شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، كاندىدات تەتقىقاتچى غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار رىياسەتچىلىك قىلغان 2010- يىللىق دۆلەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر فوندىنىڭ تەتقىقات تېمىسى «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخى»نى باشلاش يىغىنى 2010- يىلى 10- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى 2- قەۋەت يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا ئاتاقلىق تىلشۇناس، تەتقىقاتچى مىرسۇلتان ئوسمان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور ئارسلان ئابدۇللا، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ۋەسىقىشۇناس، پروفېسسور نيۇ رۇجى (كاماندىروپكىدا بولغانلىقى ئۈچۈن يازما پىكىر ئەۋەتتى) مۇتەخەسسىس بولۇپ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. ش ئۇ ئا ر تەشۋىقات بۆلۈمى ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات تېمىلىرىنى پىلانلاش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەكبەر، خىزمەتچىسى شياۋ ۋاڭ، ئاكادېمىيە پەن تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لى شىڭلى ۋە باشقا ياندىن ئاڭلىغۇچىلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەزكۇر تېما مۇقەددىمىدىن باشقا تۆت بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى (ئورقۇن- يېنىسەي تىلى)، ئوتتۇرا قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى (قۇچۇ ئىدىقۇت تىلى ۋە خاقانىيە تىلى)، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى (چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر تىلى)، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بويىچە ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، يەنى شۇ دەۋر ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ شەكىللىنىشى، قىسمەن ئالاھىدىلىكلىرى قاتارلىقلارنى يورۇتۇپ بېرىشنى ئاساس قىلغان.
مۇتەخەسسىسلەر تېما مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ تېمىنى غەلىبىلىك ئىشلەش ئۈچۈن تېما مەسئۇلىنىڭ كۆرۈشكە تېگىشلىك ماتېرىياللىرى، يورۇتۇپ بېرىشكە تېگىشلىك نۇقتىلار، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ھەققىدە قىممەتلىك پىكىرلەرنى بەردى. تېما مەسئۇلى ئۇلارنىڭ پىكرى ئاساسىدا ئۆز تېمىسىنى ياخشى ئىشلەشتە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ھەم بۇ تېمىنى ياخشى تاماملاشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.