشكە ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى ئاچتى .
يىغىنغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن ، مائارىپ مىنىستىرلىقى مىللىي مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇللا ، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بيەن جىڭ ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق سەككىز مىنىستىرلىق ، كومىتېت ، بېيجىڭ قاتارلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە ، ئاپتونوم رايون ، بىۋاستە قاراشلىق شەھەردىكى مائارىپ خىزمىتىگە مەسئۇل رەھبەرلەر ، بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى .

ئەركىنجان تۇراخۇن يىغىنغا قاتنىشىپ مۇھىم سۆز قىلدى
يىغىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ، گوۋۇيۈەن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى خىزمەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىدۇ . ئىسلاھات ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ، دۆلەت شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار ئالاھىدە سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى . بولۇپمۇ ، 1989–يىلىدىن بۇيان ، شىنجاڭنى مائارىپ ، پەن–تېخنىكا بىلەن گۈللەندۈرۈش ۋە ئىختىساسلىقلار رايونى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭ بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى بەش قارارلىق ھەمكارلىق پىلانىنى يولغا قويدى . 2010–يىلى 9–ئايغا قەدەر ، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەر بۇ پىلانغا ئاساسەن ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەردىن 25 مىڭ ئادەمنى قوبۇل قىلىپ ، 12مىڭدىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى تەربىيەلەپ بەردى . نۆۋەتتە ، بۇ ئوقۇغۇچىلار تايانچ كۈچكە ئايلىنىپ ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشماقتا . ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پىلانى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خەلقلەرنىڭ دوستلۇق ئالاقىسى قويۇقلاشتى .
يىغىن مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش
يىغىندا ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقى تەكىتلىنىپ ، مائارىپ خىزمىتىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتى ۋە تارىخىي ئەھمىيىتى تولۇق چۈشەندۈرۈلۈپ ، دۆلەتنىڭ سىياسەت مەبلىغىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ، بولۇپمۇ نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ ، ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىشى تەلەپ قىلىندى .

شاڭخەي مائارىپ تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلى يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى
يىغىندا دۆلەتلىك سانائەت ۋە ئۇچۇر مىنىستىرلىقى ، شاڭخەي شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ، خېخەي ئۇنىۋېرسىتېتى ، جۇڭگو كۆمۈر سانائىتى ئۇنىۋېرسىتېتى ، غەربىي جەنۇب مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ، لەنجۇ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى ھەمدە مۇنەۋۋەر ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ ، ئۆزىنىڭ ئۈگىنىش تەجرىبىلىرىنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇردى .
يىغىن ئاخىرىدا ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مۇناسىۋەتلىك ئىدارە ، ئورگانلار ، يەرلىك ئورۇنلار ۋە ئىچكىرىدىكى 200 دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ بىلەن ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەش توغرىسىدا 6–قارارلىق كېلىشىم پىلان مەسئۇلىيەتنامىسىنى ئىمزالىدى .