باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> ئاكادېمىيە

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى 2010- يىللىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تىلشۇناسلىق تارماق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئاپتور: غ. ئوزغاريوللانغان ۋاقىت: 2010-11-29 16:54

    «ئىدىيەنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ، كۆزقاراشنى ئۆزگەرتىپ، قوش تىل مائارىپىنى ئىلمىي ئىلگىرى سۈرەيلى» تېمىسىدىكى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى 2010- يىللىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تىلشۇناسلىق تارماق يىغىنى 2010- يىلى 11- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى كۇتۇبخانا بىناسى 3- قەۋەت ئىلمىي مۇھاكىمە زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

    ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، تەتقىقاتچى ئابدۇرازاق تۆمۈر، ئاكادېمىيە باشلىقى، پروفېسسور ۋۇ فۇەخەن، مۇئاۋىن ئاكادېمىيە باشلىقى، ئالىي مۇھەررىر ئابدۇرازاق سايىم، مۇئاۋىن ئاكادېمىيە باشلىقى، دوتسېنت كۈلەن نىغمەت قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئىنستىتۇتى، مىللەتلەر ئىنستىتۇتى، جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتى، تارىخ ئىنستىتۇتى، دىن ئىنستىتۇتى، ئىقتىساد ئىنستىتۇتى، ژۇرناللار نەشرىياتى، كۇتۇبخانا، پەن تەتقىقات باشقارمىسى قاتارلىق قېرىنداش ئىنستىتۇت، باشقارما، بۆلۈملەر ھەمدە تىل ئىنستىتۇتىدىكى بارلىق خادىملار بولۇپ 50 تىن ئارتۇق ئادەم نۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى. مۇئاۋىن ئاكادېمىيە باشلىقى كۈلەن نىغمەت يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئۇ ئاۋۋال تىل ئىنستىتۇتىدىكى ئىلمىي خادىملارنىڭ بۇ يىل 9- 10- ئايلاردا جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭدىكى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. پارتكوم شۇجىسى ئابدۇرازاق تۆمۈر ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى، ئاكادېمىيە باشلىقى ۋۇ فۇخۇەن مۇشۇ تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆز قىلدى. رەھبەرلەرنىڭ سۆزىدىن كېيىن مەخسۇس تېمىلار بويىچە دوكلات بېرىش باشلاندى.

    تىل ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى مۇنەۋۋەر ئابدۇرېھىم «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى ئۇيغۇر ۋە قىرغىزلارنىڭ قوش تىللىق مائارىپىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتىن دوكلات» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى، ئۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاقسۇ، قىزىلسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق تۆت ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى قوش تىل مائارىپىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، ئوقۇغۇچىلار شارائىتى، دەرسلىكلەرنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بېسىمى، تىل شارائىتى... قاتارلىق 11 جەھەتتىن يىغىنچاقلاپ بايان قىلدى.

    تىل ئىنستىتۇتىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى ئايشەمگۈل ئابدۇرېشىت «بورتالادىكى موڭغۇللارنىڭ قوش تىل مائارىپىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتىن دوكلات» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى. ئۇ بورتالا شەھىرى، ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى مەكتەپلەرنى تەكشۈرۈپ، موڭغۇللارنىڭ ھازىر يۈرگۈزۈلىۋاتقان قوش تىل مائارىپىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقلارنى سەككىز جەھەتكە يىغىنچاقلاپ بايان قىلدى.

    تل ئىنستىتۇتىنىڭ پراكتىكانت تەتقىقاتچىسى، ماگىستىر ئازامات ئېركىنبېك «ئىلىدىكى قازاقلارنىڭ قوش تىل مائارىپىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتىن دوكلات» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى. ئۇ غۇلجا شەھىرى، تېكەس ناھىيەسى، قورغاس ناھىيەسىدىكى قازاق مەكتەپلەرنى تەكشۈرۈپ، قازاقلارنىڭ قوش تىل مائارىپىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى يەتتە نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ بايان قىلدى.

    مەخسۇس دوكلاتتىن كېيىن، نامجىل، دىلمۇرات ھوشۇر، لى شياۋشيا، لى شۇخۇي، ياسىن قۇمار، تۇنا، ئابدۇقېيۇم مىجىت قاتارلىق تەتقىقاتچى، مۇتەخەسسىسلەر پىكىر بايان قىلدى، ئاندىن مۇئاۋىن ئاكادېمىيە باشلىقى ئابدۇرازاق سايىم خۇلاسە خاراكتېرلىك سۆز قىلدى. ئاخىرىدا مۇئاۋىن ئاكادېمىيە باشلىقى كۈلەن نىغمەت خلاسە سۆزى قىلدى.

    نۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى قىزغىن كەيپىياتتا ئۆتۈپ، كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتتى ۋە بەلگىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

غ. ئوزغار
 مەنبە: تەھرىر: ئەكبەر ئابلىكىم

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى شىنجاڭنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇردى

زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا ئىدىيەدە ئازاد بولۇش كېرەك

مىللەتلەر ئورتاق كۈرەش قىلىش ، گۈللىنىش ، راۋاجلىنىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ، داغدام قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەيلى

ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يەنىلا ئەۋزەل كەسىپلەرگە تايىنىمىز

شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان19ئۆلكە،بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقلىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

ليۇ جايى ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

خەلق ئىشلىرى سىستېمىسى بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى جانلىنىپ كەتتى

مەملىكەتلىك خەلق ئىشلىرى سىستېمىسى شىنجاڭنىڭ خەلق ئىشلىرى تەرەققىياتىغا ھەر تەرەپلىمە مەدەت بېرىدۇ


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号