
سۆھبەت يىغىنىدىن كۆرۈنۈش
لۇ پەنپەن خەۋىرى: جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 26 – نويابىر ئاپتونوم رايونىمىزدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتى مۇزاكىرە قىلىندى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.


ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شۇجىچۇسىنىڭ 1 – شۇجىسى ۋاڭ يۈپۇ يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ گاڭ سۆز قىلدى، يىغىنغا جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جيۇڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.
ۋاڭ يۈپۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەتراپلىق تەشكىللەپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئىختىساسلىقلار بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، شىنجاڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، كەڭ ئېچىۋېتىش، زور تەرەققىياتىغا ئەقلىي ئىقتىدار جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك؛ شىنجاڭدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كادىرلىرىنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش خىزمىتىگە ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىش كېرەك، 2011 – يىلىدىن باشلاپ، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھەر يىلى جۇڭگو ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئىنستىتۇتىدا بىر قاراردىن ئىككى قارارغىچە شىنجاڭنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەھبىرىي كادىرلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئاچىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كادىرلار مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەشكە زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىپ، ئۈچ يىل ئىچىدە بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى بىر قېتىم نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەيدۇ؛ شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىشكە تەشكىللەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەتراپىغا ئەڭ كەڭ دائىرىدە ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك؛ خەلق تۇرمۇشى بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن شىنجاڭدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ساھەلەر بويىچە ئەمگەك مۇلازىمىتى ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر قوشۇنىنىڭ مۇقىملىقىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ مەدەنىيەت ساھەسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ كارخانا مەدەنىيىتى ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئەۋج ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىۋاتقان مەدەنىيەت ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، شىنجاڭدىكى ناھىيە (شەھەر)لىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى 12 شىنىڭ تۇەن – مەيدان ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىدا ‹‹ئىشچى – خىزمەتچىلەر كۇتۇپخانىسى›› قۇرۇپ، يۈرۈشلۈك ئۈسكۈنە ۋە كىتابلارنى سەپلەش كېرەك؛ ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە ياردەم بېرىش مەركىزى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر مەكتىپى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كادىرلىرى مەكتىپى، ئىشچىلار مەدەنىيەت سارىيى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ساناتورىيەسى قاتارلىق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بازىسى قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ياردەم قىلىنىدىغان جاينىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمەت شارائىتى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىپ، بەش يىلدا شىنجاڭدىكى ناھىيە (شەھەر) ۋە بىڭتۇەن قارىمىقىدىكى شىلارنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىرى پائالىيەت ئورۇنلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنى تىرىشىپ ياخشىلاش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يۇقىرى پەللە، يۇقىرى ئۆلچەمدە چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى سىستېمىسىنىڭ ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ياڭ گاڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرگە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئېچىلىشى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە چوڭقۇر مۇھەببىتى بارلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. ھازىر شىنجاڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىگە قەدەم قويدى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئىلمىي ھالقىپ، ئالدىنقىلاردىن ئېشىپ، ‹‹12 – بەش يىل››لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداش زىممىمىزگە يۈكلەنگەن يۈكسەك بۇرچ، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرى ۋە ئاممىسىنىڭ كۆڭۈل ئارزۇسى. مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ۋە قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ خالىس ياردىمىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئەمگەكچان ئامما تەرەققىياتنى ۋەزىپە دەپ بىلىپ، ئىلمىي تەرەققىي قىلىش، ئىلمىي ھالقىشتا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىپ، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.



ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە بىڭتۇەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەھبەرلىرى خىزمەت ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇردى، بېيجىڭ شەھەرلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.