شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۇۋېرسىتېتى بىلەن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنستىتۇتى كونكرېت ئۈستىگە ئالغان «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ چاغداش ئەدەبىيات نەزەرىيەسى ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىلىك» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 2010- يىلى 10- ئاينىڭ 23-24- كۈنلىرى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۇۋېرسىتېتى خەلقئارا ئىلىم ئالماشتۇرۇش مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق رەئىسى، يازغۇچى بادەي، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى، ئاتاقلىق رەسسام غازى ئەھمەد، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ھېيتەم ھۈسەيىن، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئالىي مۇھەررىر ئابدۇرازاق سايىم، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋاھىتجان غوپۇر، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق مۇدىرى، ئاتاقلىق شائىر، تەرجىمان، پروفېسسور ئىمىن ئەھمىدى، شىنجاڭ رادىيو- كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شىلىن، شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش مۇھەررىر بالجا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئاتاقلىق شائىر بوغدا ئابدۇللا، ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزورچىلاردىن مۇھەممەد پولات، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم، قاۋسىلقان قامىجان، ئاتاقلىق يازغۇچى ئەھەد تۇردى، مۇھەممەد باغراش، شائىر ئابدۇللا سۇلايمان ۋە شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى، خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى قاتارلىق تەتقىقات ئورگىنى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىس، پروفېسسورلىرى، ھەرقايسى ئەدەبىي ژۇرناللارنىڭ باش مۇھەررىرلىرى ۋە مەسئۇل مۇھەررلىرى، يازغۇچى- شائىر، ئوبزورچىلار، ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى، شۇنداقلا شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى، ماگىستېر ئاسپرانتلىرى بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى.
شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى، شائىر مەھمۇد زەئىدى، تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، كاندىدات تەتقىقاتچى غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار، مىللەتلەر ئەدەببىياتى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى ئابدۇقەييۇم مىجىت قاتارلىق تەتقىقات خادىملىرى «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى ئۇيغۇر ئەدەبىي ژۇرناللىرى ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىلىك»، «‹ئانا يۇرت› رومانىدىكى ئىلى شېۋىسى»، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ساياھەت ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشى» قاتارلىق تېمىلاردا يىغىنغا تەييارلىغان ماقالىلىرىنى ئوقۇدى ھەمدە يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.